elan ornielan orni
كۆرۈش: 925|ئىنكاس: 23

17ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەقىقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-6 17:44  

خەلقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 17ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ  چىلىدا ئۆتكۈزۈلمەكتە، 11-ئاينىڭ 2-كۈنى مېكسىكا كوماندىسى 2-0نەتىجىدە ئېكۋادۇر كوماندىسىنى يېڭىپ 4كۈچلۈككە كىردى ، يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە بىلگىيە كوماندىسى 1-0كوستارىكانى يېڭىپ 4كۈچلۈككە كىردى، ئۇندىن بۇرۇن ئافرىقىدىن كەلگەن نىگىرىيە كوماندىسى 3-0 بىرازىلىيىنى ، مالى كوماندىسى1-0 كىرۇدىيەنى يېڭىپ 4كۈچلۈككە كىرىپ بولغان ئىدى. BbsImg144419969498344_440_251.jpg

بۇ قېتىمقى 17ياشلىقلار دۇنيا لوڭقىسىغا جەمئى 24 دۆلەت قاتناشقان بولۇپ ھەرقايسى قىتئەلەرنىڭ قاتناشقان كوماندىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ياۋروپا:  گېرمانىيە ،فىرانسىيە، ئېنگىلانىد، بىلگىيە ، كىرۇدىيە، رۇسىيە
جەنۇبىي ئامېرىكا:  بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا، ئېكۋادۇر، پاراگۋاي، چىلى
ئاسىيا: كورىيە، چاۋشىيەن، سۈرىيە، ئاۋىستىرالىيە
ئافرىقا: مالى. گېۋىنىيە، نىگىرىيە، جەنۇبىي ئافرىقا
شىمالىي ئامېرىكا:  مېكسىكا، ئامېرىكا، كوستارىكا، ھۇندۇراس
ئوكېئانىيە:  يېڭى زېللاندىيە

بىلگىيە كوماندا ئەزالىرى
BbsImg144513805321351_580_326.jpg


ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە 11-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەر سائەت 2دە  بىلگىيە كوماندىسى بىلەن مالى كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇتۇشتى، بىلگىيە كوماندىسى ئاۋال بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ كېيىن مالى كوماندىسى  بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مالى كوماندىسى يەنە ئىككى توپ ئۇرۇپ بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن بىلگىيىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە بۆسۈپ كىردى.

يەنە بىر مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە  ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن نىگىرىيە بىلەن مېكسىكا كوماندىسى ئېلىشتى، مۇسابىقىدە مېكسىكا كوماندىسى ئاۋال بىر توپ ئۇردى، كېيىنچە نىگىرىيە كوماندىسىنىڭ 10-نومۇرلۇق ماھىرى بىۋاستە ئىختىيارى توپ تېپىش ئارقىلىق نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، ئارقىدىن 20-نومۇرلۇق ماھىرى يىراقتىن دۇنياۋى سەۋىيىلىك بىر توپ ئۇرۇپ نىگىرىيە كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مېكسىكا كوماندىسىنىڭ 2-نومۇرلۇق ماھىرى ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىگە تايىنىپ قارشى تەرەپنىڭ 4ئادىمىنى ئالداپ ئۆتۈپ بىر توپ ئۇرۇپ نومۇرنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا نىگىرىيە كوماندىسى ئىككى توپ ئۇرۇپ ئىككىگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن مېكسىكىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ئالدىنقى قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى مېكسىكا بىلەن نىگىرىيە ئوينىغان بولۇپ ئۇ مۇسابىقىدە نىگىرىيە نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن مېكسىكىنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولغان ئىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 11-ئاينىڭ 8-كۈنى نىگىرىيە بىلەن مالى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدۇ.
مالى دۆلەت بايرىقى
6a63f6246b600c3396aedfec1e4c510fd9f9a13a.png

نىگىرىيە دۆلەت بايرىقى
u=3646055900,2175456594&fm=21&gp=0.jpg

ئارگېنتىنا بىلەن گېرمانىيە گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە
BbsImg144552099693938_586_355.png

فىرانسىيە بىلەن پاراگۋاينىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسى
BbsImg14455618925655_988_543.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-6 17:58:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 17:59:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگىرىيەنىڭ ياشىلىردىن ئاچمايدىغان ئوخىشايدۇ  بۇ لوڭقا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 18:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىى كىمكىن دىسەم ،ھەقىقەتكە قايىتقان مىسسىكەنغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 18:11:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالى چىمپىيون بۇلۇپ قالامدىكىن                 
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 18:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 18:29:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئافرىقا دېربىسىغا ئايلىنىپ قاپتۇغۇ ھەل قىلغۇچ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 18:31:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوڭقا ئافرىقىغا ئوڭچە قاپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 18:55:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالى  كۆتەرگۈدەك بۇ  لوڭقىنى  .  
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 19:03:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوراز1 يوللىغان ۋاقتى  2015-11-6 18:27
نىگىر،مالى، مىكسىكا، بىلگىيە،بىلگىيەنىڭ شۇملىرىمۇ قا ...

تېمىنى ئۇبدان ئۇقۇماپسىزغۇ، بۈگۈن سەھەردە مالى بېلگىيەنى شاللاپ يېرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى دەپتۇ، ھەل قىلغۇچ ئىككى ئافىرىقا دۆلىتى نېگىرىيە بىلەن مالى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 19:11:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-6 19:22:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-23 02:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش