ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 969 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-21 22:21
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، ھەممىڭلارغا كەمىنە ئازىغدىن سالام.
مۇنبەردىكىلەرگە تەشەككۈر:
بىرنەچچە كۈن بۇرۇن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان "ئۇستاز" ئەپەندىم بىر تېما ( ئالامەت خەۋەر ) يوللىغانىدى. (ئەگەر كۆرمەگەنلەر بولسا تىرناق ئىچىدىكى قىزىل خەتنى باسساڭلا تېما ئىچىلىدۇ ). ئۇشبۇ تېما يېزىلغاندىن كېيىن مۇنبەر باشقىچە بىر تۈسكە كىرىپ كەتتى ۋە ئوقۇرمەنلەر قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدە يېزىلغان تېمىلارنى ئوقۇپ ئۈلگۈرەلمىگۈدەك ھالەتكە يەتتى. شۇڭا مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋۋال "ئۇستاز" ئەپەندىمگە ۋە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان توختىماي تېما يىزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن تورداشلارغا، تېما تەستىقلاپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنداق ياخشى مۇنبەر پائالىيەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
ئەمدى مۇنبەرگە كىچىككىنە تەكلىپ:
مۇنبەردە بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى FIFA ONLINE3 مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلسە
بۇ خىيال مېنىڭ كاللامغا بىرنەچچە كۈن بۇرۇن كىرگەن بولۇپ، ئەمدى سىلەربىلەن ئورتاقلاشماقچى.
مۇسابىقىنىڭ لاھىيەسى مۇنداق:
بۇ مۇسابىقە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ شەكلىدە ئىلىپ بىرىلىدۇ( بۇ قېتىملىق مۇسابىقە پۈتۈنلەي ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە تەقلىد قىلىنغان.)
1. قاتناشقۇچى ئەزالارنىڭ سانى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ 32 ئەزا قاتنىشىدۇ، سەككىز گورۇپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.
2. مۇسابىقە ۋاقتى: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە. (يەنى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى بىلەن ئوخشاش ).
3. مۇسابىقىنىڭ تەرتىۋى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تەرتىپى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش شۇڭا تەكىتلىمىدىم.
4. چەك تارتىش: مۇسابىقىنىڭ ئادىللىقى ئۈچۈن چەك تارتىشنى پۈتۈنلەي ئوچۇق ئاشكارە ۋە بىۋاستە ھالدا تورداشلارغا تارقىتىمىز(توردا). چەك تارتىش ۋاقتىنى 32 ئەزا تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن بەلگىلەيمىز.
5. رېپىر: فىفا ئويۇنىدا كومپىيۇتېر ئۆزى ئاپتوماتىك رېپىرلىق قىلغاچقا رېپر ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ، لېكىن يەنىلا مۇسابىقىنىڭ ئادىللىقى ئۈچۈن ھەربىر مەيدان مۇسابىقىگە نازارەتچى ئەزا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
6. تىزىملىتىش تەلىپى: تىزىملاتقان ئەزالارنىڭ مۇنبەردىكى دەرىجىسى "ھەۋەسكار پۇتبولچى"دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. قاتناشقۇچىلارنىڭ ئويۇندىكى دەرىجىسى 25دىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. ئەمدى نازارەتچى ئەزالارغا كەلسەك ئۇلارنىڭ ئويۇندىكى دەرىجىسىگە چەك قويۇلمايدۇ. سانىنى ۋە مۇنبەردىكى دەرىجىسىنى مۇنازىرىلەشسەك.
7. مۇكاپات: مۇكاپات ئىسمى—جىسمىغا لايىق كاتتا بولىدۇ. (قالغىنىنى تىزىملىتىش ھەققىنى رەسمىي بىكىتكەندە دىيىشىمىز)
8. نازارەتچىنىڭ ۋەزىپىسى: بىرمەيدان مۇسابىقىنى تولۇق نازارەت قىلىدۇ ۋە مۇسابىقە نەتىجىسىنى مۇنبەرگە يوللايدۇ. (ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ مۇكاپاتى بار)
مىنىڭ ئويلىغىنىم مۇشىنچىلىك، ئەمدى بۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزىلەمدۇ، ئۆتكۈزۈلمەمدۇ، تىزىملىتىش ھەققى قانچە، مۇشۇ شەكىلنى ياقتۇردۇڭلارمۇ يوق.. قاتارلىقلار سىلەرگە قالدى. سىلەرمۇ ئۆز پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇڭلار. |
|