elan ornielan orni
كۆرۈش: 3425|ئىنكاس: 25

ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ غەلىبە قازانغان جۈپ ئەزىمەتلەرگە مۇبارەك !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


چىمبۇلاق تەنتەربىيەسىدىن نۇرمۇھەممەد پىدا تەييارلىغان
بۈگۈن يەنى 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ خاتىمىسى بولغان 30- ئايلانما ئاخىرلىشىپ ، بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى تولۇق تۈگىدى ، مۇسابىقىنىڭ كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان يىرى ئەلۋەتتە نەتىجىسى ،  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى بۇيىل بىرلەشمىدە 8- ئورۇندا تۇرۇپ دەرىجە ئۆرلىيەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرقى سالاھىتىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ غەلىبە ھېسابلىناتتى .
ئەجەبا بىزگە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىن غەلىبە خەۋىرى يوقمۇ ؟  ياق ئۇنداق ئەمەس ئەڭ كاتتا خەۋەرلەر مانا بىزلەرگە كەلدى ، غۇلجىدا بىر ئانا ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرىۋىلىپ تولىمۇ ھاياجانلاندى ، ئوغلى بولسا ئۆزىلىرىنىڭ كوماندىسىنىڭ دەرىجە ئۆرلەپ جۇڭگودىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىققانلىقىنى ئۆزىنىڭ جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە توپ ئويناش ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى .

00247e0520920efa586962.jpg

قەشقەردىكى پۇتبول سۆيەر ئائىلىگىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق بىر خەۋەر يەتتى ، يەنى ئۇلارنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدى بولغان يىگىتنىڭ ياق يېڭى ئۆيلەنگەن قىران ئەركەكنىڭ خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالدى ، ئۇلارنىڭ كوماندىسى ئاللىبۇرۇنلا دەرىجە ئۆرلەش رايونىدا ئورۇنىنى مۇقۇملاپ بولغان ئىدى .

IMG_1110.JPG
بۇلار زادى كىم ؟ بۇلارنى كەمىنە نۇرمۇھەممەد پىدا سىلەرگە يۈزەكى ھالدا تەسۋىرلەپ بېرەي : بىز ئەتىگىنى ئۆيىمىزدە ئۇخلاپ ياتقىنىمىزدا بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە ئۇلار سەھەردىكى مەشىققە چىقىپ كېتىۋاتاتتى ، بىز چۈشلۈكتە نېمە يەيمىز دەپ تائاملىرىمىزنى تاللاپ بولالماي يۈرگىنىمىزدە ئۇلار يەيدىغىنى ئۈچۈن يۇرتىدىن كەلتۈرۈلگەن گۆش قاتارلىق قىممەتلىك ماتېرىياللاردىن تائام تەييارلاشقا تۇتۇش قىلاتتى ، چۈنكى ئۇلارغا مەخسۇس تائام تەييارلايدىغان ئۇيغۇر ئاشپەز يوق ئىدى ،  كەچلىكلىرى بىز دوستلىرىمىز بىلەن نەدە ساماۋار قورۇملىرى ، توخۇ قوردىقى ئاشخانىلىرىدا ۋە ياكى تۈركچە تائاملار سارايلىرىدا خۇشال كۈلۈشۈپ يايراپ ئولتۇرغىنىمىزدا ئۇلار بېلىق شورپىسى قاتارلىق تائاملارغا كۈلۈپ ئولتۇرغىنىچە قاراپ يۇرتىنى ، ئاتا - ئانىسى ۋە سۆيگۈنىنى سېغىنىپ تۇرۇپ يالغۇز  غىزالىناتتى ، بىر كۈن ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئەڭ خۇشھال بولىدىغىنى دەل ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا ياكى ئۈندىداردا دىدارلىشىش ۋە پاراڭلىشىش ۋاقىتلىرى ئىدى . كۈندۈزى مەشىق ۋە مۇسابىقىلەر ياكى مۇسابىقە مەيدانىغا بارىدىغان سەپەر بىلەن ئۆتكەن بولسا كېىچىلىرى يالغۇزلۇق ، سېغىنىش ۋە تولغىنىش ئىچىدە سەھەرلەرگە ئۇلىىدىغان قاراڭغۇ تۈنلەر ئۇلارنىڭ ھەمراھى ئىدى .

IMG_1108.JPG

ئۇلار زادى كىم ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق جاپالارنى تارتىدۇ ؟ئۇلار بولسا  دىيارىمزىدىن يېتىشىپ چىققان پەرزەنتلىرىمىز يەنى بۈگۈنكى تىلغا ئالغان ئىككى ئوغلانىمىز بولسا غۇلجىدا قۇرۋانتاي مۇئەللىمنىڭ تەربىيەلىشى ۋە كىيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە چېنىقىش - تەربىيەلىنىش نەتىجىسىدە بۈگۈن دەرىجە ئۆرلىگەن خېبېي خۇاشىيا كۇلۇبىنىڭ پۇتبولچىسى ئۆتكۈر ھەسەن ،  يەنە بىرى بولسا ئەزىزانە قەشقەردىن يېتىشىپ چىققان 2012- يىللىرى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسىنىڭ 9- نومۇرلۇق مايكىسىنى كىيىپ بارىكاللا ئالقىش سادالىرىغا ئېرىشكەن ماھىرىمىز ۋە بۈگۈنكى دەرىجە ئۆرلەش شەرىپىگە نائىل بولغان يەنبىيەن چاڭبەيشەن كوماندىسىنىڭ 25- نومۇرلۇق ماھىرى ئەخمەتجان ئەكبەر .

IMG_1106.JPG

يۈرىكىدە يالقۇنجاۋاتقان ئوتلىرىنى ھېس قىلىپ تۇرغىنىمدا ئۇلاردىن شۇنداق سوئاللارنى سوراپ قەستەن چىشىغا تېگەتتىم ‹‹ نېمىش قىلىسە ۋا ، جاپا تارتىپ ، مۇشۇ يەردە لەڭمەن پولۇلارنى يەپ تۇرۇپ تەپمەمسە ۋا توپ دېگەننى ...›› ئۇلارنىڭ قانداق جاۋابلارنى بېرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ ئەمما ئۇلارغا ئىچىم كۆيۈپ گەپكە سالغىم كېلەتتى ، ئەخمەتجان مۇنداق جاۋاب بېرەتتى ، ‹‹ ۋاي ئاكا ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ،دەيدىكەنسەن ، بىزنىڭ شىنجاڭدا توپ تەپكىمىز يوقمۇ ؟ مۇشۇنچىۋالا جاپالارنى نېمىشقا تارتىۋاتىمىز ، ھازىر بىز ياش ئاكا مۇشۇ يەردە نۇرغۇن بىلىم ۋە تېخنىكا ئىگەللىدىم ، قايتىپ بارسام ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى يۇقىرى سەۋىيەدە تەربىيەلەپ چىقسام دېگەن ئارزۇيۇم بار ، قېرىپ كەتمەستە شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتىپ بېرىپ يۇقىرى سەۋىيەدە مۇسابىقە ئويناپ خەلقىمگە     ئاتا - ئانامغا ، ئائىلەمگە جاۋاب قايتۇرىمەن دەپ تۇرىۋاتمامدىم بۇ يەردە ...›› توغرا ئۇ ناھايىتىمۇ ئەقىللىك يىگىت ئىدى ، بىزنىڭ دىيارىمىزدا پۇتبولچى كەم ئەمەس ، تالانتلىق مايسىلار كەم ئەمەس ، بەلكى كەم بولۇۋاتقىنى پۇتبولچى مايسىلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان تېخنىك خادىم ۋە ساپالىق تىرېنېرلار ئىدى .

IMG_1112.JPG

بۈگۈنكى ھاياجانلىق مىنۇتلاردا مەن مۇشۇ ئېسىل ئېنىلىرىم ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەنلىكىمدىن سىلەردىنلا ئەمەس ھەتتا ئۆزۈمدىنمۇ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولۇۋاتىمەن ، شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى مانا سىلەردەك ئىرادىلىك ياشلارغا كەلگۈسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك تىرېنېر ۋە ماھىرلارغا ئىھتىياجىلىق ، كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدە ئابدۇۋەلى ئابلەت ، مىرەخمەت مۇزەپپەر  ، بارى مەمەتئېلى ۋە شۇنداقلا سىلەر ئىككى ياراملىق يىگىتىلىرىمىز نىڭ ماھارەتلىرىنى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئويلىسام تولىمۇ ھاياجانلىنىمەن ... كەلگۈسىدە سىلەردەك نۇرغۇن يىگتلىرىمىزنىڭ دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ ۋە تەنگە جۈملىدىن دىيارىمىزغا چەكسىز شەرەپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقڭلارغا ئىشىنىمەن ! سىلەرگە ئاپىرىن ، سىلەرگە بەخت ، ئامەت ، ئۇتۇق ، مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن !

IMG_1111.JPG IMG_1109.JPG IMG_1105.JPG
پىدائىي يازمىسى 2015.11.1

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-1 23:31:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قادىخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-1 23:32  

كەلگۈسى ئ‍ون يىل ئ‍ىچىدە ، باللىرىمىز يۈز كۆزلىرىنى رەسمى بوياپ ، ياۋرۇپا مەيدانلىرىدىكىدەك كەيپىيات بىلەن ھۇررا ……ساماغا سەكرەپ ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ دەرجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنى ئ‍ىگىز كۆتۈرىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 23:41:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ كوماندىسىنى بىزنىڭ بالىلاردىن تەشكىللىسە نىمىمۇ بولار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 23:42:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسىنى ئويلىساملا …… نېمىشقا كىيىم كېچەككە ، يېمەك ئىچمەككە ، ئويۇن تاماششا ساھالىرىگە مەبلەغ سېلىپ يۈز تېپىۋاتقان كارخانىلار دىيارىمىزدەك پۇتبول مايسىلىرى بازىسىنى ، پۇتبول مەستانىلىرى يۇرتلىرىنى ئويلاپ باقمامدىغاندۇ ؟ گۇاڭجۇ خىڭدا تاۋباۋ  پۇتبول كوماندىسى دېگەن خەۋەرنى كۆرمەمدىغاندۇ ؟ شىنجاڭ ئارمان مىراس پۇتبول كوماندىسى ، شىنجاڭ ئىخلاس تەبەسسۇم پۇتبول كوماندىسى ، شىنجاڭ ھەرەمباغ مۆتىۋەر پۇتبول كوماندىسى …… كارخانا گوروھلار تەڭ پاي چىقىرىپ تەربىيەلەش بازىسى قۇرسا ، كېيىنچە پۇتبول كۇلۇپلىرى قۇرسا بولىدىغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 23:44:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياكى باشلانغۇچ كوماندىلىرىنىڭ سۈر توقاي قىلىپ ، تولۇقسىز تولۇق ئوتتۇرا كوماندىلىرىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچقىمۇ كىرەلمەيۋاتقىنىنى كۆرۈپ يالتىيىپ قېلشىۋاتقانمىدۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 23:46:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىنلەردىن شىنجاڭدىمۇ كۇلۇپلاردىن 7، 8 قۇرلۇپ كەتسە شنجاڭ دېربىيلىرى چىقىپ كەتسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 23:49:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قادىخان يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 23:31
كەلگۈسى ئ‍ون يىل ئ‍ىچىدە ، باللىرىمىز يۈز كۆزلىرىنى رە ...

دىگىنىڭىز كەلگەي ...بىزنىڭمۇ ئىسپانىيىدىكى بىرباختەك كۇلۇپلىرىمىز قۇرۇلۇپ قالا ئىنشائاللاھ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 23:55:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭنىڭ     ۋاسكىتبول  كۇلۇبى     جوڭگودا   ئەڭ  داڭلىق   دېگىدەك   كېتىپ   بارىدۇ  ……  چۈنكى  ئۇلارنى  قوللايدىغان   گۇاڭخۇي   بار  ……   ئەمما   پوتبۇلنى  قوللايدىغان   تۈزۈك   كارخاىم  بولمىسا   ياش  مايسىلار  بولغان   بىلەنلا  ئىش  پۈتمەيدۇدە   ……   ھازىرقى  زامان  پۇتبولى  ئىقتىسادتىن  ئايرېلالمايدۇ   ……      


ئىشقىلىپ   يەنىلا  ساقلايمەن……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 00:01:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمان بىلەن بۇغدا كوماندا قۇرمىزدەپ ئۇلامۇ جىم، ھەرامباغنىڭ ئىشلىرى بىر پۇتۇپ كەتسە بولاتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-2 00:05:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە شۇنى دىگىم كېلىدۇ . ھەقىقىي بىر كۈچلۈك پۇتبول كۇلۇبى قۇرۇشقا ئۇيغۇر شىركەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچ يىتىشمەيدۇ ، ئەگەر قىلىشقا توغرا كەلسە ئۇلار بىرلەشسە بولىدۇ ، ئەمما بۇ بىر غايىۋى پىكىر بولۇپ قالىدۇ ،،،

شىنجاڭدا ئېنىرگىيە ۋە ئۆي مۈلۈك ھەمدە نۇرغۇن تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ زور ئەمەلىي كۈچكە ئېگە بولغان گۇاڭخۈي ۋە خۇالىڭدەك كۈچلۈك گورۇھلار قىلمىسا ، ھازىرقى كۇلۇبتەكلا ئىش بولىدۇ ...

خېبىي خۇاشىيا 28 مىلىيون تارقاتتى بۈگۈنكى كۈن ئۈچۈنلا ، بىزنىڭ كۇلۇبنىڭ بىر يىللىقى ئۈچۈن 20 مىلىيون خەجلەنگەن ئىككىلىسى ئا دەرىجىلكىلەر ئوينايدىغان كوماندا ، پەرىقنى ھىس قىلىغاندىمىز ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 00:06:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللا گەپنى قىمماق ئاسان ،تاشئالما نىم ئۈچۈن تارقىلىپ كەتتى  ،قۇرۇلغان ۋاقىتتا 5يىلدا دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە چىقىمىز دەپ گەپنى چوڭ قىلغان ، شۇنداق كۈنلەمۇ كەپقالا  ئىشلار بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-2 00:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەت بولغانىكەن ئۆرلەش كېرەك . تىرىشىڭلار ساقىلار !!

شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى دەل سىلەردەك تىرىشچان يىگىتلەر قولىدا بىلەنگەن خەنجەرلەر بولغۇسى .... ئاپىرىن !!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-28 07:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش