elan ornielan orni
كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 32

يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   balotelli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-13 11:13  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىرىدىكى مۆھتىرەم ئەزىزلەر مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن !
ھە ئەزىزلەر بەلكىم تىما ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا دەماللققا خاتا ھالدا  يەنە شۇ يىشىل چىملىقتىكى قايسىبىر  (  يىگىت ) نى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈردىڭلارغۇ دەيمەن ! ئۇنداقتا بۇ يەردە سۆزلەنمەكچى بولغىنى قايسى  ( يىگىت ) ؟ قانداق ( يىگىت ) ؟ قىزىققانلار ئەمىسە شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇنبىرىدە ئىلان قىلغان ئۇشبۇ پالۋانلار رىسالىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىڭلار ! قىزىقمىغانلار ئىچىر -مىچىر ئىنكاس يېزىپ كالتا كۇسارلىق قىلماڭلار !
2015 - يىلى 9 - ئاينىڭ  10- كۈنى ئۇيغۇر چېلىشىش جەمگاھى سەھۋالىم چېلىش مەيدانىدا ناھايىتى كاتتا تارىخ بېتىگە يېزىلغۇدەك كۆرگەنلەر دەرماندا ، كۆرمىگەنلەر ئارماندا قالغۇدەك كىلاسسىك بىر مەيدان مىللىيچە چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكىزىلدى ! ئۇشبۇ مۇسابىقىگە  ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايونىدىن  مەملىكەتتە ئالتۇن مىدال ئالغان مۇڭغۇللارنىڭ قەلبىدىكى چېلىش پىشۋاسى ( ماندا ) باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم خىللانغان چېلىشىش پالۋانلىرى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ،  دىيارىمىزدىكى لوپ ناھىيە پالۋانلىرى ، قارقاش ناھىيە ئەركەكلىرى ، خوتەن شەھەر يىگىتلىرى بىلەن ئاجايىپ كىلاسسىك بىر مەيدان چېلىشىش جېڭى قىلدى !

ئەڭ ئاۋۋال سەھۋالىم چېلىشىش مەيدانىنىڭ قائىدىسگە ئاساسەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئىختىيارى چېلىشىش ئېلىپ بېرىلىپ  20 ياشتىن تۆۋەنلەردىن بىر تۈركۈم ئەزمەتلەر ئۆزى خالاپ بەل تۇتۇشۇپ بېقىشتى ! بۇ ئىختىيارى چېلىشنىڭ تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يىرى شۇكى چېلىشتا يەڭگەن ئەزمەتكە 20 يۈئەن خەلىق پۇلى ، يېقىلغان مەرتكە 10 يۈئەن ئاپرىن پۇلى بىرىپ ئۇلارنىڭ مەردانىلىقى مەدھىيلىنىدۇ !  مەردلەرنىڭ مەردانىلىقى سىنىلىپ بولغاندىن كىيىن خوتەن بىلەن قاراقاش ئوتتۇرىسىدا پالۋانلار ئېلىشىش باشلىنىپ بۈگۈنكى چېلىشىش مۇسابىقىسى رەسمى باشلاندى ! خوتەن قارقاش چېلىشىشى شۇنداق قىززىدىكى داڭلىق ماھىلار تولۇق چېلىشتى ! خوتەندىن چېلىشىپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولغان مەملىكەتتە كۈمۈش مىدال ئالغان روزىتوختىمۇ بەل تۇتىشتى ! قارقاشتىن مەتنىياز شالى قارقاش ئۈچۈن بىر ئوق بولدى ! ئاخىرىدا ئوق چىقىش نىسپبىتى 3 دە 2 نەتىجە بىلەن خوتەن غەلبە قازاندى !
  
خوتەن قارقاش چېلىشىدىن كېيىن بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولغان قارقاش مۇڭغۇل چېلىشىش باشلاندى ! دەسلەپتە مۇڭغۇل تەرەپ ئالدى بىلەن بىر ماھىر چىقاردى ئاندىن ئۇنىڭغا قارشى قاسىم ئاخۇن ( قارقاش چېلىش پالۋانلىرىنىڭ يىتەكچىسى ) قارقاشتىن يىڭى چاقنىغان ماھىردىن بىرنى مەيدانغا سېلىپ بۈگۈنكى تۇنجى ئۇيغۇر مۇڭغۇل بەل تۇتىشى باشلاندى ! ئاخىرىدا مۇڭغۇل ماھىرى ئىسىل ماھارىتى بىلەن قارقاشلىق ماھىرنى يىقىتتى ! ئارقىدىن قارقاشتىن مەمەتئەلى جىددى مەيدانغا چىقىپلا پۈشتەك چېلىنىپ بولغۇچە ئىچ چىرماق ماھارىتى بىلەن مۇڭغۇل ماھىرىنى ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم يىقىتىپ يېرىم ئوق بولدى !  

يەنە ئارقىدىنلا  بۇ قارقاش ماھىرىغا قارشى سەپدىشىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇڭغۇل ماھىرىدىن بىرسى چۈشۈپ ھايت ھۇيت دەپ بولغىچە قارقاش ماھىرىنى ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم يېقىتىپ يېرىم ئوقلىقنى تارتىۋالدى ! شۇ ئەسنادا قارقاشتىن بىر ماھىر ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ مەيدانغا كىرىپ بۇ مۇڭغۇل ماھىرىنى يەردىن يۇلۇپ كۆتۈرۈپ مەيدىگە ئېلىپ شۇ قەدەر قاتتىق سالدىكى ئۇيغۇر مىللىيچە چېلىشىشنىڭ خاسىيىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلىپ بەردى ! ماھىرلار مۇشۇنداق تۇتۇشۇپ تۇتۇشۇپ ئاخىرى تاماشىبىنلار تەقەززارلىق بىلەن كۈتكەن مەتنىياز بىلەن مۇڭغۇلنىڭ ئەڭ كۆزور چېلىشچىسى ئالتۇن مىدال ساھىبى ‹ ماندا › بەل  تۇتۇشتى ! ئاخىرقى نەتىجىدە ئىككى ماھىر قاتتىق تىركىشىش ئارقىلىپ ماندا قارقاشلىق مەتنىيازنى كىلاسسىك ماھارەتلىرى بىلەن يەر چىشلەتتى  !

شۇنداق قىلىپ قارقاش مۇڭغۇل چېلىشىدا مۇڭغۇل زەپەر قۇچقاندىن كىيىن خوتەن بىلەن لوپ بىرلىشىپ مۇڭغۇلغا قارشى جەڭ قىلدى ، بۇ جەڭمۇ ئىنتايىن شىددەتلىك ، كەسكىن بولدىكى تارىختا بۇنچىلىك قىززىغان چېلىش كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ ! بۇ خوتەن مۇڭغۇل چېلىشىدىمۇ ماھىرلار بىر — بىردىن غالىپ كېلىپ پۈتۈن تاماشىنلار ئارزۇ قىلغان ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى . بۇ ھەل قىلغۇچ جەڭگە لوپ ۋە خوتەننىڭ ئەڭ داڭلىق ماھىرى ئېلىي قارى بىلەن ماندا چۈشتى ! بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىم يەڭسە بۈگۈنكى چېلىش مۇسابىقىنىڭ غالىبىيەتچىسى بولاتتى ھەم ئېلىي قارى بىلەن ماندا كونا قان رەقىپلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ چېلىشى ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ! پۈتۈن تاماشابىنلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ بۇ ئىككى ماھىرغا كۆز تىكمەكتە ئىدى ! مانا يولۋاس رېپىرنىڭ پۈشتىكى چېلىنغان ھامان يۈرەكلەر گۈپۈلدەشلە باشلىدى ، تاراق تۇرۇق ، قاراس قۇرۇس قىلىشىپ ئېلىي قارىم ماندانى ئۇيان بۇيان چۆرۈپ يەرگە يىقىتىپ بىر نۇمۇر ئالدى ،  ئېلىي قارىغا خەلىق  گۈلدىراس ئالقىشلار ياڭراتماقتا . مانا ئىككىنجى قېتىملىق تۇتۇشۇش باشلىنىپ بىر دەمنىڭ ئىچىدە ماندا چاققانلىق بىلەن ئېلى قارىنى ھەيران قالغۇدەك ماھارىتى بىلەن  يېىقىتىپ نۇمۇرنى تەڭلاشتۈرۈۋالدى ، يولۋاس رېپىر ئىككى مىنۇت دەپ ئېلىش ۋاقتى بەردى . بۇ ئىككى مىنۇتتا ھەر ئىككى ماھىر ئۆزلىرىنى تەڭشەپ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق جەڭگە تەييارلىنىپ پوتىنى تۇتۇشۇپ بەللىرىنى سىقىشتى ! مانا يۈرەكلەر گۈپۈلدىمەكتە ئۇيان بۇيان تارتىشىپ دەس دۈس كۆتۈرۈشىپ ئاخىرىدا خوتەن پالۋانى ئېلىي قارى مۇڭغۇل زەردارى ماندانى يەنە بىر قېتىم يىقىتىپ پۈتۈن خوتەن خەلقىنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلدى ! ئېلى قارىنىڭ ماھارىتىگە بارىكاللا ئېيتىشقان مەرد مەردانە خوتەن ساخاۋەتچىلىرى ئېلىي قارىنى قەپقىزىل پۇللار بىلەن تارتۇقلاشتى ! پۈتۈن خەلىق ئېلىي قارىنىڭ غەلبىسىگە ھەم ساخاۋەتچى بايلارنىڭ ساخاۋىتىگە ئاپرىن ئېيتىشىپ بۈگۈنكى چېلىشنى تىللىرىدا داستان  قىلىشىپ ناھايىتى رازىمانلىك ھەم خۇشاللىق بىلەن ئۆيىگە قايتىشتى !  مانا ھەقىقى بادام دوپپىغا خاس يىگىتلىك جاسارىتى ، ئەركەكلىك ھەيۋىتى ، پالۋانلىق سەلتەنىتى ، موللا زەيدىن ، سادىر پالۋان ، سىيت گاڭگۇڭ  سىماسى‹ ئۇيغۇر مىللىيچە چېلىشىش › دا ! ! !
تۆۋەندىكىسى ئېلىي قارى بىلەن ماندانىڭ ھەم باشقا ماھىرلارنىڭ چېلىشىش كۆرنىشلىرى !

233709cwuu3odz7df2ghpk.jpg 231724y3a1onafa3ffzjs3.jpg 233655rl5qr6rk3zrbb86k.jpg 233706udl3d0z77hclcdc7.jpg 233703aprpiyh43r6hhxb4.jpg 233701h4xidiiv8mysydii.jpg 233658rngfk9vvlpv7yvvk.jpg
ئەسلى مەنبە : شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇنبىرى
          http://xjtantarbiya.com  
025507bzyaii4485anhvaa.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-12 23:24:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   balotelli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-12 23:25  

مانا يىگىت دىگەن سېپى ئۆزىدىن فاشىزىم پۇشتىدىن بولغان كىرىستىيانو ۋە ياكى پاپا مەلىكىسى لىئونىل دەك ئەمەس بەلكى يۇقىردا سۆزلەنگەن ئوغۇز پالۋانلىرىدەك بولىدۇ !
يەنە شۇ پالۋانلار قەسىدىسىگە قىزىققان بولساڭلار نەزىرىڭلار دائىم شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇنبىرىدە بولسۇن  !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 11:51:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ئېسىت   كاتتا  بىر  مۇسابىقىنى  كۆرەلمەي   قاپتىمەنغۇ ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 11:53:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىز  ئەزىمەتلىرىگە  مۇبارەك   بولسۇن،،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 11:59:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئاتالغان يەرلەرنى مەن بىلمەن چىلشىش شۇندھ قىززىيدۇ ،، مەنمۇ نەچچە قىتىم كۆرگەن ،،،ئۇشبۇ جەڭگە قاتناشقان ماھىرلارغا ئاپرىن ،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 12:18:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىشنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا بىرە قېتىم چىقىپ كۆرگۈدەكمۇ پۇرسەت يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 12:37:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
balotelli يوللىغان ۋاقتى  2015-9-12 23:24
مانا يىگىت دىگەن سېپى ئۆزىدىن فاشىزىم پۇشتىدىن بولغان  ...

بۇ مۇسابىقىگە ئابدۇللا يۇپۇرغا قاتناشمىدىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 12:47:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-12 22:02  

تەنتەربىيە تورىمىزنىڭ بەرگەن خەۋىرىنى تولۇق ئوقۇسىڭىز چۈشۈنىسىز... بۇ مۇسابىقە خوتەن بېلەن مۇڭغۇللارنىڭ مۇسابىقىسى ،ئىلگىركىدەك قېرىنداش ۋىلايەتلەردىن ماھىر تەكلىپ قىلىنمىدى  ، ماھىرلارنى كۆپ تەكلىپ قىلغان بېلەن ھازىر دېھقانلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرى ئالدىراش ...ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭلىقلارنى كۆپ تەكلىپ قىلسا بېلەت باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ ...
بېلەتنىڭ كۆپ سېتىلماسلىقى مۆلچەرلەنسە ، تەكلىپ قىلىدىغان ماھىرلارنىڭ سانىمۇ ئازىيىدۇ ئەلۋەتتە ! چۈنكى سەھۋالىم چېلىشىش مەيدانى يېرىم كەسپىلەشكەن مەيدان ، داڭلىق ماھىرلارغا ئالتە - بەش مىڭكوي بەرمىسە كەلمەيدۇ، بۇنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 13:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول مۇنبىرىمىز بېلەن، تەنتەربىيە مۇنبىرىمىز، مەڭگۈ قېرىنداشلارچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتقايمىز !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-13 14:17:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
adalat10 يوللىغان ۋاقتى  2015-9-13 12:37
بۇ مۇسابىقىگە ئابدۇللا يۇپۇرغا قاتناشمىدىما؟

ئابدۇللا يۇپۇرغا بىلەن مەمەتجان باشچىلىقىدىكى ئاقسۇ پالۋانلىرى ھېيتتىن كىيىنكى پەيشەنبىگە تەكلىپ قىلىنىدۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-13 14:18:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ خوتەندە تۇرۇپ مۇشۇنداق كاتتا ئىشتىن ھۇزۇر ئالالمىغانلارغا ئۆكۈنىمەن دە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-13 15:51:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدە ئۇقۇدۇم بۇ تىمىنى ....ھە مىسرانىمدا تۈنۈگۈن ئۇقۇپتىمەنكەن.  دىمىسىمۇ بىر كۆرگۈدەك مۇسابىقە بوپتۇ. يازغۇچىمۇ تىمىنى ئوبرازلىق يۇرۇتۇپ بېرىپتۇ.  ھەممىڭلارغا ئاپىرىن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-31 22:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش