ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 31 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەن بۇ مۇسابىقىنى تولۇق كۆردۈم،يىڭىدىن قۇرۇلغان داغدام پۇتبول كوماندىسى يىڭىشەھەردىكى بۇ مۇسابىقىنى سۈر توقاي قىلىپ چىمپىيون بولدى.بۇ قىتىمقى مۇسابىقىنىڭ مۇكاپات سوممىسى ئاز بولسىمۇ تەسىرى بەك چوڭ بولدى.مىسالەن:ئەنسار كوماندىسى ئاتۇشلۇق چولپانلاردىن تەڭرىتاغ يىلپىزىدىكى شەۋكەت،نامى چىققان سابىق تاشئالمىدىكى نىزامىدىن،يەرلىك توپچىلار مەمەتچان قاتارلىق ماھىرلارنى تەكلىپ قىلغان.داغدام كوماندىسى ھازىر دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى يەنبىيەن كوماندىسىدىكى ئەخمەتجان،شاڭخەي شىنخۇا توپ تەپكەن ئابدۇكىرىمجان،تەڭرىتاغ يىلپىزىدىكى ئابدۇلئەزىز(سابىت)،پورتىگالىيەدە توپ تەپكەن مەخمۇت،داڭلىق ۋارتا ئەكرەم
،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدىكى ئالىمجان،يەرلىك چولپان مىرادىل قاتارلىق ماھىرلارنى تەكلىپ قىلغان.داۋائى غىزايى كوماندىسى قەشقەر 10-ئوتتۇرا باللىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن.مىرەخمەتجان كوماندىسىدا سابىق تاشئالمىدىكى 10-نۇمۇر ئەخمەت،مەخمۇت،ئابىل قاتارلىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلغان.تالماس كوماندىسى تەڭرىتاغ يىلپىزىدىكى يەھيا،كونا ئەمىن كوماندىسىدىكى ساقاجى قاتارلىق چولپانلارنى تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ قىتىملىق مۇسابىقىنى قوللىغان ئورۇنلار خىلى كۆپ چىقىم قىلغانلىقىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس.بۇ قىتىمقى مۇسابىقە شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 5كىشلىك مۇسابىقە تۈرىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك ،جەلپ قىلارلىق مۇسابىقە دىسەك ئارتۇق كەتمەس. داغدام كوماندىسى بۇ مۇسابىقىنى ئەڭ چىرايلىق ئوينىغان كوماندا بولۇپ تاماششىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشتى. لىكىن مەن بۇ مۇسابىقىدە قارا پۇشتەك چالغاننى ھىس قىلمىدىم . ئاخىرىدا ھەرقايسى كوماندىلارنى قوللىغان كارىخانچىلارغا رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن ،سىىلەر سەۋەپلىك بىز تاماششىبىنلار شۇنداق كاتتا مۇسابىقىلاردىن ھوزۇر ئالالىدۇق.
|
|