ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5414 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىسپانىيە دۆلەت دىبىرىسى يىتىپ كىلىش ئالدىدا نۇرغۇن مۇنبەرداشلار مۇنبەر پۇلىدىن چىقىرىپ تاۋكا قۇرۇشۇپ،بىر تەرەپتىن مۇسابىقە كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۇرمەكچى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى مەستانە بولۇشقان كوماندىغا مەدەت بەرمەكچى بولۇشتى،گەرچە مۇنبەر پۇلىغا رىئاللىقتا بىر تال گازىر كەلمىسىمۇ ئەمما ،سەنسىز ،قادىخان،تەلھەقاتارلىقلارنىڭ مىليۇنلاپ مۇنبەر پۇلى تىكىشى نۇرغۇن مۇنبەرداشلارنى ھەيران قالدۇرماي تۇرالمىدى، بۇلار پۇلنى مەستانىداشلاردىن يىغىشىپ ،مۇشۇنداق كۆپ مۇنبەر پۇلىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ ،ئەمما يەنىلا مۇنبەرداشلار ھەيرانلىقىنى يۇشۇرۇپ قالالمىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ نەخ پۇلغا مۇنبەر پۇلى سىتىۋىلىش ئارزۇسىنىمۇ ئىپادىلەپ ئۆتۇشتى، يەنە بەزىلەر تىللاغا ( مۇنبەر تىللاسى ) مۇنبەر پۇلى ئالماشتۇرۇشنى دەپ ئۆتتى،بەلكىم ئالماشتۇرۇپمۇ بولغاندۇ،ئەمىلىيەتتە تىللامۇ نەخ پۇلغا كىلىدۇ،يەنە بەزىلەر نەخ پۇلغا تىكىشمەكچىمۇ بولدى،يەنە بەزىلەر مىھمان قىلىشقا ،مىدال ئىسىشقا دىگەندەك تىكىشىشلەرمۇ بولدى،بۇلار بىزگە ھىچقانداق تۇيۇلمىغىنى بىلەن ئەمىلىيەتتە مۇنبەر يۇزىدىكى ئاددى تاۋكا ،ئەمەلىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا ئالمىشىش دەۋرىدە تۇرۋاتدۇ دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ،گەرچە بۇ ئىشلار كىچىك بولسىمۇ ،ئەمما ۋاختىدا ئالدىنى ئالمىساق كىيىنچە چوڭىيىپمۇ قالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ،ھەمدە مۇنبەرگە كىرىدىغان كىشىلەردە يامان تەسىر پەيدا قىلىشتىن باشقا ،كىچىكلەرگە نىسبەتەن يامان ئىددىيەنى يۇقتۇرۇپمۇ قويىشى مومكىن ،شۇنداقكەن مۇنبەردە بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە تۇزەش مۇھىم بوپ قالدى دەپ قارايمەن،چۇنكى بۇنداق تاۋكالار بىربىرمىزنى ئويۇشۇشقا دەۋەت قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، كىچىكتىن باشلىنىپ يوغانمايدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ.
بەلكىم نۇرغۇنلار مىنىڭ بۇ پىكىرىمنى ئارتۇقچە ئەنسىرەش،قورقۇنچاقلىق دىگەندەك ئىبارىلەر سۆپەتلىشى مۇمكىن،ئەمما بىر نەچچە تورداش ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بۇ قىلمىشنىڭ ئەدەپ كىتىشىدىن ،شەكلى ئۆزگىرەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆز ھىسياتىنى،ئويلىغىنىنى يەتكۇزدى، مەنمۇ مەسئولىيەتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرسەم بۇ ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئىش بولماستىن بەكلى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىشكەن ،شۇڭا بۇ تىمىنى سىلەرگە سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
قىمار ئويناش قانداق قىلىمىش ؟
دۆلىتىمىزقانۇنىدا قىمار ئويناشقا نىسبەتەن ئىنىق قانۇن تۇرغۇزغان بولۇپ ھەر قانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ قىمار ئويناش ۋى قىمار ئۇيناشقا سورۇن ھازىرلىشى بىردەك قانۇن تەرپىدىن چەكلىنىدۇ. يەنى : ‹‹ جوڭخۇا خەلىق جومھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ››نىڭ 303 ماددىسىدا ،ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ پايدا تىپىش مەخسىدىدە ،توپلىشىپ قىما ئوينىشى ۋە سورۇن ھازىرلىشى بىردەك چەكلىنىدۇ،ھەمدە بۇنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۇۋەن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سىلىش جازاسى ياكى رىجىمغا ئىلىش جازاسى بىرلىدۇ،قىلمىشى ئىغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى 10 يىلدىن تۇۋەن قاماق جازاسى بىرلىدۇ ،قوشۇمچە جىرىمانە ئىلىنىدۇ دەپ بەلگۇلەنگەن.
‹‹جوڭخۇا خەلىق جومھۇرىيتى ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى ›› نىڭ 70 ماددىسىدا ،پايدا تىپىش مەخسىدىدە قىمار ئوينىغان،شارىئىت يارتىپ بەرگەنلەرگە دەسمايىسى بىر قەدەر كۆپ بولسا 5 كۇندىن تۇۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى ۋە 500 يۇەندىن تۇۋەن جىرىمانە قويىلدۇ، قىلمىشى ئىغىرراق بولسا 5 كۇندىن يۇقىرى 15 كۇندىن تۇۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى ۋە 500 يۇەندىن يۇقىرى 3000يۇەندىن تۇۋەن جىرىمانە قويىلىدۇ دەپ بەلگۇلەنگەن.
تۇۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلار ‹‹جوڭخۇا خەلىق جومھۇرىيتى ئامانلىق باشقۇرۇش نىزامى››نىڭ 32 ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيچە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە بۇيرىلىدۇ.
1- قىمار دەسمايىسى 5000يۇەندىن يۇقىرى بولغانلار
2-قىمار ئويناپ ج خ ئورەانلىرى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كىيىن قايتا قىمار ئوينىغانلار
3- كۆپ قىتىم قىمار ئويناش ئۇچۇن خەۋەر يەتكۇزگەن ،كۇزەتچىلىك قىلغان ،سورۇن قوغدىغانلار
4-باشقىلارنى قىمار ئويناشقا قۇتراتقان ،ئالدىغان بولسا
5-يول ،پىرىستان ۋوگزال قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا قىمار ئوينىغان بولسا
6- كۇپ قىتىم قىمار سورۇنى،قىما ئۇسكۇنلىرى ۋە ئالاقىلىشىش قۇراللىرى بىلەن تەمىنىلگەنلەر
دىمەك دۆلىتىمىزنىڭ قىمارغا نىسبەتەن ئىنىق ۋە قاتتىق بەلگىلىمىسى بار،شۇنداقكەن قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ھەر بىر پۇخرانىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئولىيىتى.
شۇنداقكەن بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشتا قىما ئوينىشىمىزغا قىلچىمۇ يول يوق ،مىللىتىمىزمۇ ئەزەلدىن قىمار ئويناشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ ھەم ئۇنىڭغاقارشى تۇردۇ،قىمار ئويناش قانۇنغا خىلاپ بولۇپلا قالماي يەنە ئىجتىمائى ئەخلاققا يات قىلمىش،چۇنكى ئۇنىڭ بىزگە زىيىنى بولسا باركى ھەرگىزمۇ پايدىسى يوق، چۇنكى قىما شۇنداق بىر خۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنكى :1-قىمار ئىنساننى جاپا چېكىپ ئىشلەشنى خالىمايدىغان، تەر تۆكۈشنى ياقتۇرمايدىغان، رىزىق تەلەپ قىلىشنىڭ ھالال يوللىرىنى ئېھتىرام قىلمايدىغان، ئۆز كەسپىدە تاسادىپىيلىق ۋە تەلەي سىناشقا تايىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
2-قىمار روناق تاپقان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىدىغان، مال دۇنيانى ھارام يول بىلەن يوق قىلىدىغان، بايلارنى كەمبەغەل، ئىززەتلىكلەرنى خار قىلىدىغان يامان قىلمىشتۇر.
3- قىمار ئۆز كەسىپداشلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىنىڭ ماللىرىنى ھارام يوللار بىلەن ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز ئارا ئۆچ ئاداۋەت پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
4- قىمار كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ۋاقتىنى بىكار قىلىپ، مىللەتنى ئىشلەپ چىقىرىشتىن يىراقلاشتۇرۇپ ھۇرۇنلۇق ۋە خامۇشلۇققا ئادەتلەندۇرىدۇ.
5-قىمار كىشىلەرنى جىنايەتكە ئىتتىرىدۇ، چۈنكى ئۇتتۇرۇۋەتكەن كىشى ئۆزىنىڭ مېلىنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ پۇل تېپىش ئۈچۈن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، پارىخورلۇق ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىق ناچار قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلىدۇ.
6- قىمار ئىنساننىڭ نېرۋىسىنى بۇزۇپ ئىزتىراپلىققا گىرىپتار قىلىدۇ . قەلبىدە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ، كۆپىنچە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ياكى ساراڭ بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
7- قىمار كىشىلەرنى ھاراق ئېچىش ۋە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشتەك ناچار ئەخلاققا ئىتتىرىدۇ . سورۇندىكىلەر بىر-بىرىگە ھەمراھدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ . ھەر بىرى يەنە بىرىنىڭ مەغلۇبىيتىنى كۆزلەيدۇ، ئۆزىنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن دو تىكىدۇ ، ئۇتقىنىمۇ ۋە ئۇتتۇرىۋاتقىنىمۇ ئوخشاشلا زىيان تارتىدۇ، ھەممىسى بېشى چۈشكەن، قاپىقى ساڭگىلىغان، ماغدۇرسىز ھالەتتە، ئۇتتۇرۋەتكىنى ئۇتتىۋالغىنىغا ئەتە ئۇچرىشىشقا ۋەدە بېرىپ روھسىز، كەيپىياتى تۆۋەن ھالدا قايتىدۇ. قىمارنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىلەر ۋەيران بولدى، ئاچ-يالىڭاچلىقتا قالدى، ئەر-ئاياللار ئايرىلىپ كەتتى، قىمار ئويناش ئۈچۈن ئالدامچىلىق قىلغانلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالدى . بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنى ۋە يۈز-ئابرۇيىنى قىمار سورۇنىدا دوغا تىكىدۇ، ھەقىقەتەن قىمار ھەممە نەرسىنى ۋەيران قىلىدۇ، گەرچە ئۇنىڭدىكى نىشان مال بولسىمۇ، لېكىن ،بىر-بىرىگە يامانلىق كۈتۈش، چۈشكۈنلۈك ۋە رەھىمسىزلىكتىن ئىبارەت يامانلىقنىڭ ھەممە تۈرلىرىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
خوش ،بىز ئەزەلدىن قىمارنى ياخشى كۆرمەيمىز ،ئۇنىڭغا ئارلاشمايمىز دەپ تۇرىمىزيۇ يەنە بىلىپ بىلمەي بەزى خاتالىقلارغا يول قويۇپ قالىدىكەنمىز ، مۇنبەر پۇلى نەدىن كىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە مۇنبەرداشلار تىما ئىنكاس يىزىپ،ياكى ئاي ئاخىرىدا موكاپاتلىنپ مۇنبەر پۇلىغاا ئىرىشىدۇ ،بۇنى ئىشلىتىدىغان يەر ئىنتايىن كۆپ ، سىز ياخشى يىزىلغان تما ئىنكاسلارنى باھالاپ قىرىنداشلىرىڭىزغا ئىلھام بىرەلەيسىز ،سىزنىڭ ئاددى كۇڭلىڭىز قىرىندىشڭىزنى تىخىمۇ ياخشى ئىنكاس ۋە تىما يىزىشقا رىغبەتلەندۇرىشى مومكىن ،بەللكم لاتارىيەدە ئالدىن پەرىزىڭىزگە تاينىپ تىككەن دولىرىڭىز ،ھەسسىلىنىپ قايتىپ كەلسە ئازراق بولسىمۇ مەۋھۇم خوشاللىقتىن بەھرىمان بولىسىز ، بىراق مەخسۇس قۇرۇلغان تاۋكادا زورىغا پۇل تىكىشىڭىز ،باشقىلارنى پۇل تىكىشكە زۇرلىشىڭىز ۋە مازاق قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى مۇنبەر پۇلىغا ئىرىشىش خىيالىغا ئەكەپ قويشىڭىز نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ ؟، ئۇتتۇرۋىتىپ پۇلنى يۆتكەپ بىرەلمىگەنلەرنىڭ يەنە مۇنبەرگە كىرىشى مومكىنمۇ ؟ ئۇلارنى خىجىللىقتا قويسىڭىز ،مۇنبەرگە نىمە پايدىسى بار؟، زۇرلاپ پۇل تىكىپ ،باشقىلارنى قىستىسىڭىز باشقىلار ناتوغرا يول ئارقىلىق مۇنبەر پۇلىغا ئىرىشسە بۇنىڭ جاۋاپكارى كىم بولىدۇ ،مۇنبەرگە كىرگەن كىچىكلەر خاتا چۇشۇنىپ ،بۇنى راس دەپ ئويلاپ قالسىچۇ ؟ تىللا سىتىۋىلىپ ،نەخ پۇلغا مۇنبەر پۇلى ئالماشتۇرماقچى بولغانلارنىڭ ماھىيتى يەنىلا ئويۇن ھىساپلىنامدۇ ، مۇشۇ سەۋەپلىك ئارمىزدا ئۆچمەنلىك ،غۇم ساقلاش كەيپىياتى بوپ قالسىچۇ ؟ ،بىر بىرىگە پۇل بىرىشىپ تۇرۇپ ئىناق كەيپىيات بارلىققا كەلگەندەك قىلغان بىلەن بۇنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدۇ ؟ بۇ قىتىم چوڭ تىككەنلەر كىلەر قىتىم مۇنبەر پۇلىغا قانداق ئىرىشمەكچى ؟ بىر تىما يازسىڭىز 100 مۇنبەر پۇلى ،ئىنكاس يازسىڭىز 5 مۇنبەر پۇلىغا ئىرشىسىز ؟ 1 مىلىيۇن مۇنبەر پۇلىغا ئىرىشىش ئۇچۇن قانچىلىك تىما ،ئىنكاس يازىمىز ؟ مەن 3 -ئايدىن باشلاپ 360 تىن ئارتۇق تىما يىزىپتىمەن،ھەر ئايدا دىگۇدەك موكاپاتمۇ ئىلىپ تۇرۋاتمەن، ئەمما مىنى 100مىڭنى تىكىڭ دىسە مەن قىلالمايمەن ، چۇنكى مەندە ئۇنداق جىق يوق ،بەلكىم لاتارىيەدىن ئۇتقانلارنىڭ جىقتۇ ،لىكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئەمەس، كىمنىڭ كىمدىن قالغۇسى بار ؟ مانا بۇلار بىز ئويلىنىپ باقىدىغان ئىشلار ، ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ سەۋەپلىك مۇنبەرنىڭ ئىناۋىتىگە تەسىر يەتسە بۇنىڭ زىيىنى يەنىلا بىزدەك پۇتبولخۇمارلارغا بولىدۇ ،بەلكىم مەن ئىشنىڭ يامان تەرپىنىلا كۆرۇپ يىتىپ ،ياخشى تەرەپلىرىنى ھىس قىلالمىغاندىمەن ،يەنىلا كۆپنىڭ كۆزى كۆپ ، ئەقلى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ، شۇڭلاشقا ھەر بىر مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ توغرىسىدا سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ بىقىشىنى، مۇنبەر باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بىرەر قارار چىقىرىشنى ئۈمۇت قىلىمەن ، ئارتۇق كەتكەن جايلىرى بولسا تۇزىتىش بەرسەڭلار قوبۇل قىلساق بولىدۇ ، چۇنكى ھەممىسى مۇنبەر ۋە ئۆزىمىز ئۇچۇن ئەمەسمۇ ؟ |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|