|
ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 32 كوماندىسى بارلىققا كەلدى. قازاقىستان بىرلەشمىسىدىكى ئاستانە كوماندىسى تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم چىمپىئونلۇق بىرلەشمىسىگە كىرگەن قازاقىستاننىڭ كوماندىسى ھېسابلىنىدۇ. 1991 -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، قازاقىستان ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان. 2002-يىلى 4-ئايدا چېكىنىپ چىققان. شۇ يىلى 7 - ئايدا قازاقىستان پۇتبول بىرلەشمىسى ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىگە "قايتىش" ئىلتىماسىنى سۇنغان ۋە تەستىقلىنىپ 52-ئەزا دۆلىتى بولغان. ئۇلارنىڭ "قايتىش" سەۋەبى: 1. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىش ئۇلارنىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرەلەيدىكەن، يەنە كېلىپ ئۇلار ياۋروپا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشسە ئاسىيا كوماندىلىرى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندىكىدىن ياخشى ئوينىيالايدىكەن. 2. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەئەللۇق جۇمھۇرىيىتى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋروپا دۆلىتى بولغاچقا ئۇلار ياۋروپا قايتىشقا تولۇق ھوقۇقلۇق ئىكەن.
ئاستانە كوماندىسى 2009-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلتۇر قازاقىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىئونى بولغان. بۇ پەسىللىك چىمپىئونلۇق سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدىن باشلاپ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، رومىنىيەنىڭ مالبور، فىنلاندىيەنىڭ HJK كوماندىلىرىنى شاللاپ ، قوشۇمچە مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا 1-0 ، مېھمان مەيداندا 1-1 گىرىتسىيە رىقابەت كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ، ئومۇمىي 2-1 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى شاللاپ، دۆلەت بىرلەشمە تارىخىدىكى ئۇزغۇنلۇقنىڭ تۇنجى بىلىتىنى ئالغان كوماندا شۇنداق ياۋرۇپا چىمپىئونلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشقان 32-دۆلەت بولۇپ قالدى. |
|