ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2376 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-16 17:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبۇل مۇنبېرىدىكى بارلىق پۇتبۇل خۇمارلار، ھەممىڭلارغا ئەزىزانە قەشقەر خەلىقىدىن ئوتلۇق سالام!
2015- يىللىق قەشقەر پۇقرالار دوختۇرخانىسى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ جەسۇر لوڭقىسى ›› نى تالىشىش كاتتا مۇسابىقىسى ، يەنى ‹‹ قەشقەر پۇتبۇل بىرلەشمسى مۇسابىقىسى ›› ئەتە يەنى .2015-10-17 كۈنى شەنبە كۈنى قەشقەر جەسۇر پۇتبول مەيدانىدا داغدۇغلۇق باشلىندۇ.
بۇ مۇسابىقىگە ھەر قايسى ساھەلەردىن كوماندا تەشكىللەنگەن بولۇپ،جەمى قاتناشقان كوماندا 27،
مۇسابىقە باشلىنىش ۋاقتى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9دا
مۇسابىقىلشىدىغان كوماندىلار .
قەشقەر 2-دوختۇرخانا كوماندىسى ---------- ئەزىز تەن ساغلاملىق مەركىزى كوماندىسى
ھەسەن -ھۈسەن كوماندىسى --------------- ئەنسار پۇتبول كوماندىسى
تەيئەيتەي كوللاگېن كوماندىسى ------------مۇھەممەد داۋالاش گوروھى كوماندىسى
220-قىسىم كوماندىسى -------------203-قىسىم كوماندىسى
خىڭشىڭ تەكشۈرۈش كوماندىسى-------- داۋايى غىزا كوماندىسى
كونا شەھەر ئەنتەي كوماندىسى--------- خانجاي كوماندىسى
يەكشەنە كۈنى ئوينىلدىغان مۇسابىقىنى ئەتە يوللايمەن ..
كەڭ پۇتبول سۆيەر دوسلارنىڭ قەدەم تەشرىپ قلىشنى قارشى ئالىمىز
موكاپاتلاش تەدبىرى : 1- دەرىجگە ئېرشكەن كوماندا 10000 يۈەن ، 2- دەرىجە 6000 يۈەن ، 3- دەرىجە 4000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا مەدەنىيەتلىك كوماندا ۋە مەدەنىيەتلىك تەنھەركەتچى ، مۇنەۋۋەر ھوجۇمچى ، مۇنەۋۋەر ۋارتا نامزاتلىرى تاللاپ چىقىلىدۇ
ئەزىزانە قەشقەر دىيارى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت پۇتبول سۆيەر كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت كېلىپ مۇسابىقىنى نەق مەيداندن كۆرۈش بىلەن بىرگە دېيارىمىزىنڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ قانچىلىق دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقى كۆرۈپ كېتىشىنى سەمىمى قارشى ئالىدۇ . ئىشىنمىزكى ئاق -كۆڭۈل قەشقەر خەلىقى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالغاندىن باشقا يەنە ، مۇسابىقىدىكى ھەر بىر ماھىر ئۆزلىرىنڭ قالتىس ماھارىتى ئارقىلىق سىلەرنىڭ ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىدۇ . بىزنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغان تەلىپىمىز پەقەتلا مەدىنى .ئىلمى ساپالىق مەستانە بولۇشنىلا تەلەپ قىلىمىز .
ئاخىرىدا مۇشۇ قىتىملىق مۇسابىقنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئورۇن، قەشقەر پۇخرلار دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمامجان دوختۇرغا شۇنداقلا قەشقەر ‹‹ جەسۇر ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبۇل تەربىيەلەش ئورنى›› نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان، ۋىلايېتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى تۆھپىكار زات- ئەكبەر مۇئەللىمگە ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
|
|