ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3135 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۈركىيە مېھماندا چىخنى 0:2 مەغلۇب قىلىپ تەقدىرىنى قولغا ئالدى
تۈنۈگۈن شۇيەر ۋاقتى 20:45 ئۆتكەندە 2016-يىللىق فرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسى ئا گۇرۇپپا 9-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقە چىخ پايتەختى پراگادا ساھىبخان چىخ بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ خېلى تىركەشكەن بولسىمۇ نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىدى.
مۇسابىقىنىڭ 62-مىنۇتىغا كەلگەندە تۈركىيە بىر نۇقتا توپقا ئېرىشتى، سەلچۇك ئىنان پۇرسەتنى قاچۇرماي توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ تۈركىيەنى مېھماندا ئۈستۈنلىككە ئىگە قىلدى.
79-مىنۇتقا كەلگەندە گېرمانىيە باير لېۋىركۇسىندا توپ تېپىدىغان خاكان چالھان ئوغلى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 0:2 گە مۇقىملاشتۇردى.
بۇ مەيدان غەلىبىدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ نومۇرى 15 گە يەتتى، مېھماندا قازاقىستاننى ئۇتقان گوللاندىيەنىڭ بولسا 13 قا يەتتى.
كېلەركى ئايلانمىدا تۈركىيە 13-چېسلا شۇ يەر ۋاقتى 20:45 ئۆتكەندە كونيادا گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان ئىسلاندىيەنى كۈتىۋالىدۇ، گوللاندىيە بولسا ساھىبخاندا گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولغان يەنە بىر كوماندا چىخنى كۈتىۋالىدۇ.
گوللاندىيە بىلەن تۈركىيە ئىككى كوماندا ئۆزئارا نەتىجىدە تۈركىيە بىر ئۇتۇپ، بىر تەڭلىشىپ ئۈستۈنلىكتە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۈركىيە ئۇتتۇرۇپ، گوللاندىيە چىخنى يەڭگەندىلا تۈركىيە قوشۇمچە مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىنى تاتقۇزۇپ قويىدۇ، شۇڭا گوللاندىيەگە قارىغاندا تۈركىيەنىڭ قوشۇمچە مۇسابىقىگە كىرىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى. ( پۇتبۇل دۇنياسى سالۇندىن رۇخسەت ئىلىپ كۆچۈرۇلدى) |
|