elan ornielan orni
كۆرۈش: 1339|ئىنكاس: 31

دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرى خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-18 18:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyanqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-18 18:31  

   2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر قانچە مەيدان مۇسابىقىسى بۈگۈن ئەتىگەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

كولۇمبىيە 0 — 1 ئارگىنتىنا

   شىنجاڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 02:30 دا ئېلىپ بېرىلغان جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسى رايونى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 20-مىنۇتدا ئارگىنتىنا كوماندىسىدىن بىگلىيا بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي ئەڭ ئاخىرىدا ئارگىنتىنا مېھمان مەيداندا 0—1 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.



بىرازىلىيە 3 — 0 پېرۇ

   شىنجاڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 06:00 دا ئېلىپ بېرىلغان جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسى رايونى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ پېرۇ دۆلەت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 22 مىنۇت بولغاندا ۋېليەننىڭ پاس چىقىرىش بىلەن دوگىلاس كوستا بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە 58 مىنۇت بولغاندا دوگلاس كوستانىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئاگۇستو بىر توپ ئۇردى. بۇ ئۇنىڭ بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى توپى بولۇپ قالدى. 77 مىنۇت بولغاندا دوگلاس كوستا يەنە بىر توپ ئۇرۇپ بىرازىلىيە كوماندىسى 3—0 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.



ئۇراگىۋاي 3 — 0 چىلى

    شىنجاڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسى رايونى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇراگىۋاي دۆلەت كوماندىسى ساھىبخان بولۇپ چىلى دۆلەت كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. گۇدىن، پېرېيرا ۋە كاسېرىسلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن ئۇراگىۋاي كوماندىسى ئالدىنقى يىللىق جەنۇبىي ئامىرىكا چېمپىيۇنى چىلى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.



ئاۋىستىرالىيە 4 — 0 بېنگال

   2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە ئاۋىستىرالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بېنگال كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 6 مىنۇت بولغاندا ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىدىن كاھىل بىر توپ ئۇردى. 32 ۋە 37 مىنۇت بولغاندا كاھىل يەنە ئىككى توپ ئۇرۇپ قالپاق ئويۇنى ئوينىدى. 43 مىنۇت بولغاندا جېدناك بىر توپ ئۇردى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالماي مۇسابىقە ئاۋىستىرالىيەنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلاشتى.



جۇڭگو شىياڭگاڭ 0 — 0 جۇڭگو

   شىنجاڭ ۋاقتى 17-چىسلا كەچ سائەت 18:00 دە ئېلىپ بېرىلغان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ بىر مەيدان قىززىق نوقتىلىق مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىز شىياڭگاڭ كوماندىسى بىلەن دۆلىتىمىز كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۆلىتىمىز كوماندىسى قاتتىق تىرىشىپ، كۈچەپ ئوينىغان بولسىمۇ تەلەي كەلمەي، كىرگەن توپمۇ ھېساب قىلىنماي ئىككى تەرەپنىڭ تەڭلىشىپ قېلىشى بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى. دۆلىتىمىز كوماندىسى گورۇپپىدا داۋاملىق 3-ئۇرۇندا تۇردى.



قاتار 3 — بوتان

   شىنجاڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ئاسىيا رايونى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە قاتار كوماندىسى بىلەن بوتان كوماندىسى مۇسابقىلەشتى. نەتىجىدە قاتار كوماندىسى 3 توپ ئۇرۇپ غەلبە قىلدى ھەم 6 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە تولۇق غەلبە قىلىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.



ياپونىيە 2 — 0 كامبودژا

   ياپونىيە كوماندىسى بىلەن كامبودژا كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ئالدىنقى مەيداندا ھەر ئىككى تەرەپ توپ ئۇرالمىدى. كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىنىڭ 51 مىنۇت بولغاندا كامبودژا كوماندىسى ئۆزىگە بىر خائىن توپ ئۇردى. 91 مىنۇت بولغاندا خوندا بىر توپ ئۇرۇپ ياپونىيە كوماندىسى غەلبە قىلدى.



كورىيە 5 — 0 لائوس

   كورىيە كوماندىسىدىن سۈن شىڭمىن 2 توپ ئۇردى. ئومۇمىي نەتىجىدە كورىيە كومانىدىسى 5 توپ ئۇرۇپ قارشى تەرەپنى قىرغىن قىلدى.



ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2 —1 مالايسىيا

   ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئۆمەر دۇنياۋى بىر توپ ئۇردى.  مالايسىيا بىر توپ قايتۇرۋالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-18 18:35:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:41:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىزنىڭ ئىشى پىشىپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 18:41:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 18:35
مۇنبەردېشىمىز بايرېننىڭ يوللىغان ‹‹ دوستلۇق مۇسابىقى ...

دەل شۇ لىكىن بۇ ئۇنىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسىدۇر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىگلىيا دىگەن قايسى كوماندىدا توپ تىپىدىغاندۇ؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:47:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلتىمزنىڭ  مۇسابىقسد  كىرگەن توپمۇ  ھېساپ قىلنمىدى ،ھېلقى  ۋارتار سىزىق تېخنىكىسى ئ‍اسىيادا يوقما ؟
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 18:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا- يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 18:46
بىگلىيا دىگەن قايسى كوماندىدا توپ تىپىدىغاندۇ؟؟؟؟

ئاندېرخېلىتمۇ ئەيىنخوۋىنمۇ ئىشقىپ مۇشۇ ئىككىسىدىن بىرسىغۇ دەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-18 18:52:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 18:44
ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغىنى دەيلى .....

نەشىرى يۇقىرى كۆتىرىلگەن نۇسخىسى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:56:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزىقتىن ئۆتۈپ بولغان توپنى ئۇرۇپ چىقىرۋەتسە كىرمىگەنگە چىقىرۋەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:58:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا- يوللىغان ۋاقتى  2015-11-18 18:46
بىگلىيا دىگەن قايسى كوماندىدا توپ تىپىدىغاندۇ؟؟؟؟

ئىتالىيە بىرلەشمىسى لازىئو كوماندىسىنىڭ  5-نۇمۇرلۇق توپچىسى  ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-18 18:58:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتار 3-؟بوتان بولدى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 21:24

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش