ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى
ھەممىمىزگە مەلۇم FIFA Online 3 ئويىنى چىققاندىن بۇيان كەڭ پۇتبولخۇمار دوسلتىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ ئويۇن پۇتبول ئويىنلىرىنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر مۇكەممەل، نوقسانلىرى بىر قەدەر ئاز بولغان پۇتبول ئويىنى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تىڭشۈن شىركىتى جۇڭگۇدىكى ۋاكالەتچىلىكىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ ئويىننى ئوينايدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ ماڭدى. مۇنبەردىمۇ بۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن تېمىلار يوللاندى . قالغىنىنى مەن چۈشەندۈرمىسەممۇ ھەممىمىزگە مەلۇملۇق.
يېقىندا بىز مۇنبەردارشلار ۋە FIFA Online 3 نىڭ قان مەستانىللىرى بولغان بىر-قانچە ماھىرلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر توپ قورغان ئىدۇق . شۇڭا بارلىق مۇنبەرداشلارنى توپىمىزغا قوشىلىشقا چاقىرىپ ئۇشبۇ تېىمىنى يازدىم. توپقا قوشۇلغاندا ئەلۋەتتە شۇ كىشىگە ئاز بولمىغان مەنپەئەتى تېگىدۇ.
بىرىنجىدىن : سىز مۇسابىقە ئوينىغان ۋاقىتڭىزدا سىزگە ئادەتتە بېرىلىدىغان دەرىجە سانى ۋە ئادەم دەرېجىسدىن باشقا يەنە توپقا ئەزا بولغانلىقڭىز ئۈچۈن كۇلۇب دەرېجىسى ۋە ئادەم تېخنىكا دەرېجىسى قوشىلىپ ماڭىدۇ.
ئىككىنجىدىن: توپقا تېزىملاتقان دەسلەپكە بىر ھەپتە ئىچىدە ھەر كۈنىگە 20-دىن 60 مىڭغىچە ھېسابىڭىزغا ئاپتۇماتىك قوشىلىپ ماڭىدۇ.( ئۈچ مەيدان مۇسابىقە ئوينىسىڭىزلا ، بۇ توپقا ئەزا بولغانلىرىغا بىرىلدىغان ئايرىم مۇكاپاتى. ئۈچ مەيدان ئوينىسا بىرىلىدىغان ئەسلى مۇكاپات يەنىلا بىرىلىۋىرىدۇ.) توپقا ئەزا بولغان ۋاقتىڭىز ئۇزارغانچە سىزگە ھەركۈنى قېتىلىدىغان پۇل سانىمۇ ھەسسىلىنىپ ماڭىدۇ.
ئۈچىنجىدىن: سىز توپقا ئەزا بولغاندىن كېيىن مەيلى مۇسابىقە ئويناڭ ياكى ئوينىماڭ سىز بىلەن بىر توپتىكى يەنە بىر ماھىر مۇسابىقە ئوينىغان بولسا سىزگىمۇ مەلۇم دەرېجىدە كۇلۇب دەرېجىسى ۋە ئادەم تېخنىكا دەرېجىسى قېتىلىپ ماڭىدۇ.
تۆتىنجىدىن: توپقا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرلغان پائالىيەتلەر بولۇپ. شۇ پائالىيەت ۋاقتىدا ئوخشاشلا ھەرخىل ياخشى كارتا ۋە ئويۇن پۇلى سوۋغا قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە بىر-نەچچە خىل پايدىللرى بار . مەن نۆۋەتتە مۇھىملىرىنى سۆزلەپ ئۆتتىم . شۇڭا بۇ ئويۇننى ياخشى ئوينايمەن دەپ قارايدىغان دوستلرىمىزنىڭ تىزىملىتىشىنى قىزغىن قارشىى ئالىمىز. تېخى يېڭى ئۆگەنگەن ياكى ئانچە ياخشى ئوينىيالمايدىغان دوستلىرىمىز بولسىمۇ ھېچقىسى يوق. بىز مەخسۇس ياخشى ئوينايدىغان بالىلارنى يېڭى ئۆگەنگەنلەرگە ئويۇندىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئۇسۇللارنى ئۆگىتىپ قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى . بۇنىڭغا ئانچە كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ خاتىرجەم بولىشڭلارنى سورايمىز.
بىز بۇ توپنى بىر قەدەر كەڭ كۆلەملەشكەن بىر توپ قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى . ھەممىڭلارنىڭ قوللىشىنى سورايمىز.
توپنىڭ نامى : diyarim3
مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرى بويىچە توپ نامى ئۆزگەرتىلدى. |