ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 9627 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەقىقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-9 12:06
11-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 17ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى چىلى پايتەختى سانتىياگودىكى دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوينالدى. ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىككى ئافرىقا دۆلىتى مالى بىلەن نىگىرىيە كەسكىن تىركەشتى،نىگىرىيە كوماندىسى بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە 4قېتىم دۇنيا چىمپىيۇنى بولغان ، مالى بولسا بۇلتۇرقى ئافرىقا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ئىدى،مۇسابىقە باشلىنىپ 3مىنۇت بولغاندا نىگىرىيە كوماندىسى بىر نۇقتا توپ ئۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ مالى قاپقىچىسى بۇ توپنى توسىۋالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 0-0ئاياغلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 56مىنۇت بولغاندا نىگىرىيە كوماندىسى تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ بىر توپ ئۇردى،توپ ئۇرغۇچى بولسا نىگىريەنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى ئوسمىئېن بولۇپ بۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ قېتىملىق ياشلار دۇنيا لوڭقىسىدا 10توپ ئۇرۇپ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولدى. 3مىنۇت ئۆتۈپلا نىگىرىيە كوماندىسى مالى قاپقىسىغا يەنە بىر توپ ئۇرۇپ غەلىبىنى مۇقىملاپ قويدى ، بۇنىڭ بىلەن نىگىرىيە كوماندىسى نۆلگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن مالىنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولدى ،شۇنداقلا بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە 5قېتىم چىمپىيۇن بولۇپ رىكۇرت ياراتتى.
3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى بىلگىيە مېكسىكىنى يېڭىپ بۇ تۈردە 3-لىكنى قولغا كەلتۇردى.
مەنبە: 搜狐首页 |
|