elan ornielan orni
كۆرۈش: 6012|ئىنكاس: 47

رافائىل،ئىلھاملار توپ ئۇردى،شىنجاڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


XJ11.113.jpg
چىمبۇلاق تەنتەربىيىسى مۇخبىرى نۇرمۇھەممەد پىدا خەۋىرى :  2015- يىللىق جوڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 30- ئايلانمىسى يەنى ئەڭ ئاخىرىقى بىر ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئۈرۈمچىدە يەنى ساھىبخان مەيداندا گۈيجۇ جىچېڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى .

XJ11.112.jpg

XJ11.102.jpg
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى رەقىبى بولغان گۈيجۇ جىچىڭ كوماندىسىدا  شىنجاڭدىن چىققان تالانتلىق پۇتبول ماھىرى ئىلھام ئىمىنجان گۇيجۇ كوماندىسىنىڭ يارىرولۇق ماھىرلىرىدىن بىرى بولۇپ  ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىن تارتىپ مۇسابىقە ئويناپ ئا دەرىجىلىكلەر  بىرلەشمىسگىچە گۈيجۇ كوماندىسىغا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن . ئۇنىڭ شىنجاڭدىمۇ نۇرغۇن مەستانلىرى بار بولۇپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە نۇرغۇنلىغان تاماشىبىنلار ئىلھامنى كۆرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە كەلگەن ئىدى .
XJ11.111.jpg

XJ11.106.jpg

XJ11.105.jpg
مۇسابىقە باشلىنىپلا  شىنجاڭ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى ، توپ كىرگۈزگىنى بولسا بىرازىلىيىلىك ماھىر رافائىل ئىدى ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ يەنە ئارقا - ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنى ئوينىدى . دانالاخ يوق بولغاندىن كېيىن كوماندىدىكى نۇمۇر ئالىدىغان ماھىر بولۇپ قالغان رافائىل ھۇجۇملارغا ئاكتىپ قاتنىشىپ شاۋكەت يالقۇن بىلەن خېلىلا يۇقىرى سەۋىيىلىك پاسلىشىپ مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ، گۈيجۇ كوماندىسىنىڭ 17- نۇمۇرلۇق ماھىرى ئىلھام مۇداپىيەچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ھالقىپ ئۆتۈپ ۋاراتارغا بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى .

XJ11.104.jpg
كىيىنكى يىرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن توڭ شىياۋشىڭ بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى .  مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دىگەندە گۈيجۇ جىچىڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4:2 قىلىپ ئۆزگەرتتى ، مۇسابىقە غەلبىك ئاياغلاشتى ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بۇ پەسىللىك ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى غەلبە بىلەن ئاخىرلىشىپ مەستانىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بولدى .
XJ11.103.jpg
XJ11.107.jpg
كۇلۇب تەرەپ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ 12:00 يەنى ئۈرۈمچىنىڭ دەل چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىغا توغرا كەلگەچكىمىكىن ۋە ياكى نۇرغۇنلىغان تاماشبىنلار خەۋەرسىز قالدىمۇ ئەيتاۋۇر مەيدانغا 4200 دىن ئارتۇق تاماشىبىن كېلىپ مۇسابىقە كۆردى ، ئەمما  كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىياتتا باشتىن ئاخىرى ئالقىش ھۇررا سادالىرى ئىچىدە مۇسابىقىنى ئاياغلاشتۇردى .
XJ11.109.jpg

بۈگۈن تاماشىبىنلارنى يەنە بىر خۇشھال قىلىدىغان ئىش بولسا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىدىكى يەرلىك توپچىلىرىمىزدىن مۇستافا ، شاۋكەت يالقۇن ، ئابدۇلئەزىز قاتارلىقلار ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چۈشتى ، كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئەخمەت ۋە سالىخان قاتارلىق توپچىلىرىمىزمۇ مەيدانغا چۈشۈپ ھەقىقىي شىنجاڭ كوماندىسىغا تېخىمۇ ئوخشايدىغان  كوماندا بولۇپ مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى .
XJ11.110.jpg

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە 10 مەيدان ئۇتۇپ 9 مەيدان تەڭلىشىپ 11 مەيدان ئۇتتۇرۇپ جەمئىي 43 توپ كىرگۈزۈپ 51 توپ كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ بىرلەشمىدە 8- ئورۇندا تۇرۇپ ئۇتۇقلۇق ھالدا دەرىجە ساقلاپ قالغان ۋە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكىدىن 2 دەرىجە ئۆرلىگەن .

XJ11.101.jpg
بىز شىنجاڭدىكى بارلىق مەستانىلەر شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبۇل كۇلۇبىنىڭ كىلەركى مۇسابىقە پەسلىگىچە كەمچىللىكلەر ۋە يىتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ۋە يەرلىك توپچىلارنى ئاساس قىلغان ھەقىقى شىنجاڭ كوماندىسى بولۇپ قېلىشىنى ۋە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !

سۈرەت ۋە سىنلىق ماتىرىياللارنى چىمبۇلاق شىركىتى ئوپىراتورىلىرىدىن : ئىزھار تاي ، ئابدۇسالام ئابابەكرى قاتارلىقلار تەييارلىغان .
XJ11.108.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-11-1 21:10:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن باللارنى مەقسەتلىك سالدى مۇشۇ تىرنىر تىزراق يوقالسا بولاتتى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:11:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئ‍اساسلىق بولۇپ ئ‍ۇيناپتۇ  بىرمەيداننى
بىزنىڭ باللىنى سالسا مۇشۇنداق بولىتتى ئ‍ەينا
شىفىلىدنىمۇ مۇشۇنداق يەڭگەن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:12:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىلپىزلارنىڭ ئىشلىرى بۇ پەسىل مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىپتۇ.كىيىنكى پەسىل قاچان باشلىنىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:12:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:12:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن يىلپىزلارغا،كىلەركى پەسىل دەرىجە ئ‍ۆرلەش نىسىپ بۇلۇپ قالا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن  ، ئەزمەتلىرىمىز  ئاساسلىق بۇلۇپ ئوينىسا  مەيدان ئىچى ۋە تېشى  باشقىچە  قىزغىنلىققا  تولىدۇ .    بۇندىن كىيىنمۇ  ئاساسلىق ئويناپ  مەيداندىن  ئوت چىقىرىڭلا  ئەزىمەتلە .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىمبۇلاق ئ‍ەپەندى نىمە ئ‍ۈچۈن شىنجاڭ تىلۋىزىيىسى  پۇتبول دۇنياسى پىروگىراممىسىنى توختىتۋەتتى ؟ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال بوپ قالدى ئ‍ۆزرە
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:30:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىجۈن  يوقالمىسا  قەتئى  كۆرمەيمەن  بۇلارنىڭ   مۇسابىقىسىنى……   زادى  مۆرىمەسدىن  قوقمىسا   بولمايكەن  ……       
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:32:05 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانۇزاي يوللىغان ۋاقتى  2015-11-1 21:30
چىمبۇلاق ئ‍ەپەندى نىمە ئ‍ۈچۈن شىنجاڭ تىلۋىزىيىسى  پۇت ...

مەنمۇ   شۇنى  سورىماقچى  ئىدىم   ……   ئاران  ئىككى  سان  بېرىپ  توختاپ  قالدى   دېسە  ……  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:32:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانالاخ ياردارمۇ يا باشقا سەۋەپ بارمۇ?  ئالدىنقى ئايلانمىدىمۇ چۈشمىگەنتى ئۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-1 21:33:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلەئەزمەتلە يىلپزىنىڭ قانداق بولدىغغنى  بىر تونتىپ قويۇڭلا يەرلىك يىلپىزلا ئالغا  بىز سىللە ئۈچۈن ھۇررا تولايمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-28 07:50

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش