elan ornielan orni
كۆرۈش: 3227|ئىنكاس: 92

مۇنەۋەر ئىشىك باققۇچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-10-16 21:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-16 23:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

20150813032912106.jpg


كەسكىن رىقابەتكە تولغان پۇتبول مەيدانىدا ھۇجۇمچى ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىردىن باشقا ئارقا بەلدە مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ كىلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم ئادەم بار. ئۇ بولسىمۇ ھوشارلقىنى ھەرۋاقىت ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئىشىگىنى جان تىكىپ قوغداپ كىلۋاتقان، ئىپادىسى غەلبە ياكى مەغلۇپ بۇلشقا بىۋاستە تەسىر كۆرستىدىغان  مۇھىم شەخىس  ‹‹ قورغان قاراۋۇلى ›› چەبدەس ۋارتالاردۇر. ئەلۋەتتە ھەممە ئىشلار بىز ئويلىغاندەك مۇكەممەل بۇلۇشى ناتايىن، ۋارتالاردىمۇ بەزى نۇقسانلار كۈرۈلۈپ قالىدۇ. ھەرقانداق بىر ۋارتاچى ئۆزى جان تىكىپ قوغداپ كىلۋاتقان ۋارتاغا توپ كىرىپ كىتىشىدىن خالىي بۇلاممايدۇ.  ئۇلار قىيىن شارھتتىمۇ بەل قۇيۋەتمەي ئۆز بۇچىنى مەسئۇليەت چانىلىق بىلەن ئادا قىلىپ كىلۋاتقان سادىق قوغدىغۇچىلاردۇر.



سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق ۋارتاسى  ياشىن




20140714074249708.jpg



1929-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى موسكۇۋادا تۇغۇلغان، كەسپى ھاياتى باشلىنىپ ئاياقلاشقۇچە ئىزچىل دىنامو كوماندىسىدا توپ تەپكەن.  تارىجىتىن بۇيان ئەڭ ئۇزۇن ‹‹ 270مەيدان›› توپ كەتكۈزمىگەن ۋارتا بۇلۇپ كەلمەكتە.  ياشىن 20- ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋەر ۋارتا دەپ تەرىپلىنىدۇ، 1994-يىلى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياشىن مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىپ، تۆت يىلدا بىر كېلىدىغان دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقىچى مۇكاپات تۈرى قىلغان.


ئېرىشكەن شەرپلىرى



ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسى چېمپىيونى بىر قېتىم
ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى  بىر قېتىم
ياۋروپا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە بىر قېتىم 2-
ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى ئالتۇن توپ مۇكاپاتى  ( 1963 - يىلى )
دۇنيا لوڭقىسى مۇنەۋەر قاپقىچى بىر قېتىم ( 1966 - يىلى )
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنەۋەر توپىچى مۇكاپاتى ( 1971 - يىلى )
ئولىمپىك مېدالى مۇكاپاتى ( 1986 - يىلى )
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن ئوردېننى ( 1988 - يىلى )
20 - ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ۋاراتار ( 2000 - يىلى )




ئىتالىيەنىڭ داڭلىق ۋاراتارى دىنو  زوف


Dino_Zoff_Juventus.jpg


زوف ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا نۇرغۇن شانلىق دەۋىلەرنى ياراتقان، ئىتالىيە پۇتبول تارىجىدىكى 50 داڭلىق پۇتبولچى بۇلۇپ باھاللانغان. ئۆز دەۋرىدە ئىتالىيە پۇتبول چىلقىدىكى ئەڭ نەمۇنىلىك توپچىلارنىڭ ئۈلگۈسى بولغان ، دۇنيا بۇيىچە ئۈچۈنجى ئۇرۇندىكى پۇتبولچى شەرىپىگە ئېرشكەن.
خەلقئارا پۇتبۇل بىرلەشمىسنىڭ شەرەپ ئوردىنغا ئېرىشكەن.  دۇنيا پۇتبۇل ساھەسىدىكى 20-ئەسىردىكى داڭلىق توپچى بولۇپ باھالانغان. شۇنداقلا  تېرېنىرلىق ھاياتىدا نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرشكەن.



Juventus_-_Coppa_Italia_1989-1990_-_Dino_Zoff.jpg Partita_Pertini_bearzot_causio_zoff_1982.jpg



ئىتاليە دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 112مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، 59مەيدان مۇسابىقە ئوينغان.شۇنداقلا 40ياشقا كىرگەن ۋاقىتا، ئىتاليە كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق سالاھىتى بىلەن كوماندىنى يېتەكلەپ ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى چېمپيۇنى بولغان. ھەم يېشى ئەڭ چوڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرشكەن توپچىغا ئايلانغان. زوف ئىككى پەسىللىك مۇسابىقە جەريانىدا 1142مىنۇت كەتكۈزمەسىلىك رىكوتى ياراتقان. پۇتبولچىلىقتىن چىكىنىپ  يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى يىتەكلەپ ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونى ، ھەم بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان.


Euro_'80,_Italia-Inghilterra_1-0,_Keegan_e_Zoff.jpg


فرانسىيە داڭلىق  قاپقىچىسى بارتېز


20140714074252490.jpg 20140714074254455.jpg

فىرانسىيە داڭلىق ۋاتاسى بارتېز، 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 8- كۈنى تۇغۇلغان. فىرانسىيە تارىجىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ۋاتارتالارنىڭ بىرسى . 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ۋارتا .  بارتېز كۇلۇبتا كۆپ قېتىم خاتالىق سادىر قىلىپ بىرمەزگىل تۆۋەن ئۇرۇنغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ ، كىيىن 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا، ئۇنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇپ ياشىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا بارتېز يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت ئىككى توپ كەتكۈزگەن ئىپادىسى قالتىس بولغان.


گىرمانىيە داڭلىق ۋارتاسى كائىن


20120615010626129.jpg


‹‹ شىر پادىشاھ كائىننى بىلمەيدىغان،  ئۇنىڭغا قايىل بولمايدىغان مەستانە بولمىسا كېرەك، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا كائىننى بىلىپ دۇنيادىكى ھەممە ۋارتالارنىڭ ئاچچىقى مۇشۇنداق يامان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم . ›› كائىننى ياقتۇردىغانلار كۆپ،  شۇڭا كۆپەرەك سۆزلەشكە توغرا كىلىدۇ.
كائىن 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ۋارتا،  2002- يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا گېرمانىيە قىزىق نۇقتا بولمىغان ئەھۋالدا كاپىتان باللاك ۋە كائىننىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن. گەرچە گېرمانىيە چېمپىيون بولالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كائىن ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماي يەنە ئەڭ مۇنەۋۋەرۋارتا بولغان،




20140714074255494.jpg 20140714074248238.jpg


كائىننىڭ شاش-شەرەپلىرى: ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بىر قېتىم (2001-يىلى)؛ ئىككىنچى:  ئەڭ مۇنەۋەر قاپقىچى تۆت قېتىم (1999-2002-يىلىغىچە)، ھەل قىلغۇچتىكى ئەڭ مۇنەۋەر توپچى: بىر قېتىم (2001-يىلى)
ماتىۋۇس كوماندىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كاھىن بايرېن مىيۇنخېننىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكىگە ئايلانغان، ئۇنىڭ ۋارتار ئالدىدا ھۆركىرىشى گېرمانىيە قاپقىچىسىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان. 2001-يىللىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، كاھىن زاخوۋىچ، كابونى ۋە پېللىگېرىنونىڭ نۇقتا توپىنى توسۇپ چىقىرۋېتىپ، بايرېن مىيۇنخېننىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشتىكى باش تۆھپىكارىغا ئايلانغان. 2002-03 مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ كاھىننىڭ ئىپادىسىدە تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىشكە باشلىغان، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىمۇ خاتالىق سادىر قىلغان، بۇ ھەم بايرېن مىيۇنخېننىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن.



100275793.jpg



ئىتالىيە داڭلىق ۋاتاسى بۇففۇن


200401150755_545701.jpg


بۇففۇن 1978-يىلى 1- ئاينىڭ 28كۈنى تۇغۇلغان، ھازىرقى زامان ۋارتالار ئىچىدىكى ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق بۇلۇپ كىلۋاتقان ۋارتالارنىڭ بىرسى، ئىتالىيەنىڭ مۇنەۋەر ۋارتاسى. 2006-يىلى ئىتالىيە پولات قورغان مۇداپىئە سېپىگە تايىنىپ، 24 يىلدىن كېيىن قايتا دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، گەرچە كاناۋارو پۇتبول ئەپەندىسى بولغان بولسىمۇ، ياشىن مۇكاپاتى ئىتالىيەنىڭ مۇداپىئە سېپىدىكى بۇففۇنغا مەنسۇپ بولغان. 2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە بۇففۇن ئاران ئىككى توپ كەتكۈزگەن. بىرسى زاكاردونىڭ خائىن توپى، يەنە بىرسى زىدانىنىڭ نۇقتا توپى. بۇففۇن قالتىس ئىپادىسى بىلەن ياشىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


603c9ccad1c8a786978272a86509c93d71cf508a.jpg


شان -شەرەپلىرى  ئىككى قېتىم ( 2003-يىلى، 2015-يىلى)، ئەڭ مۇنەۋەر توپچى (2003-يىلى)، ئەڭ مۇنەۋەر قاپقىچى (2003-يىلى)
«ئەڭ مۇنەۋەر توپچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىردىنبىر قاپقىچى، ھەم «ئەڭ مۇنەۋەر توپچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىردىنبىر توپچى. ئىككى قېتىملىق يېرىم ھەل قىلغۇچتا بۇففون كۈچلۈك مادىرىدقا دۇچ كەلگەن، ئۇنىڭ توسۇپ چىقىرۋېتىشى يۇۋېنتۇسنىڭ ئومۇمى نومۇر ئەۋزەللىكى بىلەن ھەل قىلغۇچقا كىرىشىگە ياردەم قىلغان. تاغىل ئات قوشۇنىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى يادرولۇق توپچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇففۇن ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئەڭ قالتىس ئىپادىسىنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە ئىككى قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسى يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق تارىخىدا ياراتقان رىۋايەتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.


u=3669720373,2026821217&fm=21&gp=0.jpg



مۇنەۋەر ۋارتار چېخ


20150913053353135.jpg


چېخ 1982-يىلى  5-ئاينىڭ 20-كۈنى چېخ دۆلىتىدە تۇغۇلغان ، ئۇنىڭ ئىسىمى دۆلەت نامى بىلەن ئوخشاش، چېخ ھازىرقى زاماندىكى مۇنەۋەر ۋارتالارنىڭ بىرى. پۇرسەت تۇتىشى ھەرخىل توپلارغا بولغان ئىنكاسى تىز پىشقان ۋارتالارنىڭ تىپىك ۋەكىلى
ئۈچ قېتىم ئەڭ مۇنەۋەر ۋارتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  چېلسى چېمپىيونلۇققا ئېرىشمىگەن پەسىلدە چېخ ئۈچ قېتىملىق ئەڭ مۇنەۋەر قاپقىچىلىق ئىپادىسى بىلەن توپخۇمارلارنى بويسۇندۇرغان. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، چېخ تۇغۇلغان كۈنى بولغان ئاشۇ كۈنى روبىن، ئولىچ ۋە شىۋىستايگېرنىڭ نۇقتا توپىنى توسۇپ چىقىرۋېتىپ چېلسىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا ئېرىشكەن تۇنجى لوندون كوماندىسىغا ئايلىنىشىغا ياردەم قىلغان ھەم گېرمانىيە كوماندىسىنى ئاز كۆرۈلىدىغان ھالدا نۇقتا توپ جېڭىدە مەغلۇپ قىلغان. ئالدىنقى قېتىم گېرمانىيە كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭىدە مەغلۇپ بولغان مۇسابىقە بولسا 1976-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، رەقىبى دەل چېخنىڭ ۋەتىنى چېخىسلوۋاكىيە ئىدى.



20150913053537356.jpg 20150913053547553.jpg


ئىسپانىيە داڭلىق ۋارتاسى كاسللاس


8R2VBB8G00DE0005.jpg


كاسىللاس 1981-يىلى 5- ئاينىڭ 20كۈنى تۇغۇلغان ، ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى شۇنداقلا،  خانلىق مادىرد كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر ۋارتاسى،كاسىللاس يارتقان رىكوتلارمۇ كۆپ . كاسىللاسنىڭ  ئەڭ چوڭ شاش- شەرىپى بولسا كاپىتان سالاھىتىدە 2010-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتەرگەن.  شاللاش مۇسابىقىسىدە بىرمۇ توپ كەتكۈزمەي، قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


902397dda144ad34099daf90d0a20cf431ad8582.jpg



2000-يىلى كاشلىياس تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ ياش چېمپىيون ۋارتاغا ئايلانغان؛ 2002-يىللىق ھەل قىلغۇچتا كاشلىياس زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن، لىۋېركۇسىننىڭ كۆپ قېتىملىق كىرىشكە تېگىشلىك توپىنى توسۇپ چىقىرۋېتىپ شۇ مەيدان مۇسابىقىدىن باشلاپ دۇنياغا تونۇلغان؛ 2014-يىلى كاشلىيا كۇلۇب ۋە توپخۇمارلارنىڭ قوش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن، ئەمما ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئەينى يىللاردىكىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، تۇنجى قېتىم كاپىتان سالاھىيىتىدە چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرگەن.


گىرمانىيەلىك يەنە بىر پىشقان ۋارتا نويىر

نويىر 1986-يىلى 3- ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان
نويىرنى پىشقان،خاتلىق ئۆتكۈزمەيدىغان ۋارتالارنىڭ ئۈلگىسى دىسەك. ھەرگىز خاتالاشمايمىز ،  نويىربولغان كوماندىدا ئارقا بەلنى قۇشۇپ ئوينايدۇ. بىر ئادەم كام بولغان ئەھۋالدا توپچىلارنىڭ ئەنسىرشى سەل تۆۋەن، ئۇ بىر مۇنەۋەر ئارقا بەل توپچىسىغا ئوخشاتساق بۇلىدۇ.   2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا چۈشەندۈرگىچىلەر مۇسابىقىدە گىرمانىيە توپچىلىرى ئارقا بەلنى نويىرغا تاشلاپ قۇيۇپ مۇداپىيەنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى دەپ چۈشەندۈرگەن. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ياشىن مۇكاپاتىنى تەسسىس قىلغاندىن بۇيان بۇمۇكاپاتقا يەتتە مۇنەۋەر قاپقىچى ئېرشكەن. مۇكاپاتنىڭ نامى 2010- يىللىق جەنۇبىي ئافىرىقا دۇنيا لوڭقىسىدا قايتىدىن ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىغا ئۆزگەرتىلگەن. نويىر ‹‹ ياشىن مۇكاپاتى›› يەنى 2014-يىللىق برازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئالتۇن پەلەي مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولدى.




20140714074224536.jpg




مەن سۆزلەپ ئۆتكەن ۋارتالار ئىچىدە ئۆتكەن زامان، ھەم ھازىرقى زامان ۋارتالىرى ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن توپچىلار تۇنۇشتۇرۇلغان ‹‹ يەنە كۆپ ›› بو توپچىلار ئۆتمۈشتە شۇنداقلا بۈگۈنكى پۇتبول دۇنياسىدا ئۆزنىڭ شانلىق دەۋىرنى يارتتى. بىز پۇتبول دۇنياسىدىكى ھارماس قوغدىغۇچىلارنىڭ كىيىنكى ئىشلىرغا ئۇتۇغ تىلەيمىز

ئېھتىرام بىلەن: ئەلشىر



باھالاش

قاتناشقانلار سانى 8مۇنبەر پۇلى +2800 تۆھپە +10 شۆھرەت +10 تەجرىبە +10 يىغىش سەۋەبى
ئۇستاز + 2000 ئۇستاز فوندى
ھەقىقەت + 50 قوللاش!
تۈمەن + 50 + 10 + 10 + 10 قالتىس!
nayil + 50 قالتىس!
راكىتا + 500 قالتىس!
تۇرانى + 50 كۆڭلۈمدىكى قاپقاۋۇلل.
دېھقان + 50 نادىررررررررررررررر
كۆسەنى + 50 نادىر تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 22:05:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمامغا دىققەت قىلىپ قويساڭلار،  تېمىغا ئاز ۋاقىت كەتمىدى.

يېقنىدا ئەجىر قىلىپ  يازغان  بىر قانچە تېماممۇ ئېتىبارسىز قالغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:18:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاشقا بىر بېلەت تاشلايمەن.  دىنو زوف دېگىنى زىدانىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:20:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەجىرلىك تېتملىق چۈشۈنۈشلۈك تېما بولاپتۇ قولىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن.        نادىر تېمىغا بىر بېلەت !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:21:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر  تىما .
ئاۋۇ  تاقىرباش  ئىشىك باققۇچى  ئىسىمدىن  چىقمايدۇ  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:22:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يانىلام تولدونى ياخشى كۇرىمەن......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر يوللىغان ۋاقتى  2015-10-16 22:05
باشقۇرغۇچىلار بۇ تېمامغا دىققەت قىلىپ قويساڭلار،  تېم ...

  ئوخشاشلا بۇ تېمىنمۇ  نادىرلىمايمىز




بىر بىلەت  ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:29:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ ..ئىسىل  كەچلىك تاماق سىڭمەي بىئارام بوپ تۇراتتىم ..ماۋۇ تىمىنى ئوقۇپ سىڭىپ كىتىپ قورسىقىم ئاچقاندەك ھىس قىلۋاتىمەن ...قوللىرىغا دەرت كەلـمىسۇن ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلمەيدىغاندىن بىر نەچچىسى باركەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 22:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسىتا يوللىغان ۋاقتى  2015-10-16 22:25
ئوخشاشلا بۇ تېمىنمۇ  نادىرلىمايمىز

قوللىغان بارلىق مۇنبەرداشلارغا رەھمەت .

نادىرلاشتا مەجبۇرلاش يوق، ھەم ئۇنداق قىلساقمۇ توغرا بولمايدۇ.

مۇھىمى چۈشۈنۈش ،قوللاش بۇلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.  

رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-16 22:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
exaniq يوللىغان ۋاقتى  2015-10-16 22:31
مەن بىلمەيدىغاندىن بىر نەچچىسى باركەن.

بىز بىلمەيدىغان بىر قانچىسى بارئىدى، كىيىنگە ئېلىپ قويدۇم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-10-16 22:36:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرغا بىر بىلەت،لىكىن ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر كۆپ مۇشۇ نوقتىغا سەل دىققەت قىلسڭىز...ئىشلىرڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 18:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش