ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2847 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئۇيغۇر پۇتبول مۇنبىرى ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ماكانى، ھەممىمىزنىڭ مۇنبىرى، بىزنىڭ مەنىۋى ئۇزۇق بۈشۈكىمىز!
كەمىنىنىڭ لاتارىيە ئۇقۇمى باشلانغۇچ سەۋىيەدە بولسىمۇ، ئاز تۇلا قەلەم تەۋرىتىپ باقتىم. مۇنبەرداشلارغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ھەممىمىزگە مەلۇم، مۇنبەر لاتارىيەخانىسى بىزنىڭ كوماندىلارغا بولغان چۈشەنچىمىزنى ( ھازىرقى، يېقىنقى ئەھۋالى، جەڭ تاكتىكىسىنى، تارىخى ئۇچرىشى، ئۆچ-ئاداۋەت، يادرولۇق ئەزالار، يارىدارلار سېپى، مەشقاۋۇل، ساھىپخان، مىھمان مەيدان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار )، مۇسابىقىنىڭ خارەكتىرى، مۇھىملىق دەرىجىسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىزنىڭ قىسمەن ھىسسى سىزىمىمىزنى ئارلاشتۇرغان ئاساستا بىزنىڭ مىڭىمىزدە ھۆكۈم قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرلىش جەريانىدۇر. ئىشىنىمىزكى بىز مۇسابىقىدە تىككەن كوماندا ئۇتۇپ غەلبە قازانسا بىز قەۋەتلا خۇشال بۇلىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز لاتارىيە سېتىۋالغان كوماندا يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ئۇقۇملاردىن باشقا يەنە تاشقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە، تەلەي ئامىلىغىمۇ زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ بىزنىڭ چىرايىمىزدا غەلبە جىلۋىسى ئەكىس ئىتىدۇ.
لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارغا بولغان تەكلىپ:
1. زىيادە مۇتلەقلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىش لازىم. دۇنيادا مەڭگۈلۈك 1-نۇمۇر بولمايدۇ. بۇنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ. ئاجىز كوماندا كۈچلۈك كوماندىنى ئۇتىدىغان ئىشلار ساماندا بىر.
2. ھىسسى تۇيغۇدىن ئامال بار ئۈزىڭىزنى تارتىڭ. ئادەم جانلىق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھىسياتتىن ئايرىلالمايدۇ. بىراق زىيادە ھىسسى سىزىمغا تايىنىش دەل خاتالىقنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.
3. قارا قۇيۇق بارلىق لاتارىيەگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش كىرەك. سىزدە بەلگىلىك دەرىجىدە چۈشەنچە بولمىسا، مۇسابىقە ئەھۋالىغا، نەتىجىسىگە بولغان ئەقلى تەپەككۇر ئارقىلىق چىقىرىلغان دەسلەپكى ئۇقۇم بولمىسا، يەنى كوماندىنى چۈشەنمىسىڭىز سېتىۋالمايلا قۇيۇڭ.
4. سوممىسىنى مۇۋاپىق بىكىتىش كىرەك. بار مەغلەغنى غالتەككە چىقىرىش ئاقىلانە تاللاش ئەمەس. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن چىقىش ئىشىكى قالدۇرۇڭ. چىكىنىشكە ئۇرۇن قالدۇرۇڭ.
5. باشقىلارغا قارا-قۇيۇق ئەگىشىشتىن ساقلىنىش كىرەك. ھەر كىمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش ئەمەس. كوماندىغان بولغان چۈشىنىشى ئوخشاش ئەمەس. ئەلۋەتتە ئاتالمىش تاساددىبى نەتىجىلەر پۇتبول مەيدانىدىكى دائىملىق تەبىئەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت. باشقىلار تەڭلىشىشىگە تىكسە سىزمۇ تەڭلىشىشىگە تىكسىڭىز بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە سىزمۇ تەڭلىشىشى مۇمكىن دەپ قارىغاندا شۇنداق تىكسىڭىز بۇلىدۇ. بىراق قارا-قۇيۇق باشقىلارغا ئەگىشىش توغرا بۇلىشى ناتايىن. مەيلى لاتارىيە شىركىتى بولسۇن، ياكى مۇنبىرمىز لاتارىيەخانىسى بولسۇن مۇسابىقە نەتىجىسىنى تېپىش ھەممىسى ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن بولغان ئىشلار. ھېچ بىر ئىنسان غەيىپنى بىلمەيدۇ.
6. مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ ئۈچ خىل بۇلىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ. مۇسابىقىدە ساھىپخان كوماندا ئۇتۇش. ساھىپخان كوماندا تەڭلىشىش ۋە ساھىپخان كوماندا ئۇتتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل مۇسابىقە نەتىجىسى بار. سىزنىڭ پەقەت بىرلا تاللاش يۇلىڭىز بار. دىمەك سىزنىڭ غەلبە قىلىش ئىھتىماللىقىڭىز پەقەت 33 پىرسەنىت!
مۇنبەرداشلارنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشىغا پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قاراپ مۇنبەرگە يوللاندى. مۇنبىرىمىزدىكى لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ كەمىنىنىڭ ئالى-جوقا سۆزلىرىمگە نىسپەتەن مىنى خىجىل قىلماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. كەمىنىڭ لاتارىيە ئۇقۇمى توغرىسىدىكى ئۇقۇمى باشلانغۇچ سەۋىيەدە. سىزلەرنىڭ تېخىمۇ مول چەشەنچىلىرىڭىز ئارقىلىق تەربىيەلىنىشكە مۇھتاجمەن. لاتارىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرى ئارقىلىق بۇ چالا-پۇلا يېزىلغان تىمام جۇلالانسا بۇ مەن ئۈچۈن شەرەپتۇر!
|
|