elan ornielan orni
كۆرۈش: 1736|ئىنكاس: 38

ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقە ۋاقتى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-17 17:06:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-17 15:09  

QQ截图20151117150913.png

   ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2016-يىللىق فىرانسىيە ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ مۇسابىقە كۈن تەرتىپ جەدىۋىلىنى ئېلان قىلدى. مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە فىرانسىيەنىڭ 10چوڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. تۈنجى مەيدان باشلىنىش مۇسابىقىسى  6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى  سەھەر سائەت 01:00 (شۇ جاي ۋاقتى 10-ئىيۇن كەچ سائەت 21:00 دە باشلايدۇ) . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 11-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 01:00 دە باشلايدۇ.
باشلىنىش  ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە  فىرانسۇز دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 22:00 دە 24كۈچلۈك كوماندىغا چەك تارتىلىدۇ.

    QQ截图20151117150901.png

   گۇرۇپپا مۇسابىقىسى  6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ؛ 8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 23-ئىيۇندىن 28-ئىيۇنغىچە؛ 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 1-ئىيۇلدىن 4-ئىيۇلغىچە؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 7- ۋە 8-ئىيۇل؛ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 11-ئىيۇل ئېلىپ بېرىلىدۇ.

    2016-يىللىق فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئەسلىدىكى 16 دىن 24 كە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، 36 مەيدان گۇرۇپ مۇسابىقىسى ۋە 15 مەيدان شاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ جەمئى 51 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدۇ، كوماندىلار 4 تىن 6 گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ.

   گۇرۇپپا مۇسابىقە ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە كەچ سائەت 19:00 ، 22:00 ، سەھەر سائەت 01:00 دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   8\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە   ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە كەچ سائەت 19:00، 22:00 ، سەھەر سائەت 01:00 دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

   8كۈچلۈك مۇسابىقىسىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 01:00 دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

    QQ截图20151117144750.png

    قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن 22كوماندا: فىرانسىيە (ساھىبخان) ؛  ئىسپانىيە ؛  گېرمانىيە ؛  ئىنگىلاند ؛  پورتىگالىيە؛ بىلگىيە ؛  ئىتالىيە  ؛  رۇسىيە ؛  شىۋىتسارىيە ؛  ئاۋسترىيە ؛   كرودىيە ؛  ئىسلاندىيە ؛  چېخ ؛  ۋېلىش ؛ پولشا ؛  ئالبانىيە ؛  سىلۋاكىيە؛  رۇمىنىيە ؛  ئاۋستىرىيە ؛  تۈركىيە (ئەڭ ياخشى 3-بولغان كوماندا)، ئېرلاندىيە ، ۋېنگىرىيە؛
  
    بىكىتىلگەن دەرىجە ئايرىمىسى

   1-دەرىجە (ئۇرۇق كوماندىلار):  ئىسپانىيە (ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىئون) ؛ گېرمانىيە ؛ ئىنگىلاند ؛  پورتىگالىيە؛ بىلگىيە؛  فىرانسىيە (ساھىبخان)

   2-دەرىجە:  ئىتالىيە ؛ رۇسىيە ؛  شىۋىتسارىيە ؛ ئاۋسترىيە ؛ كرودىيە ؛  بىكىتىلمىدى

   3-دەرىجە:   بىكىتىلمىدى

   4-دەرىجە:  ئىسلاندىيە ؛ ۋېلىش ؛ ئالبانىيە ؛ شىمالىي ئېرلاندىيە ۋە ئىككى كوماندا

   ئىزاھات:

   1.  ساھىبخان فىرانسىيە كوماندىسى ئۇرۇق كوماندا سالاھىيتى بىلەن  بىۋاستە A گۇرۇپپىغا كىرىدۇ.

   2. ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىئون ئىسپانىيە كوماندىسىمۇ ئوخشاشلا ئۇرۇق كوماندا بولىدۇ.

   3. دەرىجە ئايرىش قائىدىسى :  %20 2012-يىلدىكى ياۋرۇپا لوڭقىسى نەتىجىسى (تاللاش مۇسابىقىسىمۇ ھېسابلىنىدۇ) ، %40 2014-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى نەتىجىسى (تاللاش مۇسابىقىسىمۇ ھېسابلىنىدۇ) ، %40  2016-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى  تاللاش مۇسابىقىسى نەتىجىسى

  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-17 17:11:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-17 17:14  

نېھال تازغا بولاپ بېرىدىغان بولدىدە ، نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ رونالدو ... لارنىڭ ماھارىتىن ھوزۇرلانغاچ ، ئىتالىيە ياكى فىرانسىيەنىڭ چىمپىيون بولغىنىغا شاھىت بولىدۇ ، بىرە چولپان توپ ئۇرۇپ ماڭ قالا مەن مەشەدە دەپ ۋاقىرغاندا ، ئۆزىنى زى پەي قىلىپ بىر پارچە رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئىچىم ھەسەت ئوتىدىن ئۆرتىنىپ ، خەپ بۇداقى مەيدان مۇسابىقىنىڭ بېلىتىنى يۈتتۈرۈپ قويغايسە دەپ قارغاپ چىقمەن ...خى خى خى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 17:12:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيەنىڭ چىمپىيون بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 17:13:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-11-17 17:11
نېھال تازغا بولاپ بېرىدىغان بولدىدە ، نەق مەيداندا ئول ...

يو سەن قېرىنى زە ئاشۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 17:28:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇرۇپپا مۇسابىقىللىرىنىڭ ۋاقتى شىنجاڭ ئالتۇن ۋاقتىكەن.  ئىسپانىيەنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىنى ئۈمىد قىلساممۇ فىرانسىيە سۇقۇپ كىتىدىغاندەكلام بۇ لوڭقىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 17:39:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيە، بېلگىيە، ئېنگىلاند، گېرمانىيە مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن چېمپىيۇن چىقىشى ئېنىقمىكى دەپ ئويلايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 17:48:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم بولسا بىزنىڭ ئالتۇن ۋاقتىمىزغىمۇ خىلى مۇسابىقە بار ئ‍ىكەن ياخشى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 17:51:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېچلىق  بولسا  كۇرۇمىز .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 18:02:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخى باكەنغۇ   مۇسابىقىگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 18:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋىستىرىيە 2 قېتىم يېزىلىپ كىتىپتۇ ، تۇركىيەنىڭ دەرىجىسى تېخى بىكىتىلمەپتۇدە   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 18:04:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaxatux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-17 18:05  

ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 11-ئىيۇل ئوينىلىدۇ دەپ يېزىلىپ قاپتۇ،،، باشلىنىش مۇسابىقىسى 11-ئىيۇل باشلايدۇ،ھەلقىلغۇچ 11-ئىيۇن ،،،مۇشۇ يەرنى ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-17 18:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇرۇپ مۇسابىقىللىرى ياخشى ۋاقىتتىكەن ،   ئۇخلىساڭ بولمامدۇ دىگەن  گەپلىنى ئاڭلىغاچ  كۆردىغان ئوخشايمىز  شاللاشنى .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 15:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش