ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 299 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاڭلىشىمچە ئارسىنال ئۆزىگە ئۇخشىماسلا ئويناپتىمىش، كىيىن بىلسەم روبىن چىقىپلا بىرنى ئۇرۇپتىمىش، موللىرنىڭ گۈللىرى يارىشىپ ئۆتۈپ كەتتى دىگەن ئۆسەك سۆزلەرمۇ يىغىپ كەتتى، قالغىنىنى مۇسابىقىنى تولۇق كۆرگەن دانىشمەنلىرىمىز ئۆزى بىرنەرسە دىمىسە مىنىڭ تىلىم كۆيگۈدەك.....
چىلسىغا كەلسەك: نىمە؟ ئەلۋەتتە كۆرمىدىم ئۇ مۇسابىقىنى، سورىما بولدى سەۋەبىنى، ئەمما چىلسىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپلا تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى شۇنداقلا بۈگۈنكى تەلەينىڭ چىلسىغا كۈلۈپ قارىغىنىنى ھىس قىلدىم. ھەم خۇش بولدۇم. دىمەك مورىيىنيۇ چىلسىدىن ئالدىراپ كەتمىگۈدەك........ ھە راس كوستا مەيدانغا چۈشتىما؟؟؟؟؟
ئەمدى رىمغا كەلسەم ئۇنىڭمۇ ئازراق بىر قىسمىنى كۆردۈميۇ يەنە كۆرمەسكە سىلۋالدىم. رىمنىڭ بۇ نەتىجىسىگە قايىل بولمىسا ئۆزۈمنى زورلاپ بولسىمۇ رىمنى شۇنداقلا مۇنبىرىمىزدىكى رىم مەستانىسى توتتىنى مەجبۇرى مۇبارەكلەشنى لايىق كۆردۈم.
شۇنىڭ بىلەن ھە شۇنىڭ بىلەن نۆۋەت بەسەيلوناغا كەلدىما............
بۇنىڭغا نىمە دەي ئەمدى. يارلانسا بولمايدۇ دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرغان راكتىچ يارلىنىپ چاتاق قىلدى. راكتىچ ھازىرچە بارسىلوناغا بىرتال يىراقتىن ئۇرۇلغان توپ قەرىز.
ھە راس مسسىنى ئالىدغانلار بارمۇ؟؟ مەن بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ سەپ شەكلىنى 4 3 3 دىگەندىن 4 4 2 دەپ تەھلىل قىلدىم. مۇشۇنداق ئوينىسىمۇ بولىدىكەنغۇ مانا.
ھەي قىرلىق ھەي قىرىلىق، ئىنىستا بىلەن ئارۋىسنى نىمانداق بۇرۇن قىرىتۋەتكەنسەن دەيمە. ئۇنى دىسەم بۇ تۇغان، بۇنى دىسەم ئۇ تۇغان، ئىشقىلىپ چىرايلىق مۇسابىقە بولدى. نىيمار ئىككى توپ. سۇئارىز بىر توپ، مۇبارەك بولسۇن بارسىلونا، مۇبارەك بولسۇن مۇنبەردىكى بارسىلونا مەستانىلىرى... |
|