ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5423 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-22 22:16
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن . كەمنە بوۋايدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام .
دېيارىمىز پۇتبولچىلىقى كۈندىن - كۈنگە راۋاجلىنىۋاتىدۇ . يۇرىت - يۇرىتلاردا بىرلەشمىلەر قۇرۇلۇپ خەلىقنىڭ پۇتبولغا بولغان تەشنالىقى تېخىمۇ قاندۇرۇلماقتا . شۇنىڭدەك ئەزىزانە قەشقەر دېيارىدىمۇ ، شىنجاڭ پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ، شىنجاڭ مەدەنىيەت ئېدارىسى ، قاتارلىق ...ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى بىلەن قەشقەر جەسۇر ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيلەش بازىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ پوقرالار دوختۇرخانىسى جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىپ كەتتى .
مۇسابىقىگە قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى چوڭ - كىچىك ساخاۋەتچى سودىگەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن چوڭلار ۋە ياشلار كوماندىسى بولۇپ 27 كوماندا قاتناشتى . 10-ئاينىڭ 17-18-كۈنلىرى مۇسابىقىنىڭ 1- ئايلانمىسى ئويناپ تۈگۈتىلدى . كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ سەۋىيسى ناھايىتىمۇ يۇقىرى بولۇپ ، مەيدان سىرتىدىكى تاماششىبىنلارنىڭ ماھىرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئالقىش سادالىرىمۇ جەسۇر پۇتبول مەيدانىنى بىر ئالدى . دېمەك قەشقەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى پۈتكۈل ئاقكۆڭۈل قەشقەر خەلىقىنىڭ پۇتبول ئۈچۈن سوقۇۋاتقان ، ۋولقاندەك يۈرۈكىنىڭ تەشنالىقىنى بېسىشى ئۈچۈن ، ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك ۋە كاتتا بىر سورۇن بولۇپ قالدى .
1- ئايلانما مۇسابىقىنىڭ نەتىجە ۋە مۇسابىقە رەسىملىرىنى ئەلخان يوللاپ بولغاچقا ، بۇ تېمىدا قايتا يوللانمىدى . مۇنبەردە قەشقەر بىرلەشمىسى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقنىڭ نەتىجىسى ، قىسقا فېلىمى ، مۇسابىقنىڭ ھەر - خىل قىززىق نۇقتا مەسىللىرىنى مۇنبەرگە ئۆز ۋاقتىدا يوللاپ ماڭىمىز ، ھەر ئايلانما مۇسابىقنىڭ خەۋىر تېمىسى كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقە باشلانغۇچە يورتۇلۇپ قويىلىدۇ . مۇسابىقىنى نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆردىغان مۇنبەرداشلارنىڭ ،تېلىفۇننىڭ توكىنى ئايىماي ، ھەر خىل ماھارەت كۆرنىشلەرنى رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپ بېرىشىڭلارنى چىن - دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمز .
تۆۋەندە مەن قەشقەر بىرلەشمىسىنىڭ 2- ئايلانمىدىكى رەقىبلەر ئورۇنلارشتۇرشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن . 2- ئايلانما مۇسابىقە 10-ئاينىڭ24-25-كۈنلىرى ئوخشاشلا جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا ئوينىلىدۇ .
10-ئاينىڭ 24- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:00 دە جەسۇر ئېمپورىتلىرى خانجاي كوماندىسى VS ئەلدىيىك كوماندىسى .
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دە داۋايى غىزا كوماندىسى VS ئۈمىد كوماندىسى.
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 11:00 دە ئەلنۇرى كوماندىسى -- 203-قىسىم كوماندىسى.
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 12:00 دە نۇرلۇق كوماندىسى كوماندىسى -- 2-دوختۇرخانا كوماندىسى.
شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىنن سائەت 1:00 دە ھۇررا كوماندىسى VS ئەنسار كوماندىسى.
شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىنن سائەت 2:00 دە MHD كوماندىسى -- فىڭ يۈ (风雨) كوماندىسى.
10-ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:00 دە كونا شەھەر ئەنتەي كوماندىسى VS ئالماس كوماندىسى .
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دە خېڭ شىڭ تەكشۈرۈش كوماندىسى VS چېمپىيون كوماندىسى .
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 11:00 دە 220-قىسىم كوماندىس -- 老男孩儿 كوماندىسى .
شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 12:00 دە ئېبىن سىنا كوماندىسى VS داغدام كوماندىسى .
شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىنن سائەت 1:00 دە زەپەر كوماندىسى VS سەبەھ كوماندىسى .
شىنجاڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىنن سائەت 2:00 دە تالماس كوماندىسى VS شەجەر كوماندىسى . قاتارلىقلار ...
ماھىرلارنىڭ مۇسابىقىگە ۋاقتىغا تولۇق رىئايە قىلىپ ، مۇسابىقىنىڭ دەل ۋاقتىدا باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ، بىرلەشمە چىقارغان ھەر تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملەرگە ئاڭلىق بوي سۇنۇپ ، ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە جارى قىلدۇرۇپ ، كەڭ خەلىق ئاممىسىنى ساغلام ، ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇسابىقلەر بىلەن ھوزۇرلاندۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
|
|