elan ornielan orni
كۆرۈش: 3320|ئىنكاس: 39

چىملىقتىكى قېرىماس ئەزىمەت رىۋايىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-10 21:29:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-11 02:25  

     ئەسسالاممۇئەلەيكۇم
image.jpg
   مەن تۆۋەندە چىملىقتىكى قېرىماس ئەزىمەت كىلوز  ھەققىدە توختىلىشنى ئويلىشىپ قالدىم ، بەلكىم كىلوز ھەققىدە بۇرۇن تېما يوللانغان بولۇشى مۇمكىن ، بىراق  مەن ئۆز ئەنئەنەمگە ۋارىسلىق قىلىپ  تەرجىمە قىلىش ، ئىزدىنىش ئاساسىدا بۇ تېمىنى يېزىپ چىقماقچى .
2014 - يىلى 8 - ئاينىڭ  11ـ كۈنى  چىملىقتىكى ئەزىمەت   ،قېرىماس شاھزادە ـــــ  كىلوز  ئۆزىنىڭ  گىرمانىيە دۆلەتلىك كوماندىسدىن چېكىنىپ چىققانلىقنى ئېلان قىلدى ،  دۆلەتلىك كوماندىدىن رەسمىي  چېكىنىپ چىقىشى سانسىزلىغان پۇتبول مەستانىلەرنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى ،  گىرمانيە تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 - نۇمۇرنىڭ يۈركى ئىزچىل  گىرمانىيە ئۈچۈن سوقۇپ كەلگەن ئىدى .....  بىراق پۇتبول دۇنياسىدىكى ياشنىڭ چوڭىيشى ، يارلىنىش نۇرغۇن پۇتبول باتۇرلىرنى  ئۆزىگە تىزلاندۇرۇپ كەلـمەكتە ، بۇ بىر قانۇنىيەت ، كىلوز چىكىنگەن بولسىمۇ  ياش ۋاقتىدىكى ئارزۇسى  ــ دۆلەتلىك كوماندىدا  ئۆز نامىنى «11كۈن »قىلىپ مەڭگۈلۈك قالدۇرالىدى ، بۇ ھەربىر توپچىنىڭ ئارزۇ قىلدىغان چۈشى بولسىمۇ ، بىراق نەچچە يۈزلىگەن توپچىلار ئىچىدىن  بىر نەچچىسى بۇ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ خالاس .
image.jpg
كىلوز دۆلەتلىك كوماندىغا ۋاكالىتەن 137 مەيدان مۇسابىقگە قاتنىشىپ ، 71 توپ كىرگۈزۈپ 21 پاس چىقارغان ئىدى .  ئەڭ قىممەتلىك بولغان  دۇنيا لوڭقسدىكى 16 توپى ئەڭ ئاخىردا ئۇنى ئۈمۈدسىزلەندۈرمىدى ، شۇنىڭدەك   بىر توپچىغا نىسبەتەن دۇنيا لوڭقسنى چەكسىز ئىپتىخار بىلەن كۆتۈرۈش  ، دۇنيا لوڭقسى تارىخدىكى مەرگەنلەر قاتارىنىڭ  چوققسدا ئولتۇرۇشدىن ئارتۇق بەخىت ـ  خۇشاللىق بولـمىسا كېرەك.  ئۇ ھەربىر گىرمانىيە خەلقى پەخىرلنىدىغان ئەزىمەت .
ئەگەر بىز ئۇنىڭ سانلىق قىممەتلىرنى يالغۇز كۆرسەكمۇ  ئۇنىڭ تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر  توپچى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ ئىز قالدۇرۇپ ماڭغىننى بايقايمىز ، كىلوزنىڭ 13يىللىق دۆلەتلىك كوماندىغا چىقارغان كۈچ - قۇۋۋىتى ئارىسدا يەنىلام ئىنتايىن  غەلىتە خاتىرلەرنى بايقايمىز ،  ئۇنىڭ ھەربىر پاس بەرگەن ، توپ ئۇرغان گىرمانيە دۆلەتلىك كوماندا مۇسابىقىلردە  كوماندىنىڭ مەغلۇپ بولـماسلىقنى ساقلاپ كەلگەن . گىرمانىيە دۆلەتلىك كوماندىنىڭ تېرنىرى لۆف « چېكىنىش باھاسى» غا مۇنداق دېگەن ئىدى : كىلوز مەڭگۈ قىممەتلىك ئەڭ ئىشەنچىلىك شەخىس .
كىلوز دۆلەتلىك كوماندىدا ئۆزىنىڭ  گۇمانلانغۇسىز  دەرىجدىكى ئوبرازىنى تىكلدى . كۇلۇپتا ئىپادىسنىڭ  گاھىدا پارتىلاتقۇچ دەرىجىدە گاھىدا ئادەتتىكىچە بولۇشى بەزى كىشلەرنىڭ كىلوزنى « تەلەي ئېگىسى » دەپ  ئاتاشقا ئۈلگۈرتتى ، بۇنىڭغا قارىتا دۆلەتلىك كوماندىنىڭ ئىلگىركى كوماندا باشلىقى باللاك :  كوماندىدىكى ئورنى بوينچە ئېيتقاندا  كەلگۈسى ئون نەچچە  يىلدا بۇنداق جەڭچىنى ئۇچرىتالـمايمىز دېگەن .
image.jpg
ئاللىقاچان 36ياشقا كىرىپ قالغان بىر پۇتبولچىنىڭ 4 - قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشقانلىقنى كۆرگەن ھەربىر پۇتبول مەستانىلرى ئۇنىڭ مۇسابىقدىكى ھالىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراشماقتا  ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى چەبدەسلىكنى كۆزگە ياش ئالغان ھالدا سېغىنىشاتتى ، تېرنىرنىڭ ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭغا مۈشكۈل ۋەزىپنى تاپشۇرشى ، يىغىنچاقىلغاندا ئۇنىڭ ئەتراپنى زىدىيەت ئورىۋالغان  ئىدى ، بىراق ئۇنىڭدەك سىرلىق شەخسنىڭ  بۇ ئىشلار «ئوبرازى »نى  يەنىمۇ بىر بالداق كۆتۈرگەن .
خەلىق ئاممسنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماسلىق ، نۇرغۇنلىغان كەسپى ئەھلى بولـمىغان كىشلەرگە نىسبەتەن ، «كەسپىي پوزىتسىيە »،« كەسپنى قەدىرلەش روھى » نى چۈشەنمىسە كېرەك ،نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭ كەسپي  ھاياتنىڭ باشلىنشىدىكى «ئۈچ ئۇلاپ سەكرەش » نىڭ ئاساس سالغۇچىلرىنى «يۇنان  ئەپسانىلرى  » دىكى ئوتى
.لېيخاگىر دەپ قارايدۇ
image.jpg
بىر زامانلاردا دۇنياۋىي دەرىجىلىك بېكلارنى بايقاشتا بىر توپنىڭ كىرىش جەريانغا  شۇ بېكنىڭ رولنىڭ قانچلىك ئىكەنلكىگە  قارايتۇق ، بۇ  بىر باشلىنىش ئىدى   ،  بىراق كىلوزنىڭ ئوتتۇرا مەيدان ۋە ھۇجۇم سىزىقدىكى ئوينىشى مۇقىم ئەمەس . 11 - نومۇرنى ئۈستىگە ئېلىپ جەڭ قىلغۇچىنىڭ ئورنى ،  ئەنئەنىۋىي 9  ـ نومۇر ئۈسىتىگە ئالغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچى بىلەن يولى  روشەن پەرىقلنىدۇ،  بۇ ھەربىر ئادەم  بىلدىغان «11ـ نومۇر » ، چوقۇم  يان ھۇجۇم ۋە يان كىرايدا  ئوينايدىغان كىشى .  كىلوز بۇ ئورۇننى ئەڭ چىرايلىق ئوينىغان ،  ئۇ ھۇجۇم سىزىقدا پەيدا بولغاندا ئۇنىڭ ھەركەت دائىرسى چوڭىيدۇ ،  بىراق ئۇ چەكلەنگەن رايۇندىن يىراقلاشقان  ئىدى .     
دۆلەتلىك كوماندىنىڭ تېرنىرى لۆف ئۇنىڭ ئويناش ئۇسلۇبىغا باھا بېرىپ  : ئۇ ئەڭ مۇكەممەل توپچى ، ئۇنىڭ بوشلۇقتىكى ھېسياتى ياخشى ، توپ تالىشش ئېڭى كۈچلۈك ،سۈرئىتى تېز، ئىنتايىن ئەقىللىق ،  توپنى ئوينىتىپ ئېلىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇ بىر مۇكەممەلكە ئىنتىلگەن توپچى .
image.jpg
ئەينى چاغدىكى تاراتقۇلار ئۇنىڭ كاللا توپ بىر تەرەپ قىلشىنى كېلىسماننىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشىمايدىغانلقىنى خەۋەر قىلغان  ئىدى .  ئۇ پارتىلاۋاتقان ۋاقىتلىردا ئاز بولـمىغان يارلىنىشنىڭ تەسىرگىمۇ ئۇچرىدى ، ئۇ دۆلەتلىك كوماندىدا كاللا توپ بىر تەرەپ قىلشنى ئىسپاتلاپ قالـماستىن كۇلۇپتىمۇ ئىسپاتلاپ بولغان ئىدى . نۇرغۇن كىشلەر «يېڭى كېلىسمان »دىن چوڭ ئۈمۈد كۈتۈش باشلاندى .
ھەممەيلەن مۇنۇ ۋەقەلىكنى بىلدۇ ، 2002 - يىلى كورىيە - ياپۇنيە دۇنيا لوڭقىسدا كىلوز ئۆز تارىخنى يارىتىدۇ ، كىلوز بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسدا گىرمانىيە كوماندىسنىڭ ھەل قىلغۇچىغا  كىرشىگە ياردەم قىلىپ 5  توپ كىرگۈزىدۇ ، ھەل قىلغۇچتا رونالدو باشچىلقىدىكى « سامبا قوشۇنى» بىلەن ئۇچرىشىدۇ ،  شۇ چاغدىكى باللاكنىڭ مەيدانغا چۈشەلـمەسلىكى بىرازىليە  كوماندىسنىڭ ھەممە ئورۇن بىردەك كۈچلۈك بوپ كېتىشى ، بولۇپمۇ پۇتبول دۇنياسىنى  بويسۇندۇرۋاتقان تاشقى پىلانىت ئادىمنىڭ  ھۇجۇمنى توسۇشقا ئاجىز كېلىپ قېلشى بىلەن گىرمانيەنىڭ شۇ قېتملىق چۈشى بەربات بولىدۇ ، بىراق تۇنجى  دۇنيا لوڭقىىسىدا  كىلوزنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولۇپ ،  ياخشى نەتىجە قازىنىدۇ . كېيىن 9 - نومۇرلۇق ھۇجۇمچى ئورنىنى  ئوينايدۇ ، بىراق بىر نەچچە قېتىملىق يارلىنىشنىڭ تەسىردە ، دۆلەتلىك كوماندىدىكى ئاساسلىق ئورننى بىر مەزگىل ساقلىيالـمايدۇ ، بىراق «يانغا سۈرلۈش » بىلەن ئۇ يەنە بىر قېتىم پارتىلايدۇ .
image.jpg
كېيىن ئەنئەنۋىي 352سەپ شەكلى 442گە ئۆزگەرگەندىن كېيىن يارلىنىپ خەلقىئارا  بىرلەشمە لوڭقىسىدىن  كېيىن كىلوز يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقسغا ئاتلىنىش ئالدىدىكى جەڭ سەپ شەكلىگە كىرگۈزۈلىدۇ ، كېيىن بىرلەشمە مەشىقتىكى ئىپادسنىڭ قالتىس بولۇشى   تېرنىرنىڭ بىرىنچى تاللشى بولىدۇ .
شۇ چاغدا ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان كىشى مىركۇ بىلەن كىلسمان ئىدى . مىركۇدىن ئۆگىنىش ئاستىدا كىلوز يەنە بىر قېتىم جاھان ئەھلىگە ئۆزنى ئىسپاتلاۋاتاتتى ، ئۇ ئەڭ ياخشى ھۇجۇمچى بولۇپ قالـماي ، نۇرغۇن توپچىلار تەرىپدىن  ھەر ۋاقىت مول ھوسۇل ئالالايدىغان توپچى دەپ ئاتالدى .
2008 ـ  يىلى سەپ شەكلى 433كە ئۆزگەرگەندىن كېيىن كىلوزنىڭ   نەچچە يىل بۇيانقى ئەڭ ماس كېلىدىغان  جاۋاپ بولۇپ قالدى .

     
  ماشىننىڭ كېچىكىپ بارلىققا كېلىشى

       «ماشىننىڭ كېچىكىپ بارلىققا كېلىشى » بۇ تاراتقۇلارنىڭ كىلوزغا بەرگەن باھاسى . كۆپلىگەن كەسىپ ئەھلنىڭ قارىشچە كىلوزنىڭ «ماشنا » بولۇشى كېچىكىپ كەلگەنىكەن .
image.jpg
تاراتقۇلار ۋە كەسىپ ئەھلىنىڭ باھاسىدا كىلوز ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن .  لۆف : ئۇنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاقىتلىرى 2008~ 2010يىلغىچە  ، ئۇنىڭ كۇلۇپتىكى  كەسپى ھاياتىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى .
  كىلوزنىڭ  بەيېرىن مىئۇنخېنغا يۆتكىلشى كەسپنىڭ ھاياتىغا ئەڭ ياخشى ھالەتنى ئاتا قىلالىدىمۇ ؟
نۇرغۇن توپچىلارغا نىسبەتەن زەردارلارغا  يۆتكىلىش  تەۋەككۈل  قىلغان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . بەيېرىن گۇمانلانغۇسىز زەردار سانىلدۇ ،  بۇنداق كۇلۇپقا كىرگەن ھەر قانداق گىرمانىيەلىككە نىسبەتەن ناھايتى ئەھمىيەتلىك  دەۋىر . بىراق بەيېرىن باشتىن ئاياغ  كىلوزغا ماس كېلىدىغان سەپ شەكلى ئاتا قىلالـمىدى ، سانسىزلىغان مەستانىلەر بەيېرىننى  ئەيىپلەشتى ، ھەتتا ھۆرمەت قىلـماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ،  نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قارىشچە كىلوزنىڭ بەيېرىندىكى  ئىپادىسى كەلگۈسىدە ئويلىغنىدەك بەيېرىننى يىتەكلەپ ماڭالـماي ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى تاللىدى .
image.jpg
2010 - يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا كىلوز ، توماس .موللېر ، پودولىسكىي ، ئۆزىلدىن تەشكىللەنگەن «ئۆلتۈرگۈچى قىسىم » يەنە بىر قېتىم دۇنيانى تىترەتتى . 32 ياشقا كىرگەن كىلوزغا «قېرى توپچى » سالاھىتىدە 4توپ ئۇردى ، ئۇرغان ئۈچ توپى كونا دۈشمىنى  ئەنئەنىۋىي كۈچلۈك  بولغان ئارگىنتىنا بىلەن ئنگىلاند ئىدى .  
كىلوز 32ياشتا يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمچى ئورنىدا ئىشلىتىلدى ، 34ياشتا يىراقىقا سەپەر قىلىپ ئىتالىيە بىرلەشمىسدە ،  قايتىدىن ئۆزنىڭ مۇداپىئە ۋە ھۇجۇمدىكى ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى ،Nestaبولسا شۇ چاغدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى ۋە بېشنى ئاغرىتىدىغان شەخىس ئىدى.
بېھخامنى تىلغا ئالغاندا كىشلەر ئۇنىڭ يايسىمان توپلىرنى ئەسلىشىدۇ ،  زىدانى دېگەندە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچتىكى كاللا  ۋەقەسىنى  ، بىراق كىلوز دېگەندە  ئۇنىڭ باشقا توپچىلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزىگە خاس ھالدا توپ كىرگۈزۈپ بولغاندا ناھايتى نەپىس ھالدا  ھاۋادا موللاق ئېتىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدۇ ،  ئۇ ھەم تارىخدىكى كاللا توپتا نۇمۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك توپچىلارنىڭ بىرى .
image.jpg .
كىلوز نىڭ پۇتبول تېخنىكىلرنى تىزغاندا ، نوقتا تالىشش ، كاللا توپ ، توپ ئۇرغاندىكى تۈز ھەم بېسىم بىلەن مېڭىش ، ھەمشە تۇيۇقسىز ھالدا چەكلەنگەن رايۇندا پەيدا بولۇش ...لار ئۇنىڭ ئاساسىي كەسپى ئالاھىدىكى .
image.jpg
نۇرغۇن كىشلەر   تېرنىر لۆف بىرازىليە دۇنيا لوڭقىسدىكى ئەڭ ئاخىردىكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقدە  كىلوزنى ئاساسلق ئەزا قىلىپ سەپ شەكلى تۈزدى دەپ قارايدۇ ، ئاز ساندىكى كىشلەر توماس موللېر ، گوتېز ، ئۆزىلارنى بىردەك ھالدا  كىلوزنىڭ تۇيۇقسىز بۆسۈپ كىرشى ئۈچۈن  كۈچ قوشتى دەپ قارايدۇ . كىلوزنىڭ ھاۋادىكى بىر تەرەپ قىلش ھۇجۇم كۈچنىڭ تەسىردە ناھايتى يۇقىرى بولغان ھۇجۇم كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن ،  بىراق بۇ قېتىم  ئۇ تارىخدىكى ھۇجۇمسىز گىرمانىيە كوماندسنىڭ ئوتتۇرا مەيدان كۈچىنى بىر بالداق كۆتۈرگەن ئىدى.
image.jpg
كىلوز پۇتبول پەلسەپەسى بويىنچە ئېيتقاندا بىر يوشۇرۇن قېلىچ ، ئۇ ھۇجۇمچىنىڭ يېڭى سەھىپىسنى ئاچتى ،  ھۇجۇمچىغا بولغان بارلىق تەلەپنى كەم - كۈتىسز ئورۇندىغان چولپان .
كىلوز تېخى قېرىغنى يوق ، چىملىقتىكى قېرىماس  سەركەردنىڭ رىۋايتى مەڭگۈ يادلانغۇسى..... !   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 13مۇنبەر پۇلى +925 تىللا +3 يىغىش سەۋەبى
ئۇزغۇن. + 2 ئېسىل تېما
1712591936 + 10
كۆسەنى + 50 ئىسىل
زەربىدار + 100 قالتىس!
زېرەك + 50
بابۇر4 + 50 قالتىس!
ankar + 10 قالتىس!
داۋىس + 1 قالتىس!
130112 + 50 قوللاش!
ئەزمەت7 + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 500 قالتىس!
رەنجىمە + 5
تەلھە + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-8-10 21:45:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما ،ماتىمىنى نادىرلاشقا بىر بىلەت تاشلايمەن
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 21:48:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەت تۇتۇشى ياخشى راۋۇرۇس ھۇجۇمچى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ دۇنيا لوڭقىسىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرالىدى .
تېمىڭىز ياخشى چىقىپتۇ نادىر تېمىغا بىر بېلەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 21:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇلۇپ  ھاياتىنى  يازماپسىزغۇ  مانچە مەيداندا  مۇنچە توپ كىرگۇزگەن دەپ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:02:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ موللاقچى دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كەلگۈدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مولاقنى ئىتىپ قوياتتى ۋەھشى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:09:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توپ كىرگۈزۈپ بۇلۇپ موللاق ئېتىشى بىلەن تونۇغان ئىدىم بۇنى. توپنى يەڭگىل ئوينايدۇ بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:10:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەنجىمە يوللىغان ۋاقتى  2015-8-10 21:50
كۇلۇپ  ھاياتىنى  يازماپسىزغۇ  مانچە مەيداندا  مۇنچە توپ ...

مەنمۇ ئ‍ازىراق بىر يەلىرى كامدەك ھىس قىلغان قەيىرىكىن دىسەم رەسمىي كۇلۇپ ھاياتى كەم بۇپ قاپتۇ، شۇنى قۇشىۋەتكەن بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل بۇلاتتىكە ،،،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:11:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   玉苏浦 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-10 22:18  

بۇنۇڭ موللاق ئ‍ېتىشى بەك پەچەت دە،راس بۇ قايسى مىللەت نىمىس ئ‍ەمەسقۇ دەيمەن   بۇنۇڭدەك بەخىتلىك چولپان بولمىسا كىرەك ،دۇنيا لوڭقىسىنىمۇ ئ‍الدى مەرگەنمۇ بولدى ،    ھازىقى بىرنچىلىكنى تالىشىۋاتقان ،رۇنالدو مىسسىمۇ ،بۇنداق قىلالماسلىقمۇ مۇمكىن ،،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:14:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2006  دۇنيا لوڭقىسىدىكى  ئارگىنتىناغا ئۇرغان كاللا توپى يادىمدىن ھازىرغىچە كەتكىنى يوق .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:18:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن دەرىس ئۆتكۈنىمدىن خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بوپلا ھە ، كۈن ئاتلاتماي دەرىس ئۆتسەم بولغىدەك سىلىگە ..ھى ھى ھى ... نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى  ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-10 22:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2015-8-10 22:18
تۈنۈگۈن دەرىس ئۆتكۈنىمدىن خېلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بوپلا  ...

سىلىدە نادىر تامغىسى يوقمۇ؟ ياكى، قۇشناچىم ساندۇققا سېلىۋالغانمۇ ڭىھ ڭىھ ڭىھ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 18:05

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش