ئۇنىڭ مۇشۇ ئىككى يىل جەريانىدىكى كۆپرەك ئىشلەتكەن سەپ شەكللىرىنى كۆرۈپ باقايلى
3-3-4
بۇ سەپ شەكلىدە لام ئوڭ بىك ئورنىغا قايتىدۇ ، گوتزې بىلەن كوستا ئىككى قاناتنى ئوينايدۇ . ئالدىنقى پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ كۆمۈش شاھى يېقىندا بايرىننىڭ مۇشۇ سەپ شەكلىگە ئۇچراپ قېلىپ ئېغىر ھەرەج تارتتى.
1-3-2-4
بۇ سەپ شەكلى بىلەن مېينىزنى مېھمان مەيداندا 3-0 ئۇتقان . بۇنىڭدا كوستا بىلەن كومان ئىككى قاناتنى ئوينايدۇ .
2-2-2-4
بۇ سەپ شەكلىنى ئالدىنقى پەسىلنىڭ بېشىدا بىر مەزگىل قوللانغان ، بۇنىڭدا مۇداپىيە ئېڭى كۈچلۈكرەك رود بىلەن ئالونسو ئالدىغىراق سۈرۈلگەن ، يانات ئويناپ نامى چىققان شاچىرى بولسا ئارقا بەلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
1-4-1-4
بۇ سەپ شەكلى يېقىندا ئارسىنالغا ئۇتتۇرۋەتكەندە ئىشلەتكەن سەپ شەكلى ، بۇنىڭدا مۇللېر بىلەن كوستا ئازراق كەينىگە سۈرۈلگەن .
2-1-2-1-4
بۇ سەپ شەكلىنى ئالدىنقى پەسىلنىڭ باشلىرىدا ئىشلەتكەن ، ئالاھىدىلىكى بولسا يان بىك ئالابا بىلەن لام ئوتتۇرا كىراي رايونىغىچە سۈرۈلگەن.
2-3-1-4
بۇ سەپ شەكلىدە روبىن ئالدى بەل ئوينايدۇ ، گوتزې بىلەن رېربىرى ئىككى قاناتنى ئوينايدۇ .
2-5-3
كولون كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە ، پېپ ئوتتۇرا مەيدانغا بەش توپچى قويدى .
3-4-3
گۇئاردىئولا بارسادا تولا سىناق قىلىپ مەغلۇپ بولغان سەپ شەكلى . بايرىندا خېلى قوللىنىۋاتىدۇ . ھانىۋىرنى مۇشۇ سەپ شەكلى بىلەن يەڭدى
2-1-4-3
بۇنىڭدا يەنىلا ئۈچ ئوتتۇرا بىك قوللىنىدىغان بولۇپ ، گوتزې ئالدى بەلدە ئوينايدۇ .
3-1-2-1-3
گۇئاردىئولا ئۈچ ئوتتۇرا بىك ئىشلىتىپ ئوتتۇرا مەيداننى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ سەپ شەكلىدە لام بىلەن ئارگانتىرانىڭ ئورنى خېلىلا ئالدىغا سۈرۈلگەن .