elan ornielan orni
كۆرۈش: 4936|ئىنكاس: 67

بالوتېلى «ھەربىي مەشىق» ىنى باشلىدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-27 09:54  

كەپسىز بالا، مەڭگۈ چوڭ بولـماس بالوتېلى تۇيۇقسىز مىلانغا قېتىلغاندىن كېيىن لىۋېرپول مەستانىلىرىنى ۋە مىلان مەستانىلىرىنى خۇشاللىق ۋە خاپىلىققا تەڭ دۇچار قىلدى.
   لىۋېرپول مەستانىلىرى ئىش بۇزار، غەلۋىسى جىق، ئاقماس، مۇئاشى يۈك ھېسابلانغان بالاتېرىدىن قۇتۇلغانلىقىغا خۇشال بولسا، قاراپ تۇرۇپ زور ئىقتىسادىي زىيان تارتقانلىقىدىن، لىۋېرپولنى كۈلكىگە قويغانلىقىدىن خاپا بولۇشتى.
  مىلان مەستانىلىرى بولسا بىر يىل بۇرۇنقى مۇشۇ كۈندە 20 مىليون ياۋروغا ئوڭۇشلۇق ساتالىغان بالوتېلىنىڭ ھېچقانداق ئىجارە ھەققى يوق يەنى ھەقسىز ھالدا، ھەتتا مۇئاشىنىڭ %60 ھېسابلانغان 4 مىليون ياۋرونى لىۋېرپول چىقىرىدىغان، كېلەر يىلى سېتىۋالـمىسىمۇ بولىدىغان، ئەگەر بالوتېلىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ قالسا پەقەت 10 مىليون ياۋروغا قېتىۋالسا بولىدىغان پەۋقۇلاددە ئوڭ ۋە ئەرزان سودىدىن، مىلاندا 54 مەيدان ئويناپ 30 توپ كىرگۈزگەن، مىلاندا خېلى ياخشى تەسىرات قالدۇرغان، ئىتالىيەلىك، ئەڭ مۇھىمى ھەقىقىي سادىق مىلان مەستانىسىنىڭ قېتىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولسا، بېرلۇسكونى «سېسىق ئالـما» دەپ تەرىپلىگەن، مېڭىسىدىكى توك سىملىرىنىڭ ھەر ۋاقىت قىسقا تۇتۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بالوتېلىنىڭ غايەت زور چىقىم بولغان 2 مىليون 225 مىڭ ياۋرونى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن غەم يېمەكتە.

    مىلان بۇ قېتىم مىلاننى چىن يۈرىكىدىن سۆيىدىغان بالوتېلىغا ئاخىرىقى قېتىم پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن مۇنداق پىلان تۈزگەن:
    0001.png
  مىلان بالوتېلى بىلەن توختام تۈزۈشكەندە داڭلىق بىر ئادوۋكات تەكلىپ قىلىپ ئىتالىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈمىگە ئوخشايدىغان مۇنداق بەلگىلىمىنى توختامغا قاتقان.
بالوتېلى مەشىق مەيدانىغا ئەڭ بۇرۇن كېلىدىغان، ئەڭ كېيىن قايتىدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان، ھاراقنى ئىنتايىن ئاز ئىچىدىغان، بەزمىخانىغا يوق ھېسابتا بارىدىغان، سىرتقا چىققاندا خەقنىڭ دىققىتىنى ۋە كۈلكىسىنى قوزغايدىغان كىيىم - كېچەك، زىننەت بويۇمى ۋە چاچ پوسۇنى ئىشلەتمەيدىغان، تىۋېتىر قاتارلىق تور ئالاقە سېستىمىلىرىغا بىر نەرسە يوللاشتىن بۇرۇن ئاۋۋال كۇلۇبنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزىدىغان، سىرتتا قونۇپ قالـمايدىغان، تىرېنېرنىڭ ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بويسۇنىدىغان ۋە يۇقىرىقى بەلگىمىلەرنىڭ قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالـماسلىقى ئۈچۈن ئۇنى 24 سائەت بىر مۇھاپىزەتچى «قوغدايدىغان» يەنى نازارەت قىلىدىغان بولغان. ئەگەر ئۇ بەلگىلىمىلەرگە يېنىك خىلاپلىق قىلسا مۇسابىقىدىن چەكلەيدىغان، ئېغىر ياكى قايتا خىلاپلىق قىلسا توختامنى دەرھال بىكار قىلىپ لىۋېرپولغا يولغا سالىدىغان بولغان.
   002.png
    ئىتالىيە تاراتقۇلىرى بۇنى «ھەربىيچە تۈزۈم» دەپ ئاتىدى. بالوتېلى بۇ بىر يىلنى تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىرىشچانلىق ئىلكىدە ئۆتكۈزۈشكە بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى. قېنى، مىلان 2 مىليون 225 مىڭ ياۋرونى قاراملارچە دەسمىي سالغان بۇ «غايەت زور» سودىدا پايدا ئالالامدۇ؟ ئىتالىيە ئۈمىدى دەپ قارالغان بالوتېلى قايتىدىن باش كۆتۈرەلەمدۇ؟ مۇسابىقىلەرگە داۋاملىق نەزەر تاشلايلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-8-26 22:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:33:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامانمۇ بەك كۆپ مەبلەق سقلۋەتتى،مىلاننىڭ بۇنداق كۆپ مەبلەق سالمىقى ئاسان ئەمەس....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:34:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بالا سەللا تېرىشىپ ئەستايىدىل ئوينىسا بۇنىڭدا ئۈمۈد زور   ئالتۇن ھامىنى پارقىرايدۇ   مىلاننى بىزدىنمۇ بەكراق سۆيىدىغان بىرسىنىڭ مىلانغا كۈچ قۇشۇشنى خوشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:34:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:38:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇم ئەسلىگە قايتىدۇ ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:43:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجانمۇ باركەن ھە  …؟   بۇ بالا ئەستايىىدىللىق بىلەن تىرىشچانلىق كەم …بولمىسا  بۇ  بالىدا ئۈمىد چوڭ  ئىدى…بۇ بالىنڭ  مىلان بەرگەن ئالتۇندەك چىڭ پۇرسەتنى  پاچىقىدىن مەھكەم تۇتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:45:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ پۇرسەتتە ئەسلىڭنى تېپىپ بىر ئېچىلىپ كېتەسەن قارۋاي ... مىلان ئەمەس ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىمۇ ساڭا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتما ...شاراۋى بىلەن سېنىڭ ئىتالىيە ھوجۇم سېپىتىن تۈتۈن چىقىرشىڭنى بەكلا ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:47:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەنى  چىڭ تۇت بالا  تىرە  ماۋۇ  جىڭ  ھەربى تۇزۇم كەن  ئۆزەڭ  ئۇچۇن  مۇشنداق قىلساڭ  ئەرزىگۇدەك  
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:49:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ماشىنىغا سېپ قويسام بىردەمدە تىما يىزىۋەتلىما ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 22:50:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلەنغا پايدا قىلماسمىكى بۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-28 13:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش