ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6873 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-2 18:59
ھەش-پەش دىگۇچە مۇنبەردىكى ئاددى ئەزادىن باشقۇرغۇچىغا ئايلىنىپتىمەن، ئويلاپ باقسام بۇ جەرياندا نۇرغۇن تىما ئىنكاسلارنى يىزىپتىمەن،كۆرۇپتىمەن،نىمىلەرگە ئىرىشىپ نىمىلەردىن مەھرۇم قالغانلىقىمنى ھازىرغىچە ئىنىق بىلىپ كەتمىدىم، بىلىدىغىنىم مەۋھۇم دۇنيادا نۇرغۇن بىلىمگە ئىرىشىپتىمەن،كىچىكلىتىلگەن ئۇيغۇر جەمىيىتنىڭ كارتىنىسىنى مۇنبەرداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن كۆرۇپ بەزىدە كۇلۇمسىرىسەم،بەزىدە ئىغىر ئۇھسىنىشقا مەجبۇر بوپتىمەن،بەزىدە قەلەم تولپارىمىنى چاپتۇرسام،بەزىدە نەپرەت ھىسلىرىمنى ئاچچىق ئىسقا يۆگەپ يۇرۇپتىمەن،نۇرغۇن قىتىم تىمىلارنى ئوقۇپ،كونۇپكا تاختىسىغا قولۇمنى يۇگۇرتىپتىمەنۇ،دەرھال قولۇمنى تارتىۋاپتىمەن، ئۇزۇندىن بۇيان بىر ئىشنى ئويلاتقان ،بۇگۇن مۇنبەرداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئىستىگىدە يەنە كونۇپكا تاختىسىغا ئىلتىجا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
مۇنبەرگە كۇندە دىگۇدەك يىڭى تىمىلار يوللىنىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىلىدۇ،مانا بۇ بىزنىڭ كۇندە مۇنبەر ئارلىشىمىزنىڭ سەۋەبى،ئۆزىمىز خالىغان خەۋەر ياكى تىمىلارنى ئوقۇيمىز دە دەرھاللا ئىنكاسقا ئالدىرايمىز،ھەتتا بەزىمىز تىمىنى چاپا-پۇچۇق ئوقۇپلا ،ئالدىراپ ئىنكاسقا تۇتۇش قىلىمىز،مەخسىدمىز ئىنكاسقا بىرىلدىغان 5 ياۋرو بولمىسىمۇ ،ئەمما نىمىشقىكىن ئالدىرايمىز،بەزىلەر تىمىنى كۆرۇپلا چىقىپ كىتىدۇ،ئىنكاس دىگەنلەرنى ئويلاشمايدۇ،ئەگەر زىتىغا تەگكۇدەك بىرەر ئىنكاسنى كۆرۇپ قالدىمۇ بولدى،پىدايىلەرچە قەھرىمانلىق بىلەن ‹‹جەڭ›› ئاتلىنىدۇ.
ئىنكاس دىگەن نىمە ؟
بۇ سوئالغا كىچىك بالىمۇ جاۋاپ بىرەلەيدۇ دەپ قارايمىز،ئەمما ھەقىقى مەنىسىنى ئويلاپ باققانلار ئاز بولىشى مومكىن،ئىنكاس-تىمىغا قارتا دەمالىققا پەيدا بولغان پىكىر،تىما مەرگىزى ئىددىيەسىدىن پەيدا بولغان سوئال،مەزمۇن بىلەن ئورتاقلىشىش،ئىددىيەگە قارشى تويغۇ،قايىل بولۇش، مەمنۇن بولۇش،بىزار بولۇش ھىسياتى.....بىز بۇلارنى يىغىشتۇرۇپ ئىنكاس دەپلا ئاتايمىز،ئەمىلىيەتتە بىزنىڭ تىمىغا يازغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىددىيەسى،كۆز قارىشى،بىلىش دەرجىسىنى كۆرسىتىدۇ،شۇنداقكەن ھەر بىر ئىنكاس بىزنى بىلىشكە تامامەن يىتىدۇ،شۇنداقكەن بىز نىمىشقا ئىنكاس يازىمىز؟ باشقىلارغا ئۆزىمىزنى تۇنۇتۇش ئۇچۇنمۇ؟ئۆز ھىسياتىمىزنى ئىپادىلەش ئۇچۇنمۇ؟ياكى كۆز قارشىمىزنى باشقىلارغا تىڭىش ئۇچۇنمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزمۇ ھىس قىلالمايدىغان مەلۇم موددئا ئۇچۇن ئارتۇقچە كۈچەپ ئىنكاس يازامدۇق؟
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى توختاتقان بىر ئەر بولسىڭىز،ئىنكاسىڭىزدىن ئەرلەرگە خاس جاسارەت ۋە كەڭ قورساقلىق چىقىپ تۇرامدۇ؟
ئەگەر سىز بىر ياش بولسىڭىز،ئىنكاسىڭىزدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىنىڭ تىپچەكلىشى،ئىنتىلىشىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
ئەگەر سىز بىلىمى موكەممەل بىر كىشى بولسىڭىز،ئىنكاسىڭىزدىن پوتبۇلغا ئائىت بىلىملەر تۆكۇلۇپ تۇرامدۇ ؟
ئەگەر سىز بىر يىڭى ئۇگەنگۇچى بولسىڭىز،ئىنكاسىڭىزدىن بىلىمگە بولغان تەشنالىق ۋە قىزىقىش چىقىپ تۇرامدۇ؟
ئەگەر سىز بىر ئالىجاناپ كىشى بولسىڭىز،ئىنكاسىڭىزدىن مۆتىۋەرلەرچە سالاپىتىڭىز ۋە سىخيلىقىڭىز چىقىپ تۇرامدۇ؟
ئەگەر سىز بىر قىززىقچى بولسىڭىز،ئىنكاسىڭىزدىن تىمىغا بىرلەشكەن ھەزىل قىلىقلىرىڭىز ۋە سۆزمەنلىگىڭىز چىقىپ تۇرامدۇ؟
ئەگەر سىز ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بىر كىشى بولسىڭىز ،ئىنكاسىڭىزدىكى قەتتىيلىك ۋە مەردانىلىق كىشىنى قايىل قىلالامدۇ؟
ئەگەر سىز ھەققانىيەتنى ياقىلغۇچى بولسىڭىز،ئىنكاسىڭزدىكى لىللالىق ۋە ھەق -ناھەق تويغۇڭىز باشقىلارنى قايىل قىلالامدۇ ؟
ئەگەر سىز بىر بىكارچى بولسىڭىز،كىشىلەر سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزدىن قىلغىلى ئىشىڭىزنىڭ يوقلىقىنى بىر قاراپلا بىلەلەمدۇ؟
......................................
مانا بۇلار ھەر بىر ئىنكاس يازغۇچى چوقۇم ئويلىشىپ باقىدىغان سوئاللار،بەلكىم بىز ئۇلارنى ئويلاشمايلا خالىغانچە بىر نەرسىلەرنى يىزىپ يوللاۋاتقاندىمىز،ئەمما بىزنىڭ ھەر يوللىغان ئىنكاسلىرىمىز بىز تۇيمىغان ئاساستا باشقىلارنىڭ قەلبىگە ئۆز ئۇبرازىمىزنى سىزىۋاتقان بولىشى مومكىن،بەزىلەر بىزنىڭ ئىنكاسلىرىمىزدىن بىزگە باھا بىرۋاتقاندا بىز ئەسەبىيلەرچە ئىنكاس كۇرىشى قىلۋاتقان بولىشىمىز مومكىن،يەنە بەزىلەر بىزنىڭ ئىنكاسلىرىمىزدىن پۇتبولخۇمارلارنىڭ ئويۇنلىرىدىن بىزارلىق ھىس قىلغان بولشى،بەزىلەر بىزگە نەپرەتلىنىۋاتقان،بەزىلەر ئۈمۇتسىزلىنىۋاتقان،يەنە بەزىلەر بىزدىن ئىتتىپاقلىنىڭ كۈچىنى ھىس قىلىۋاتقان بولىشى مومكىن،شۇنداقكەن بىز نىمىشقا ئىنكاس يازىمىز؟ بىزنىڭ ئىنكاسىمىز نىمىگە؟كىمگە لازىم بوپ قالدى؟
بىزنىڭ كۆرگىنىمىز بىر خەۋەر،ئەمىلىيەتتە بىر دۇنيا،بىزنىڭ يىزىۋاتقىنىمىز بىر نەچچە قۇر خەت ئەمما ئىپادىلىگىنىمىز بىر ئادەم،بىزنىڭ يازغىنىمىزنى كىچىكلەر كۆرسە نىمىنى ئۇگۇنەر،چوڭلار كۆرسە نىمىدن خۇرسەن بولار،ياقايۇرىتتىكىلەر كۆرسە بىز ھەققىدە نىمىلەرنى ئويلار ؟بىز ئىنكاس يازغاندا بۇلارنى ئويلاشتۇقمۇ يوق؟
ئەگەر بىز بىر تىمىغا نىسبەتەن ھىچقانداق چۇشەنچىگە ئىگە بولالمىساق،ئۇنداقتا بىزنىڭ ئىنكاسىمىز سوئال تەرىققىسىدە بولسا،بىز بىلىملىكلەردىن جاۋاپقا ئىرشەلىشىمىز مومكىن،تىمىغا نىسبەتەن گۇمانلىرىمىز بولسا،ئۇلار باشقىلارنىڭ خالىس ئەمگىكى ئارقىلىق تۇگۇنلەر يىشىلىشى مومكىن،بىر قۇر ئىنكاسىڭىز بىلەن ئۆز قىرىندىشىڭىزغا ئادىمىيلىكتىن دەرىس ئۇتۇپ قويشىڭىز مومكىن،بىر تال ئىنكاسىڭىز بىلەن بىرەر قىرىندىشىڭىزنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ قويشىڭىز مومكىن،بىرەر ئابزاس ئىنكاسىڭىز بىلەن باشقىلارغا ئىلھام بەخش ئەتسىڭىز يەنە شۇنچىلىك ئىنكاسىڭىز بىلەن ئۇيغۇر دىگەن نامغا داغ تەككۇزۇپ قويشىڭىز مومكىن،بىر ئىنكاس بىر قانچە قىرىندىشىڭىزنى جىدەلگە سۆرىسە،يەنە بىر ئىنكاس بىزنى ئىتتىپاقلىققا ئۇندىشى مومكىن، شۇنداقكەن بىز يەنە ئىنكاس يازامدۇق؟ يازساق قانداق يازىمىز؟
بىلىملىكلەر يازغان ئىنكاس مۇنبەرنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇش بىلەن بىرگە بەزىدە تىمىدىنمۇ بەكرەك ھۇزۇر بىرىدۇ،كىشىنى ئويلىنىشقا تەپەككۇز قىلىشقا يىتەكلەيدۇ،خىيال تۇلپارلىرىنى چاپتۇرۇپ ،جاھاننەمە ئەينىكى بىلەن دۇنيانى كۇرۇشكە ،بىلىشكە ئىلھاملاندۇردۇ،كىچىكلەرگە يۇلباشچى بولسا، چوڭلارغا ھەمدەمچى بولىشى مومكىن.
نادانلارنىڭ ئىنكاسى كىشىنى غەزەپلەندۇرۇش بىلەن بىرگە بىزنى ئۆزىمىز ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماسمۇ ؟ يەڭگىلتەكلىك بىلەن يىزىلغان ئىنكاسىمىزنىڭ قانچە قىرىندىشىمىزنىڭ دىلىنى ئاغرىتىدىغانلىقىنى كىم ئويلاپ باققان،ئەرزىمەس ئىشلار ئۇچۇن تالىشىپ يۇرگەن ۋاختىمىزدا،باشقىلارنىڭ ئالتۇندەك ۋاختىنى ئىسراپ قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىمىدۇق ئەلۋەتتە.
بىزنى ھىچكىم ئىنكاس يىزىشقا قىزىقتۇرمىدى، زۇرلىمىدى،پەقەت ئۆزىمىز خالاپ،ئۆزىمىزنى ئۇپرىتىۋاتمىز.
ئىنكاس بىزنىڭ كۆز قارشىمىز،ئىنكاس بىزنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىمىز،ئىنكاس بىزنىڭ بۇرۇىتۇملىقتىن چىققان سادايىمىز،ئۇ بىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ،شۇنداقكەن ،بىز يەنە نىمىشقا باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە چاڭ سالىمىز،ئۆزىمىزنىڭ كۆزقارشىنى باشقىلارغا ئىسپاتلاشقا ئۇرنىمىز؟.
ئىنكاس بىزنىڭ ئۆزىمىزنى باشقىلارغا نامايەن قىلىدىغان سورىنىمىز،شۇنداقكەن بىز نىمىشقا باشقىلاردىن سورۇن تالىشىمىز،ئۇلارنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىشىغا توسقۇنلىق قىلىمىز؟
ئىنكاس بىزنىڭ ئەكىس سادايىمىز ،شۇنداقكەن بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ ئەكىس ساداسىنى بۇرمىلاشقا تىرشىمىز،ئۇلارنىڭ ئاۋازىنىڭ ئەڭ ئاخىردا يەنىلا ئۆزىگىچىلا يىتىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايمىز؟
ئىنكاس بىزنىڭ كۇڭۇل ئىزھارىمىز،بىز نىمىشقا باشقىلارنىڭ كۇڭۇل ئىزھارىغا تۇزتۇش بەرمەكچى بولىمىز؟سىز باشقىلارنىڭ ئۆز كۇڭلىنى سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىز بۇيچە ئىزھار قىلىشىغا موھتاقمۇ ؟
ئىنكاس بىزنىڭ ھەممىمىىز،بىز باشقىلارنىڭ ‹‹ھەممىسىگە ›› ئورتاقلىشالمايمىز ،چۇنكى ئۇنىڭغا تەۋە ‹‹ھەممە›› يەنىلا پەقەت ئۇنىڭغىلا تەۋە.
شۇنداقكەن سىز ئىنكاس يىزىڭ،ئۆزىڭىزنى يىزىڭ،ھەم شۇنداق يىزىۋاتسىز ،ئەجىبا سىزنىڭ ھازىرغىچە يازغىنىڭىز سىز ئۆزىڭىز شۇمۇ ؟ ئاشۇ ئىنكاسلار سىزگە ۋە سىز چوڭ بولغان موھىتقا ۋەكىللىك قىلامدۇ ؟
سىز ئىنكاسنى يىزىپ بولۇپ يوللىدىڭىزمۇ؟ ئەمىسە ئۇ سىزگە تەۋە ئەمەس،مۇنبەرنىڭ ئورتاق مولىكى،چۇنكى سىز مۇنبەرگە ئەزا بولغان،سىزنىڭ مۇنبەرگە تۆككىنىڭىز ئۇزىڭىزنىڭ يىزىقچە سىماسى،راس شۇنداقمۇ ؟
سىز يازغان ئىنكاسنى،چوڭمۇ،كىچىكىمۇ،بىلىلىكمۇ،نادانمۇ،ئۆزىڭىزمۇ،ئۆزەىمۇ تەڭ كۆرىدۇ،سىز يازغانلىرىڭىزنىباشقىلار ئالدىدا ماختىنىپ تۇرۇپ ،مەن يازغان دىىيەلەمسىز ؟
ئەگەر دىيەلمىسىڭىز ئۇنى نىمىشقىمۇ يازغانسىز ؟ باشقىلاردىن خىجىل بولىسىزيۇ ،مۇنبەردىكىلەردىن خىجىل بولمامسىز ؟
بىز سىزنى تۇنىمايمىز ؟ يىشىڭىزنىمۇ بىلمەيمىز،ئەمما يازغان ئۇيغۇرچە يىزىقىڭىزدىن سىزنى ئۇيغۇر دەپ جەزىملەشتۇرەلەيمىز،سىزنىڭ يازغانلىرىڭىز ئۇيغۇر مىللىتى دىسەك بەك چوڭ گەپ بولۇپ كىتىدۇ،بىر ئۇيغۇر ئادىمىگە ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟
يازغانلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بارمۇ ؟ ئەگەر بار بولسا مەن سىزنى تەبىرىكلەيمەن،ئەگەر بولمىسا كەچۇرۇڭ! مۇنبەر سىزنىڭ ئەخلەتخانىڭىز ئەمەس،قالايمىقان ئەخلەت تۆكمەڭ دەيمەن،بەلكىم سىزمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىسىزغۇ دەيمەن.
ئەلۋەتتە ئىنكاس يىزىشقىمۇ سەۋىيە كىتىدۇ،خەت يىزىشنى بىلىشتىن باشقا شۇ تىمىغا لايىق بىلىم ،چۇشەنچە لازىم،سوئال سوراش ئۇچۇنمۇ يەنىلا بىلىم كىتىدۇ،ئەگەر سىزدە بۇلارنىڭ ھىچقاندىقى بولمىسا يەنە نىمىشقا ئاۋارە بولىسىز ؟ئىنكاس يزىپ ئىسراپ قىلغان ۋاختىڭىزنى مۇنبەر ئارلاشقا قاراتسىڭىز ،سىزدە يوقلىرى بارا-بارا بار بولماسمۇ؟
بەزى تىمىلارغا ئىنكاسلار دۇۋلىشىپ كىتىدۇ،چۇنكى سىزدە شۇ تىمىغا يەتكۇدەك بىلىم بار،ھىچ بولمىسا قالايمىقان بىلجۇرلىغۇدەك قۇدرەت بار،پەقەت يوق دىگەندىمۇ كىچچىككىنە مەخسەت بولسىمۇ بار،ئەمما شۇنداق بىر تىمىلار باركى.....ياخشىلىقىدا گەپ يوق،ئەمما ئىنكاس شۇنچىلىك ئاز،سەۋەبى بىزدە ئاشۇ تىمىغا ئەگەشكۇدەك بىلىم يوق،ياكى ئەسكەرىتمە بەرگۇدەك سەۋىيەمۇ يوق،نىمە دىيىشىمىزنى بىلمەيلا قالىمىز، رەھمەت دىيىشكە تىخى تىلىمىزبارمايدۇ،بىزدە ئۇنىڭغا ئىنكاس يىزىپ يىتىدىغان مەخسەتمۇ يوق،شۇڭلاشقا ئۇنداق تىمىلار ئىنكاسسىز تۆردە تۇرىۋىردۇ،ئەلۋەتتە تىما يازغۇچى بۇنىڭدىن خىجىللىق ھىس قىلمىسىمۇ بولىدۇ،چۇنكى كىم ئۇنى ئەجىر قىلىپ تالاش تارتىش قىلغۇسىز يىزىپ قويسۇن دەپتۇ.
ئىنكاس بىر دۇنيا،ئۇ سىزگە سىز ئويلىغاندىنمۇ جىق نەرسىنى بىرەلەيدۇ،ئەلۋەتتە سىز ئىلىشنى خالىسىڭىزلا.
ئىنكاس بىر دۇنيا،ئۇ سىزنى يەنە باشقا بىر دۇنياغا تۇنۇشتۇردۇ،گەپ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى قانداق تۇنۇشتۇرشىڭىزدا.
ئىنكاس بىر دۇنيا،ئۇ سىزنى قوينىغا ئالىدۇ،گەپ سىزنىڭ ئۇنىڭ قوينىغاقانداق رەۋىشتە يىتىپ بىرىشىڭىزدا.
ئىنكاس دەل سىز ئۆزىڭىز شۇ ،گەپ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى مۇنبەر يۇزىدە قانداق كۆرسىتىشىڭىزدە.
ئەگەر سىز بۇرۇندىن ئىنكاس يىزىۋاتقان بولسىڭىز يۇقارقى كەلىمىنى بىر ئوقۇپ بىقىپ ئاندىن يەنە يىزىڭ،قانداق ئىنكاس يازىسىزكىن؟
ئەگەر سىز بۇرۇندىن ئىنكاس يىزىپ باقمىغان بولسىڭىز يۇقارقى كەلىمىنى ئوقۇپ بىقىپ ئاندىن يىزىشنى باشلاڭ ،قىنى سىز قانداق يازالايسىزكىن؟
ئەگەر سىز مۇنبەرنى سىرىتتىن زىيارەت قىلغۇچى بولسىڭىز،تىزىملىتىپ ئىنكاس يىزىپ بىقىڭ،قىنى سىز باشقىلارغا نىمە بىرەلەيسىزكىن؟
سىز ئىنكاس يازسىڭىز بولىدۇ،ئەمما چوقۇم يۇقارقى بايانلارنى ئوقۇپ بىقىپ دىتىڭىزغا ياققان بولسا،قانداق يىزىش ھەققىدە چۇشەنچىگە ئىگە بولسىڭىز چوقۇم داۋاملىق يىزىڭ،چۇنكى سىز ئەقىللىق ئادەم بولىشىڭىز مومكىن.
سىز ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،چۇنكى سىزدە يۇقارقى سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدىگۇدەك ۋاقىت يوق بولىشى مومكىن،ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزسىزمۇ مۇنبەر يەنىلا تەرەققى قىلىۋىرىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەگەر سىز قانداق ئىنكاش يىزىشنى بىلمىگەن بولسىڭىز،ساقلاڭ تاكى بىلىۋالغۇچە يازماي تۇرۇڭ،چۇنكى سىزنىڭ ۋاختىڭىز بىزنىڭ ۋاختىمىزدەكلا قىممەتلىكتۇر.
نۇرغۇن مۇنبەر پىشىقەدەملىرى بىزنىڭ نادىر ئىنكاسلىرىمىزدىن تەسىرلىنىپ مۇنبەردىن يوقالدى،يەنە نۇرغۇنلىرى بىزگە ئەگىشىپ داۋاملىق بۇ سەپنى چوڭايتىۋاتدۇ،ئىنكاس ھەممىنى بۇزىۋاتدۇ،يەنە ھەممىنى تۇزۋاتدۇ.مەن پەقەت خىيالىمغا كەلگەننى ئۆزەمچە تاقا-تۇققا بايان قىلىپ قويدۇم،قالغىنى سىزگە قالدى، چۇنكى سىز مىنىڭدىنمۇ ياخشى ئويلىدىڭىز بەلكىم.
ئەگەر بۇ تىما سىزگە ياقمىغان بولسا بولدى ئىنكاس يازمايلا قويۇڭە،چۇنكى سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە قوشۇپ مىنىمۇ بىئارام قىلغۇڭىز يوققۇ دەيمەن.سىز راسلا ئەقىللىق جۇمۇ،دىمەكچى بولغانلىرىمنى بىلىپ بولدىڭىز بولغاي!
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|