ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2159 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bughraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-10-15 16:20
تەكلىپ ،ئۇنداق قىسقارتمىسىڭىز بولاتتى ،
مۇنبىرىمىزنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسىنى ‹‹مانچىستىر›› دەپ ئىشلىتىشى ،مانچىستىر شەھىرىنى ‹‹شەھەر›› دەپ ئىشلىتىشى بىر قەدەر ياخشى ،
خەنلەنىڭ ئىسىم قىسقارتىش مۇدا بولغاننىڭ ياقى بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلغىمۇ سىڭىپ كىردى ،لېكىن مەنا ئىپادىلىمەيدىغان بۆلەكنى ئىشلىتىش توغرا تاللاش ئەمەس ،ئەينى ۋاقىتتا ‹‹يۇمشاق دىتال ››نىڭ قىسقارتىلىشى ‹‹يۇمتال›› دەپ ئىشلىتىلگەندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن، لېكىن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم قارشى تۇرغان، دىگەندەك ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنگىلىزچە applicationنىڭ قىسقارتىلمىسى ‹‹ئەپ››نى ئىشلەتتى(ئىنگىلىزچىسىغا ئوخشاش)، مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇيغۇرچىدىكى ئەپ ،ئەپچىل دىگەن سۆزلەرگە يىقىنلىشىدىغان مەنا ئىپادىلەيدىغان بۆلەكنى ئىشلەتتى ،،،مانا ھازىر تور دۇنياسىدا يۇمشاق دىتال بىلەن ئەپ دىگەن ئىسم تەڭ قوللىنىلۋاتىدۇ ...ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيىسى شۇ بولدىكى مەنا ئىپادىلىمەيدىغان بۆلەكنى ئىلىپ خالىغانچە قىسقارتىش ياخشى ئەمەس ...
ئۆزىڭىز ئۇبدان ئويلىنىپ باقسىڭىزى چۈشىنىپ قالىسىز ،ئىزدەش ،تەرجىمە ،رەسمىلىك شەكلىنى خەتكە ئايلاندۇرش دىگەندەك تىخنىكىلىق ئىشلارغا كەلگەندە ھازىرقىدەك قىسقارتىش ئەسلىدىنلا توغرا بولمايۋاتقان ئىملاغا نىسبەتەن بەك چوڭ يوچۇق چىقىرىپ ئاۋارچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ ...
بەك ئاۋارچىلىق كۆرسىڭىز مانچىستىر ،شەھەر دىگەندەك ئىشلىتىڭ، قايمۇقۇپ كىتىدىغان يەرلەرگە كەلگەندە تولۇق ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ ...رەخمەت |
|