akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1114|ئىنكاس: 1

ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى 10چوڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1-2005-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ ACمىلان كوماندىسى بىلەن لىۋىرپۇل كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە .بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مالدىنى 52سىكونتتا بىر توپ ئۇرۇپ ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ تىز كىرگەن توپنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى 120مىنۇتلۇق جەڭدە ئككى كوماندا تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ جېڭى قىلدى ھەمدە لىۋىرپۇل 5:6نەتىجە بىلەن مىلان ئۈستىدىن غەلبە قىلدى.

2-98-99-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ مەنچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن بايرىن مىيونخىن ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە.بۇمەيدان مۇسابىقىدا بېشىدا بايرىن مىيونخىن كوماندىسى ئۈستۈنلىكتە تۇرغان ،مۇسابىقە ئاياغلاشقىلى ئۈچ مىنۇت قالغاندا بۇ مەنچىستىر بىرلەشمىسىدىن شىرنھام نەتىجىنى تەڭلەشتۈرگەن ،كىيىن مۇسابىقە ئاياغلاشقىلى بىر نەچچە سىكونت قالغاندا <دەرىجىدىن تاشقىرى زاپاس ئەزا> -سورسسىكىيا بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى قلغا كەلتۈرگەن، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مەنچىستىر بىرلەشمىسى ئۈچ لوڭقىنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.

3-1959-60-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ مادىرىد بىلەن فىرانكىفور كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە.مۇسابىقە باشلانغاندا فىرانكىفور كوماندىسى1:0نەتىجىدە ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىگەن ،كىيىن مادىرىد ئارقىمۇ-ئارقا7توپ ئۇرۇپ نەتىجىدە 7:3غەلبە قىلغان،بۇ نەتىجە ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ غەلبە ھېسابلىنىدۇ .

4-1955-56-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ مادىرىد بىلەن فىرانسىيە لەنسى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ مادىرىد 4:3غەلبە قىلغان.

5-1961-62-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ بېنفىركا بىلەن مادىرىد ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولۇپ بېنفىركا 5:3 نەتىجىدە غەلبە قىلغان.
6-1994-95-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ گوللاندىيە ئاجاكوس كوماندىسى بىلەن ACمىلان ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ ئاجاكوس1:0نەتىجىدە غەلبە قىلغان.

7-1993-94-يىللىقياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ بارسىلونا بىلەن  ACمىلان  ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ مىلان 4:0 نەتىجىدە غەلبە قىلغان،بۇ مەيدەن مۇسابىقە ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تارىخدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

8-1989-90-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ   ACمىلان بىلەن بېنفىركا ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ مىلان 1:0نەتىجىدە غالبە قىلغان ،گوللاندىيىلىك ئۈچ شەمشەر ھەممە كىشىگە تۇنۇلغان.

9-2001-2001-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ مادىرىد بىلەن فىرورىنسا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە بولۇپ مادىرىد2:1نەتىجىدە غەلبە قىلغان ،زىدان مادىرىدنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

10-1983-84-يىللىق ياۋروپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى .
بۇ لىۋىرپۇل بىلەن رىم ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولۇپ 120 مىنۇتلۇق جەڭدە 1:1 تەڭلىشىپ قالغان ،كىيىن نۇقتا توپ تىپىپ لىۋىرپۇل 5:3نەتىجىدە غەلبە قىلغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-17 17:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش