elan ornielan orni
كۆرۈش: 1519|ئىنكاس: 33

قىرىغاندا چولپانغا ئايلانغان توپچى(..تەلۋە..)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ..تەلۋە.. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-18 18:41  

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى. ھازىرقى ۋاقتىڭلا خەيرىلىك بولسۇن. مۇنبەردىشىمىز باقاۋۇلنىڭ جەڭنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ خۇشاللىق بىلەن بۇ تىمىنى دوسلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش ئۈچۈن ھازىر بولدۇم. تىما ئاددىيراق بولسىمۇ ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلە...
ھەممىمىزگە ئايان ئاخشام ئاخىرلاشقان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسى مەستانىلەرگە ئالاھىدە چوڭ تەسىر قالدۇردى. بولۇپمۇ ياۋۇپانىڭ خوجىسى كۈچلۈك بارسىلونا كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى كوماندا بىربا ئاتلىتكا كۇلۇبىدىن 5توپ ئىستىمال قىلىپ مەغلۇپ بولىشى سانسىزلىغان مەستانىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەي قالدى.ئەمما ئامال يوق.رىئاللىق ئۇ ھامىنى رىئاللىق.ئۇنى قوبۇل قىلماي چارە يوق. ئەمسە بۇ ئىككى مەيدان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان توپچى كىم؟ مىسسى؟  سۇئارىز؟ ياق. ئۇ دەل بىربا ئاتلىتكا كوماندىسىنىڭ 34ياشلىق ھۇجۇمچىسى ئادورىس.
ئەمسە بۇ توپچى زادى كىم؟ تۆۋەندە بۇ توپچى بىلەن قىسقىچىلا تونۇشۇپ چىقايلى.


ئادۇرىز1981-يىلى2-ئاينىڭ11-كۈنى ئىسپانىينىڭ باستىيەن دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان.تولۇق ئىسمى ئارىتىز ئادۇرىز زابىلدىيا(Aritz Aduriz Zubeldia )بوي ئېگىزلىكى 1مىتىر81سانتىمىتىر.ئېگىزلىكى75كىلوگىرام. ئورنى ھۇجۇمچى. كۇلۇبى: ئىسپانىيە بىربا رىقابەت كۇلۇبى.
بارۇدىز ھازىرغا قەدەر بىرەر زەردار كوماندىدا توپ تىپىپ باقمىغان. ئۇ ھازىرغىچە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مالۇكا،بالادولىد،ۋالونسىيە ۋە بىربا ئاتلىتكا كوماندىلىرىدا توپ تەپكەن.ياشلىق مەزگىللىرىدە دۇنيا مىقياسىدا ئانچە نامى چىقمىغان. 1999-يىلى تۆۋەن دەرىجىلىك ئولىرا كۇلۇبىدىن بىربا ئاتلىتكا ب كوماندىسىغا قىتىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەسپى پۇتبۇلچىلىق ھاياتى باشلىنىدۇ.2002-2003مۇسابىقە پەسلىدە21ياشلىق ئادۇرىز بىربا ئاتلىتكا بىرىنجى سەپ كوماندىسىغا ۋاكالەتەن3مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. 2003-2004مۇسابىقە پەسلىدە تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى بورگىس كۇلۇبىغا 1 يىللىق ئىجارىگە بىرىلىدۇ. ۋە ئۇ كوماندىغا ۋاكالەتەن 30مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ16توپ كىرگۈزىدۇ. 2004-يىلدىن2006-يىلغىچە ئادۇرىز ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلە بىرلەشمىسىدىكى بالادولىد كۇلۇبىغا 2يىللىق ئىجارىگە بىرىلىدۇ.ۋە 45مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ19توپ كىرگۈزىدۇ.2005-يىلى يەنە بىربا ئاتلىتكىغا قايتىپ كىلىدۇ.يەنى 2008-يىلغىچە بولغان ئۈچ پەسىللىك بىرلەشمىدە 82مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 22توپ كىرگۈزىدۇ. 2009-يىلى ئادۇرىز مالۇكا كۇلۇبىغا رەسمى قىتىلىدۇ. ۋە ئىككى پەسىلدە 69مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ23توپ كىرگۈزىدۇ.2010-2011مۇسابىقە پەسلىدە ئادۇرىز ۋالونسىيە كۇلۇبىغا قىتىلىدۇ.ۋە بىر پەسىلدە 29مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ10توپ كىرگۈزىدۇ.2012-يىلى بىربا ئاتلىتكا كۇلۇبى بۇ كونا توپچىسىنى يەنە قايتۇرۇپ كىلىدۇ. ۋە ھازىرغا قەدەر 98مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 48توپ كىرگۈزدى.
ئادۇرىز ياش چاغلىرىدا كۆزگە ئانچە چىلىقمىغان. شۇ سەۋەپ بىرەر زەردار كوماندىلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتالمىغان.ئۇ2012يىلى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ شۇ يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئادۇرىزنىڭ مەستانىلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرىنىڭ بىردەك دىققىتىنى ۋە قايىللىقىنى قوزغىغان ۋاقتى دەل ھازىرقى ۋاقتى بولۇپ، بارسىلونا كوماندىسىغا 2مەيداندا 4توپ كىرگۈزۈپ بىر مەيداندا قالپاق كىيىپ،34يىشىدا ئۆزىنى دۇنياغا تونۇتقان پىشقەدەم چولپانغا ئايلاندى.

ئۇ يەنە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى تارىخى بىتىگە ئۆچمەس نامىنى قالدۇرۇپ قويدى. ئۇ زادى قانداق نام؟ ئۇ بولسىمۇ،1994-يىلدىكى يىلورا، 2001-يىلدىكى رائول، 2007-يىلدىكى كانوتى، 2010-يىلدىكى مىسسىدىن كىيىنكى بۇ مۇسابىقىدە قالپاق كىيگەن بەشىنجى توپچى بولۇپ قالدى.يەنى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى تارىخىدىكى يىشى ئەڭ چوڭ توپ كىرگۈزۈش قەھىرمانى دىگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولدى.


ئۆھۈ..ئۆھۈ..ئەمسە دىققەت مەنمۇ ئىككى نەپەر بۇرادەرنى تىما يىزىشقا چاقىرىمەن. ئۇلار: مەھمۇدىيە، توتتى......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-8-18 18:40:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 18:44:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا ئىشىغىمۇ ئانچە قىزىقمىدىم .باسىكلاردىن باشقا ئادەمنى كوماندىغا قوشمايدىغانلىقىغا كۆيدۈم ئەمما . بىزنىڭمۇ بىربا ئاتلىتكىغا ئوخشاش بىر كوماندىمىز بولغان بولسا ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 18:59:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بۇ بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قالپاق كىيىپ داڭقى چىكەتتى. بۇنىڭدىن كىيىن داڭقى ئۆچەپ كىتەرمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 19:20:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپچىلىقتىن چېكىنەي دېگەندە نام چىقىرىۋالدىدە تەلەيلىك ئاداشكەن بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 19:38:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلۋىدىن ئۇچ بوپتۇق مۇنبەردە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 19:56:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي  يۈكسەلۋاي  مىنى  بوزەك  قىلمىساڭلار  نىمە  بولا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 19:57:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا  ئۈچ  كۈن  ۋاقىت  بىرىڭلار قىسقا  تىمىدىن  بىرنى  يازاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 19:58:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 20:12:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسېلونا نوچى كۇلۇپتىدە   ھەر ۋاقىت قىززىق نۇقتا         مانا ئادەتتىكى بىر توپچى ئۆمرىدە بىر قېتىم 3 توپ ئۇرۇپ قويسا  داڭقى چىقىپ چولپان بوپ كەتكەن گەپ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 20:29:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى  خۇشخۇنى  چاقىرغان  ۋاقىتلىق  قۇيۇۋەتسەڭلا   ۋەزىپىسىنى   ئۇرۇنداپ   تىمىنى  يېزىپ  بولغاندا   ئاندىن   دوختۇرغانىغا   ئەكىرۋەتسەڭلار   بولارمۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-18 20:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارساغا ئۈچنى ئۇرۇپ قويدى قىرىغىنىغا قارىماي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-11 02:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش