elan ornielan orni
كۆرۈش: 1199|ئىنكاس: 26

قەشقەر بىرلەشمىسى 3-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-2 20:14  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  . مۇنبەردىكى ۋە مۇنبەرنى سىرىتتىن پۈتۈن شىجاڭ خەلىقى ھەممىڭلارغا كەمىنە بوۋايدىن ئوتلۇق سالام .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونلۇق مەدەنىيەت ئېدارىسى ، شىجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەستىقلىغان ،  قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ، قەشقەر بىرلەشمىسى يەنى ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىسى ، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 11-ئاينىڭ 1-كۈنلىرى ، قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينالدى  .

002.jpg

003.png

001.png

mmexport1446455898744.jpg

mmexport1446455939661.jpg

mmexport1446455937525.jpg



بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنى قولىلغان ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئورۇنلار تۆۋەندىكىچە : بۇ قېتىملىق مۇسابىقە قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيتىنىڭ قوللىشى بىلەن ‹‹ قەشقەر جەسۇر ياش -  ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش مەركىزى ›› دە ئۆتكۈزىلىۋاتدۇ . ‹‹ قەشقەر جەسۇر ياش -  ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش مەركىزى ›› مۇسابىقىنى تەشكىللەپ ،  ئۇيۇشتۇرۇپ ، ۋە مۇسابىقە مەيداننى ھەقسىز تەمىنلەپ بەرگەن بۇلۇپ . ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن ‹‹ قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش مەركىزى ›› نىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز .
قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئۈچۈن 30 مىڭ يۈئەن نەق پۇل چىقارغاندىن باشقا يەنە مۇسابىقىنىڭ داۋالاش خىزمىتىدىن ئېبارەت جاپالىق خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان .
شىنجاڭ  ‹‹ چېمپىيون تەنتەربىيەسى ›› رېپىرلار ۋە مۇسابىقگە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ كېيمىنى ھەقسىز تەمىنلىگەن .
قەشقەر ‹‹سەبەھ تەنتەربىيە كېيىملىرى باش دۇكىنى رېپىرلارنىڭ ھەر خىل ئۈسكۈنلىرى بىلەن تەمىنلىگەن .
قەشقەر ئەنسار تەنتەربىيە كېيىملىرىنى توپ پارچە سېتىش ئورنى توپ ۋە مۇسابىقىگە ئىشلىتىلدىغان لوڭقا قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىگەن .
قەشقەر ئەلنۇرى سودا چەكلىك شىركىتى رېپىر ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ پۇتۇن مۇسابىقە پەسىلدىكى ئىچىملىك سۈيىنى تەمىنلىگەن .
قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلىق دوختۇرخانسى ‹‹ پەرىشتىلەر ئاشخانىسى ›› رېپىرلارنى مۇسابىقە جەريانىدا ھەقسىز تاماق بىلەن تەمىنلىگەن .
قەشقەر داۋايى غىزا ئۈگرە پولوخانىسى پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدە تەنھەركەتچىلەرگە تاماق باھاسىدا 20 پىرسەنىت ئېتىبار قىلىپ قۇلايلىق يارتىپ بەرگەن .
كونىلارنىڭ تاما - تاما كۆل تولار دېگەم تەمسىلىگە ئاساسەن ، ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىكى ھەر قايسى ساخاۋەتچى سودىگەر ۋە شىركەت - ئورۇنلارنىڭ يېقىندىن قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىملىق مۇسابىقە داغدۇغۇلۇق ھالدا 3- ئايلانمىغا قەدەم قويدى . ماھىرلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى بولۇپلا قالماي ، مەيدان سىرتىدىكى تاماششىبىن جۈملىدىن پۇتبولخۇمار قەشقەر خەلىقىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە بەرگەن باھاسى ئالاھىدە ياخشى بولماقتا . بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ھازىر قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلىق ئاممىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇتبوخۇمار قېرىنداشلارنىڭ دېققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ ، باشقا رايۇنلاردىكى مەستانىلەرمۇ پۇرسەت چىقىرىپ مۇسابىقە كۆرۈپ كېلىشكە تەلپۈنمەكتە ،  ئىشىنىمىزكى موشۇنداق پۇتبول سۆيەر ساخاۋەتچىلەر ۋە دىيارىمىز پۇتبولى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىدىغان تۆھپىكار باغۋەنلەر ئۈزۈلۈپ قالمايدىكەن ، بىز رايونىمىز پۇتبولىنى ھامان بىر كۈنى دۇنيا ئەھلىگە تونىتالايمىز . ھۇررا شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى !!!!!!!

سۈرەتتىكىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ، ۋە بىرلەشمە ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان تۆھپىكارلار .

mmexport1446455941648.jpg

QQ图片20151102192819.jpg


جەسۇر ياش -ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش مەركىزىگە تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلگەن كىچىك دوسلار :


011.png

4545.jpg

sdfds.jpg

mmexport1446455958033.jpg

قەشقەر جەسۇر ياش -ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ، بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئۆتكۈزىلىشىگە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ، دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۋاتقان ئەكبەر مۇئەللىم خىزمەت ئۈستىدە .

QQ图片20151102193236.jpg


تۆۋەندە مەن 3- ئايلانما مۇسابىقىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى ئېيتىپ ئۆتىمەن .


شەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر :

ئەزىز تەن كوماندىسى  3-7 نۇرلۇق كوماندىسى كوماندىسى .
ھەسەن - ھۆسەن  5-6 قەشقەر ھۇررا كوماندىسى .
فىڭ يۈ (风雨)  كوماندىسى 3-4 تەيئەيەي كوللاگىنلىك پېپدىد كوماندىسى .
تالماس كومانىدىسى ( چوڭپار كوماندىسى )2-2 ئەلدىيىك كوماندىسى .
ئۈمىد كوماندىسى 0-4 چېمپىيون كوماندىسى .
ئەلنۇرى كوماندىسى 2-2 老男孩  كوماندىسى .


يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىلەر :

2-دوختۇرخانا كوماندىسى  0-2 داغدام كوماندىسى .
ئەنسار كوماندىسى  0-4 سەبەھ  كوماندىسى.
(MHD)  كوماندىسى 6-3 شەجەر كوماندىسى .
جەسۇر ئېمپورىتلىرى (خانجاي كوماندىسى ) 2-5 ئېبىن سىنا كوماندىسى .  
خىڭ شىڭ تەكشۈرۈش كوماندىسى 0-8 زەپەر كوماندىسى .
220-قىسىم كوماندىسى 0-8 تالماس كوماندىسى .


مۇسابىقىدىن نادىر سۈرەتلەر :
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن رەسىملەر تەپسىلى چۈشەندۈرۈلمىدى . كېيىنكى ئايلانمىدا ھەممە كوماندىنى ئايرىم ئايرىم چۈشەندۈرۈپ ماڭىمىز .

QQ图片20151102200316.jpg

fdchgfdfdgfd.jpg
mmexport1446466147677.jpg
mmexport1446466152835.jpg
mmexport1446466155353.jpg
fdgf.png
033.jpg
022.png
QQ图片20151102201153.jpg
QQ图片20151102201208.png
QQ图片20151102200038.jpg
QQ图片20151102200024.jpg
QQ图片20151102200008.jpg
QQ图片20151102195951.jpg
QQ图片20151102200054.jpg
QQ图片20151102200116.jpg
QQ图片20151102200128.jpg
QQ图片20151102200155.jpg
QQ图片20151102200259.png
QQ图片20151102200237.jpg
QQ图片20151102200221.jpg
QQ图片20151102200208.jpg
QQ图片20151102200334.jpg
QQ图片20151102200350.jpg
QQ图片20151102200404.jpg
QQ图片20151102200520.png
QQ图片20151102200449.jpg
QQ图片20151102200433.png
QQ图片20151102200417.jpg


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-2 20:22:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىندان بېگىنىڭ تېمىلېرىنى ئوقۇماق تەسلىشىپ كېتىپ بارىدىغۇ.  دىيارىمىز پۇتبولىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىگە تېزراق يېتىشىۋېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:34:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قەشقەر بىرلەشمىسنىڭ كىلەر يىلى توختاپ قامماي بارغانسىرى تەرەققى قىلشىنى ئۈمىد قىلمە . بوۋاي دوختۇرخاندىكىلەنى ئىتتىكرەك ساقايتىپ جاھانداچىلىق قىلغىنى قويمامسىلە ماندا ڭھڭھھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ بولسا تىخىمۇ تەرەققى قىلىش نىسىپ بولسۇن !   
مالانىڭ مۇسابىقىسى بەك قىززىدى بەلكىم  ھەممىسى كەسپىپۇتپولچىلا ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:39:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا توۋا مەن قەشقەردىكى ۋاقىتتا  مۇشۇنداق مۇسابىقىلەردىن بىر مەيدان  كۆرۇشكە شۇنداق تەقەززا بولۇپ كىتىمەن لىكىن تاپالمايمەن ،مەن كەتكەندىن كىيىن كۆرەي دىسەم بارالمايمەن ..............ئەجەپ بىر ئىش بولىۋاتىدۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:41:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋايكا ئۆزلىرى تارتقان رەسىملەرمۇ بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:45:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي يەنە يېڭىلىپتا،    تېرىنىر ئىشتىن چۈشسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:51:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 20:53:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي ئالغا           
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-2 20:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەسەددۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2015-11-2 20:41
بوۋايكا ئۆزلىرى تارتقان رەسىملەرمۇ بۇ

يا يا تارتقان رەسىملەر ئەمەس . . . مەن مۇسابىقىدىن 1000 كىلومىتىر يىراقلىقتا ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 21:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-11-2 20:55
يا يا تارتقان رەسىملەر ئەمەس . . . مەن مۇسابىقىدىن 1000 كى ...

شۇنى دەيمەن قاچان بىرىۋالغاندۇ قەشقەرگە دەپتىمەن  تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 21:08:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانجاي كوماندىسى يىڭىلىپ قاپتىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 16:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش