بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-19 23:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
تەنھەركەتچىلەر مەيداندا تاساددىپى يارلانغاندا پۈركۈيدىغىنى زادى قانداق دورا ؟
ھەر قانداق تەنھەركەتچى ماھارەت كۆرسەتكۈچە ياكى چىملىقتا توپ تەپكۈچە يارلىنىشتىن خالى بولغان ئەمەس . بولۇپمۇ پۇتبول مەيدانىدا يارلىنىش ئەڭ كۆپ يۈز بېردىغان بولغاچقا ، ھەر قانداق داڭلىق چولپانمۇ يارلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . تاشقى پىلانىت ئادىمى ، تەڭرىدىنمۇ قورقىمايدىغان مارادونا ، سېھرىگەر زىدانى ، سەنئەتكار رونالدىنھۇ ، ...ھازىرقى ئىككى گىگانىت چولپانمۇ يارلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلغان يېرى يوق .
ئۇنداقتا بىز دائىم مۇسابىقە مەيدانىدا ماھىرلار يارلانغان ۋاقىتتا كوماندا دوختۇرلىرىنىڭ بىر خىل پۈركۈش سۇيۇقلىقىنى ( ھازىرقى ياش باللارنىڭ تويدا چاچىدىغان پۈركۈگىچىگە )ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل پۈركۈگۈچى دورىنى ماھىرلارنىڭ يارلانغان ئورنىغا سېپىپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرشىغا ياردەم قىلدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز . ئەمما بىز ئۇ دورىنىڭ قانداق دورا ؟ قانداق ۋاقىتتا ئىشلىتىلىدۇ ؟ بىزنىڭ رايونىمىزدىكى دورىخانلاردا سېتىلامدۇ ؟ مەنمۇ مۇسابىقە ئوينىغىچە ئېلىۋالسام ئۆزەم ياكى باشقىلار يارلانغاندا شۇ دورىنى پۈركۈپ ئىشلەتسەم بولامدىغاندۇ ؟ دېگەندەك سوئاللار كاللىمىزغا كېلىپ قالىدۇ . نەچچە قېتىم دورىخانلارغا كىرىپ سۈرۈشتە قىلساقمۇ ئۇ خىل دورىنىڭ ئېنىق ئىسمى ۋە ئىشىلتىش ئۇسسۇلىنى بىلمىگەچكە ئامالسىز سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن ۋاقىتلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس . شۇڭا مەن بۈگۈن ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ بۇ خىل پۈركۈگىچى دورىنىڭ ئىشلىتىلشى ۋە بۇنىڭ قانداق دورا ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئازراق چۈشەنچە بەرمەكچى . مۇنبەرداشلارغا بۇ دورا ئەز قېتىپ قالسا بوۋاينىڭ ھاردۇقى شۇنىڭ بىلەن چىقىپ قالىدۇ .
بۇ خىل پۈركۈگىچى دورىنىڭ تەركىبى ، پۇرىقى ، قانداق ؟
بۇ خىل پۈركۈگۈچى دورا ‹‹خىلورلۇق ئېتان ›› ياكى ‹‹خىلورو ئېتول›› ( خىمىيەلىك فورمىلاسى C2H5Cl ) دەپ ئاتىلدىغان بىر خىل خمىيەلىك ماددىنىڭ يۇقىرى بېسىم بىلەن كىچىك قۇتۇلارغا قاچىلانغان تۇمان ھالەتتى دورا بولۇپ ، يارلانغان ئورۇنغا سېپىلگەندىن كېيىن خىلورو ئېتول ماددىسى تېزلىكە يارلانغان ئورۇننىڭ تېمپىراتۇرسىنى مېنوس 20 سىلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈرۈپ ، يارلانغۇچىدا مۇزلىغاندەك سېزىم پەيدا قىلىپ ۋاقىتلىق ناركوز قىلىدۇ . ۋە ۋاقىتلىق ئاغرىق توختۇتۇش رولىنى ئوينايدۇ . بۇ دورا رەڭسىز ھالەتتە بولۇپ ، دورىنىڭ پۇرىقى بىر خىل ئادىمنى مەسىت قىلىدىغاندەك دېماققا ئۇرلىدىغان بولۇپ ، پۇرىغان ئادەم ئىسپىرىتنكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان پۇراقنى سېزەلەيدۇ . بۇ ماددا دوختۇرخانلاردىمۇ كىچىك تىپتىكى ناركوز ئوكۇلىنىڭ تەركىۋى بولۇپ قىسمەن ئورۇنلارنى ناركوز قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ . دورا يارلانغان ئورۇنغا پۈركىلىپ 3 مىنۇتقىچە ئۈنۈمى كۆرلىپ ئاغرىق قويىدۇ . بۇ خىل خىمىيەلىك ماددا يەنە ھەر خىل ھاشارەت ۋە قۇرۇت ئۆلتۈرۈش دورىسى ، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭمۇ خام ماتىريالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا بۇ خىل پۈركۈش دورىسىنى ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى ياكى مەلۇم خىل ئۆسۈملۈكلەرگە دورا قىلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئىقدىسادى ئۈنۈم كاللىسىدا بار بولغان كىشىلەر بۇنداق ئەخمەقلىقنى قىلىپ يۈرمەيدۇ .
بۇ دورنى قانداق يارىلارغا ئىشلىتىشكە ماس كېلىدۇ ؟
تەنھەركەتچىلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇ خىل پۈركۈگچى دورا پەقەت ۋاقىتلىق ئاغرىق توختىتىدىغان بولۇپ ، ئادەتتە ، تېرە سۈرۈلۈش ، تېرە تىتىلىپ كېتىش ، خېددى خاراكتىرلىك يومشاق توقۇلما زەخمىلىش ، قان ئۇيشۇپ قېلىپ ئاغرىش ، يومشاق توقۇلمىلار ئىششىپ ئاغىرىش ، يېنىك دەرجىدىكى زەخمىلنىپ مۇسكۇللار بۆلۈنىپ كېتىش ، موسكۇللار سېقىراپ ئاغرىش ، شامال ۋە نەملىكتىن كېلىپ چىققان ئاغرىق . زەخمىلەنگەن ئورۇن يېرىڭداپ ياللۇغلىنىپ ئاغرىش ، يېنىك دەرجىدىكى بوغۇم قايرىلىپ كېتىش ، يېنىڭ دەرجدىكى پەي سوزۇلۇپ ياكى پەي تېتىلىپ كېتىش ، ... قاتارلىق يېنىك دەرجىدىكى زەخمە ئورۇنلىرىغا پۈركەپ ۋاقىتلىق ئاغرىق توختۇتۇش ئۈنىمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .
بۇ پۈركۈگۈچى دورىنى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغان يارىلار قايسى ؟
بۇ دورىنىڭ ۋاقىتلىق ھەم تار دائىردىكى ناركوز قىلىش خۇسۇسىيتى بولغاچقا ، مۇسابىقە جەريانىدا سۆڭەك سۇنغان ، پەي ئېغىر دەرجىدە زەخمە يېگەن ، بوغۇملار ئۆز ئورنىدىن چىقىپ كېتىش ، سوقۇلغاندىن كېيىنكى ئىچكى ئەزالار يارلىنىش ، كۆز ، قۇلاق ، ئېغىز قاتارلىق 5 ئەزانىڭ زەخمىسى ، مېڭىسى ئېغىر دەرجىدە سىلكىنىپ بېشى ئاغرىغان ، قان توختىماي چىقىۋاتقان . . . قاتارلىق يارلانغان ئورۇنلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . ( ئۈستۈدىكى رەسىندە كۆرسىتىلگەندەك ئېغىر زەخمىلەرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .)
بۇ دورىنىڭ رىئاكسىيە قىلىدىغان تەرىپىمۇ بارمۇ ؟
ئىسىڭلاردا بولسۇن خىمىيەلىك تەركىپ بولغان ھەر قانداق ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىگە مەلۇم نىسبەتتە زېيىنى بار . تېرىسى زىيادە سەزگۈر ، تېرىسىگە ئاسانلا باشقا ماي ۋە ماي تۈرىدىكى دورىلار رېئاكسىيە قىلدىغانلار بۇ دورىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا رېئاكسىيە خاراكتىرلىك بۇرۇن ياللۇغى بار كىشىلەر بۇ دورىنى پۈركىسە توختىماي چۈشكۈردىغان ، بۇرنىدىن سۇ ئېقىپ توختىماي ، دىماق پۈتۈدىغان ئالامەتلەر كۆرلىدۇ .ئىسپىرىت رېئاكسىيە قىلىدىغان كىشىلەرمۇ ، مەسىلەن ھاراق ئىچكەندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنى قىزىرىپ قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرلىدىغان كىشىلەر ئىشلەتسە بولمايدۇ . بۇ دورا كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆرۈش قۇۋەتى تۆۋنلەش ، ئېغىر بولغاندا قارىغۇ قىلىپ قويىشى ، ئېغىزغا پۈركىسە كۆڭۈل ئېلىشىش ، قۇسۇش ، ئېغىر بولغاندا ھوشۇدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . ( ئۈستى رەسىمسدە كۆرسىتىلگەندەك ئەھۋال كۆرۈلسە بۇ دورىنى ئىشلىتىشنى توختۇتۇڭ .)
بۇ پۈركۈش دورىسىنى ئىشلەتىش ئۇسسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ؟
بۇ دورا سىرىتتىن ئىشلىتىلدۇ ، يارلانغان ئورۇنغا ئۇدۇللاپ پۈركۈسەكلا بولىدۇ ، كۆزگە ، ئېغىزغا بۇرۇنغا كىرىپ كېتىتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېراقراق تۇتۇپ پۈركۈسەڭلار بولىدۇ . نورمال ئادەملەر بۇنداق سىرىتتىن ئىشلىتىدىغان دورىنى پۈركۈشنى بىلىدىغۇ دەيمەن .
ئۇنتۇپ قالماڭلار بۇ دورا پەقەت سېرىتتىن ئىشلىتىلىدۇ ، دورىنى بىر كۈندە يارلانغان ئورۇنغا 3 قېتىمدىن ئارتۇق پۈركۈشكە بولمايدۇ ، ئىچىشكە بولمايدۇ . ئىچكى ئەزالىرىڭلار يارلانغان ۋاقىتتا ئىچىمەن دەپ ئاغزىڭلارغا پۈركۈپ يۈرۈش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ . ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئىشلىتىشىگىمۇ بولمايدۇ . ھەممىڭلار بىلىسىلەر ھامىلدار ئاياللار ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ ، بۇنداق ئالاھىدە پۇراق ئۇلارنى بېئارام قىلىپ قويىدۇ . يېشىغا توشمىغان باللار يارلانغاندا چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىش كېرەك ، خالىغانچە پۈركۈپ قويۇشقا بولمايدۇ . ياشانغان كىشىلەرمۇ چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئىشلىتىشى كېرەك .
بۇنداق دورىنى رايونىمىزدىن تاپقۇلى بولامدۇ ؟
گەرچە رايونىمىزدا چەتئەلنىڭ ئىمپورىت قىلىنغان پۈركۈش دورىسى تېپىلمىسىمۇ ، دۆلەتىمىزدە ئىشلەپ چىقارغانلىرى خېلى كۆپ ، ھەم ئادەتتىكى دورىخانلاردىنمۇ تاپقۇلى بولىدىكەن . ماڭا كۆپرەك ئۇچۇرغىننى ھەم باشقىلار ئىشلىتىپ ئۈنۈمى كۆرۈلگەن ھەم دورىخانلاردا كۆپرەك تاپقۇلى بولدىغان بىر خىلىنى سىلەرگە تونۇشتۇراي . خەنزۇچە ئىسمى 云南白药气雾剂 بولۇپ ، ئۈستى رەسىمدىكى دورا شۇ ، بۇ دورىنىڭ تەركىۋى يۇقىردا مەن ئېيىتقاندەك ، باھاسىمۇ 50 يۈئەندىن تۆۋەن ئىكەن . گەرچە مەخسۇس چەتئەلدىكى تەنھەركەتچىلەر ئىشلىتىدىغىنى بولمىسىمۇ ، ئۈنۈم ۋە تەركىبى ئوخششىشىپ كېتىدۇ .
تېما مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يېزىلدى .
تېما مەنبەسى : تور دۇنياسى ۋە ئۆزەمنڭ قەلىمى .
|