elan ornielan orni
كۆرۈش: 1101|ئىنكاس: 54

ئاقسۇ « ئاسۇق » كوماندىسى رەسمى قۇرۇلدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاسۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-15 15:35  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ئەزىزانە تېنىڭلار سالامەت بولسۇن .  قىلغان ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق ، تۇرمۇشۇڭلار كۆڭۈللۈك ، يىگەن تامىقىڭلار سىڭىشلىك بولسۇن.  دىيارىمىزدىن چىققان يەنە بىر كاتتا خۇشخەۋەردىن سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئاقسۇ « ئاسۇق »كوماندىمىز 80-يىللانىڭ ئاخىرىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەكبەر قاتارلىق بىر تۈركۈم پۇتبول سۆيەر يىگىتلىرىمىزنىڭ ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە پارتىلاپ چىققان شىجائىتىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان،  ئاقسۇنىڭ قەدىمكى ئىسىملىرىدىن بىرى بولغان « ئاسۇق » دىگەن نامنى قوللانغان كوماندا بولۇپ،   كوماندا قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتىلا تېز سۈرئەتتە ئۆز ئورنىنى تىكلەپ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان.  شۇنداقلا بەلگىلىك تەسىرگە ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.   ئۈچ يىللىق تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىدا بۇ كوماندا ئاقسۇدىكى پۇتبولخۇمارلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ مۇنازىرە قىلىدىغان ئوبېكىتىگە ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق ئالى مەكتەپكە بېرىش ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە تارقىتىلىۋىتىلگەن.   بۈگۈنلۈكتە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسۇقلۇقلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى، تەشكىللىشى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىن قوللىشى ئارقىسىدا قايتىدىن تەشكىللىنىپ ئاقسۇ دىيارىمىزدىكى پۇتبول ئۇچقۇنلىرىدىن بارا بارا پۇتبولنىڭ گۈلخانىغا ئايلانماقتا. 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمنىڭ تەنتەنىسىگە جور بولۇپ ، كوماندىمىز رەسمى تۈردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك ئىشتىن سىرىتقى پۇتبول كوماندىسى بولۇپ ئەنگە ئېلىندى.  يىگىتلىرىمىزنىڭ پۇتبول دەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكى ۋە قېرىنداشلىق مېھرى بىزنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىمىزغا ياكى ۋاز كېچىشىمىزگە رەددىيە بېرىپ،   ئاسۇق نامىنى خەلقىمىزگە قايتىدىن تونۇتۇشقا ئېلھاملاندۇرماقتا.  ئاقسۇ پۇتبولچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ، ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرىغا ئاز بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش ، شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى پۇتبولنى قوللايدىغان شېركەتلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش يۈزىسىدىن كوماندىمىز ھەمكارلاشقۇچىغا موھتاج.  ئەزالىرىمىز ئالاھىدە مەشىق كۆرگەن،تېخنىكىدا مەملىكەتلىك سەۋىيەگە يەتكەن بولمسىمۇ ئەمما ئاپتونۇم دەرىجىلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ بەلگىلىك تەسىر ۋە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن يىگىتلەرنى ئاساسى كۈچ قىلغان .   ئەڭ مۇھىمى تاماق ۋە ئارامنى ئۇنتۇغان ھالدا پۇتبولغا ئېتىلىدىغان قىززىقىشى بار 16ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن23 نەپەر ئەزادىن شەكىللەنگەن مۇنتىزىم ئىشتىن سىرىتقى كوماندا .  رەئىسىمىزنىڭ ئىسمى ئەكبەر ياسىن .  .  باش تېرىنېر پۇتبول مۇنبىرىمىزنىڭ غوللۇق ئەزاسى،شۇنداقلا ئاقسۇ شەھەر ئايكۆل  ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مۇختەر .  يۇقارىقى ئىسمى چىققان مۆھتىرەملىرىمىزنى بەلكىم مەندىن ياخشى تونۇيسىلەر.  شۇڭا ئارتۇق تونۇشتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ ئويلايمەن. ئىشقىلىپ ئوڭ تەتۈر توپ تىپىدىغان ، پۇتبولغا نىسبەتەن قارا ساۋات دىگۈدەك باللارنى بىر يەرگە يىغىپ شۇلاردىن بىر پۇتبول كوماندىسىنى ھاسىل قىلالىغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەر قانداق بىر كىشى ئويلاپ يىتەلەيدۇ.   شۇڭا ھەمكارلىق،قوللاش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلارنىڭ ئىككىلەنمەي بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.   ئىشىنىمەنكى بىزدىكى تىرىشچانلىق يېقىن كەلگۈسىدە خىيالىمىز يەتكەن يەرلەرگە قەدىمىمىزنىمۇ يەتكۈزگۈسى.

كوماندىمىزنىڭ مەشىق ۋە مۇسابىقىلىرىگە قىزىققۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ھەرقاچان بىزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ،پىكىر-تەلەپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن « ئاسۇق » كوماندىسى كاپىتانى:مەمەتجان

ئالاقىلىشىش نومۇرى:

ئەكبەر ياسىن — 13899271017

مەمەتجان — 15199212304
ئۈندىدار — 599145583
120142lv1z73r3cx5f8czk.png
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-9-14 13:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:21:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئا تەرەپلەرگە ئۈتەپ قالساق بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كىلەمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:24:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرىڭلانىڭ تىخىمۇ راۋاج تىپىشنى  ياخشى نەتىجىگە ئىرشىشىڭلارغا  تىلەكداشمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:26:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇگۇن بىزمۇ بىرلەشمە مۇسابقنىڭ 4 ئايلانمسنى ئۇينغان 0دە 7 نەتجە بىلەن ،ئۇمۇت كۇماندىسنى ئۇتۇپ بىرلەشمە مۇسابقدە بىرنجى ئۇرۇنغا ئۇتۇق ،4 ئايلانمدا جەمى ئۇرغان تۇپمىز 17 كەتكۇزگىنمىز 2 تۇپ ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:27:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ،، ئۇيغۇر پۇتبۇل چىلىقى گۈللىنۋاتقان ئوخشايدۇ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:28:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توختىماستىن تىرىشىپ بولسا دەرىجىدىن تاشقىردا ئ‍وينىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:28:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇلۇپ گىرىپى نەپىس لاھىيلىنىپتۇ.....كىيىنكى ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق  بولسۇن....

ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇبارەك بولسۇن  رايونىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرى  تەرەقى قىلىپ كۇماندىلەر قۇرۇلۋېتىپتۇ ئىشىنىمىزكى يىقىن كەلگۇسىدە بىزنى ھاياجانغا سالىدىغان نەتىجىلەر ۋۇجۇتقا چىققۇسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:36:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن مەمەتجان سىز ئەلتۇرۇكنىڭ ئاكىسى شۇغۇ، ئونسۇدا كۇرۇشكەندەك قىلغان
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 13:58:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن،ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى تىلەيمەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-14 14:02:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 19:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش