elan ornielan orni
كۆرۈش: 3138|ئىنكاس: 25

شىنجاڭدا قاناتلانغان بۈركۈت ئىلھام ئۈرۈمچىدە پەرۋاز قىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


چىمبۇلاق تەنتەربىيىسى مۇخبىرى نۇرمۇھەممەد پىدا بايان قىلىدۇ ، 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:00 دە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان جوڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 30 ئايلانمىسى يەنى خاتىمە مۇسابىقىسىدا شۇنداق بىر يىقىملىق سىما ھەممەيلەننى ئۆزىگە جەلىب قىلدى ، ئۇ دىيارىمىزنىڭ كوماندىسىدا ئەمەس بەلكى قارشى تەرەپنىڭ يەنى گۈيجۇ جىچىڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ئىلھام ئىمىنجان ئىدى .

XJ11.106.jpg
ئىلھام شىنجاڭدا قاناتلانغان تەڭرىتاغ بۈركۈتى ئۇ 2010 - يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى  كوماندىسى بىلەن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن .

XJ11.105.jpg
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كۆپلىگە پۇتبول مايسىلىرى تەرەپ - تەرەپتىن يىتىشىپ چىقماقتا ، ئەزەلدىن پۇتبول سۆيەر قاراماي خەلقى بولسا يىللاردىن بۇيان پۇتبول ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى ، نۇرغۇنلىغان نامسىز قەھرىمانلار پۇتبول ئۈچۈن كۆپلىگەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ قان - تەر تۆكتى ، قاراماي يىقىنقى زاماندا پۇتبولچى   ئەزىمەتلەرنى تەربىيىلەيدىغان يەنە بىر بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ توپ تېخنىكىسىدىلا ئەمەس بەلكى ئەقلى ، بىلىم ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردىمۇ ئەتراپىلىق تەربىيىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كۆپلىگەن ساپالىق پۇتبولچىلارنىڭ مەيدانغا كېلىش پۇرسىتىنى ياراتتى .
قارامايلىق ساپالىق پۇتبولچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ئىلھام ئىمىنجان ۋە جوڭگۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى خېنەن قۇرۇلۇش كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان ئابدۇۋەلى ئابلەت قاتارلىقلار سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ .

XJ11.102.jpg
ئىلھام ئىمىنجاننىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ پۇتبول تېخنىكىسى كۈنسىرى يۇقىرى ئۆستى شۇنداقلا  ئالاھىدە تېز سۈرئىتى ، چەبدەن ھەرىكەتلىرى گۈيجۇ جىچېڭ كوماندىسى تېرىنىرلىر ىنىڭ دىققىتىنى  تارتىپ ئۇنى كوماندىسىغا تەكلىپ قىلدى ، گۈيجۇ كوماندىسى ب دەرىجلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ئىلھام باشلىق نۇرغۇنلىغان ماھىرلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا دەرىجە ئۆرلەپ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشقا باشلىدى .

XJ11.111.jpg
مانا كۈنلەر ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزى قانات چىقارغان يۇرتىغا كېلىپ مۇسابىقە ئوينىغان ئىلھام تولىمۇ ھاياجانلاندى ۋە بىر توپ ئۇرۇپ ئۆزىنى ئىسپاتلىدى . ئانا يۇرت خەلقى بۇ ئوغلانىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىلەرگە چىقىشىنى ، ئاسمانلارنىڭ قەھرىدە قانات قېقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ . ئەمما چىن يۈرەكلىرىدىن بۇ ئەزىمەتلىرىنىڭ ئۆز دىيارىدا ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇپراق ئۈچۈن توپ تېپىشىنى ھەم ئارمان قىلىدۇ ...
7aec54e736d12f2e87ceda684cc2d562843568ea.jpg

ئىشىنىمىزكى دىيارىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە پۇتبول سۆيەرلەرنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە ھامىنى تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان يەرلىك كۇلۇبلار مەيدانغا كېلىپ شىنجاڭ ئۈچۈن زور شەرەپلەر ئېلىپ كېلىنىدۇ ، ئىلھامدەك ئەزىمەتلىرىمىزمۇ ئۆز دىيارىدا تېخىمۇ زور شان - شەرەپلەر قۇچىدۇ ...
2015.11.1 ئۈرۈمچى  پىدائىي يازمىسى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-1 21:50:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىزنىڭ باللىدا بىر خىسلەت بار جۇمۇ
لىكىن تىرىشىپ مەشىق قىلىشقا باشلىسا ھەرقاندىغىنى بىسىپ چۈشەتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:50:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامجاننىڭ كىيىنكى كەسپىي ھاياتىغا زور ئۇتۇقلانى تىلەيمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:54:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامجاننىڭ تولۇق ئارخىپى باما سىلەردە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:55:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ  10 نى يېدىما ؟؟                           
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:55:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ  تىرىشقىن   ئۇيغۇر  ئوغلانى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:56:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئوغلانلىرىغا ئۇتۇق يار بولسۇن ..  ئاللا خالىسا ئىسپانىيەدىكى بىرباختەك كۇلۇپلىرىمىز قۇرۇلۇپ قالا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:59:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  لېكىن  يېشى  چوڭىيىپ  قالدىدە    بۇنىڭ  ……   كېيىنكى  ئىشلىرىغا  قۇت  تىلەيمەن……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 22:00:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بىر توپ ئۇرۇپ قويدى يىلپىزلارغا ، ئەمما ھېچقانداق تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئىشلىمىدى .    بۈگۈن كاپىتان سالاھىيىتى بىلەن مەيدانغا چۈشتى . مۇشۇ بالىغا 2012-يىلى گۇيجۇ ب بىرلەشمە ئوينىغان ۋاقتىدىلا دىققەت قىلىشقا باشلىغان . شۇ يىلى گۇيجۇنىڭ دەرىجە ئۆرلىشىدىكى باش تۆھپىكار . ئىسمدە قېلىشىچە شۇ يىلى ب بىرلەشمىدە 10دەك توپ ئۇرغان . كىيىنكى يىلىمۇ ئا بىرلەشمىدە 6توپ ئۇرغان .
چىمبۇلاق ئەپەندىم بۈگۈن مۇسابىقە ئاخىرىدا ئىلھامنى زىيارەت قىلغان قىز سىلەرنىڭ خىزمەتچىڭلارغۇ دەيمەن . شۇ زىيارەتنى قاچانلاردا ئىشلەپ پۈتتۈرىدىغانسىلە ؟ بەكلا تەقەززا بولۇپ كىتىۋاتىمەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-1 22:02:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zoklan يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 22:00
بۈگۈن بىر توپ ئۇرۇپ قويدى يىلپىزلارغا ، ئەمما ھېچقاندا ...

شۇنداق . ھازىر بالىلار فىلىمنى تەھرىرلەۋاتىدۇ ، يۇقىرىدىن تەستىقلاپ بولسا كىلەر ھەپتە ئىچىدە كۆرك ئېكرانى پۇتبول ھەپتىلىكى پروگىراممىسى ئارقىلىق كۆرەلەيمىز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 22:06:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zoklan يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 22:00
بۈگۈن بىر توپ ئۇرۇپ قويدى يىلپىزلارغا ، ئەمما ھېچقاندا ...

مەيدانغا كىرىشتىن بۇرۇن ، پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى بارمۇ دەپ بەك توۋلاپ كەتتۇق، بىراق بىرسىمۇ بار دەپ كەلمىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 22:11:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adil يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 22:06
مەيدانغا كىرىشتىن بۇرۇن ، پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى  ...

مەن سەل كىچىكىپ كەلگەن . مەن مەيدانغا كىرىپ تۇرۇشۇمغا شەۋكەتنىڭ قاپقا تۈۋرىكىنى سوققان توپنى رافائىل ئۇرۇپ كىرگۈزدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-28 12:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش