|
گانالىق توپچى جوڭگوغا كەلدى !
2015-يىللىق جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم پەسلىك مۇسابىقىسى ئاياغلىشىپ ، كېيىنكى يېرىم پەسىلىك مۇسابىقىسى داۋاملاشماقتا ، ۋە شۇنداقلا جوڭگو يازلىق يۆتكىلىش بازىرى ئېچىۋىتىلدى .
جوڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى زەردارى شاڭخەي شاڭگاڭ پۇتبول كۇلۇبى گانالىق توپچى ئاساموۋ . گېئان بىلەن بىرلىككە كېلىپ بولدى . ۋە 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ، جوڭگوغا كېلىپ شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چېمىپيونلۇق ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ . گېئان 1985-يىلى گانادا تۇغۇلغان ، پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئۇدېنىس كوماندىسىدا باشلىغان . كېيىن ، فرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى رېئىن كوماندىسىغا يۆتكىلىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن . 2010-يىلى 9-ئايدا ، ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى « قارا مۈشۈك » ساندېرلاند كوماندىسىغا قوشۇلغان . كېيىنچە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكنىڭ زەردار كۇلۇبى ئەل ئەيىن كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ، 63 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 73 توپ ئۇرۇپ يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپ ئۇرۇشتەك نەتىجىنى ياراتقان . ۋە كوماندىغا ياردەملىشىپ چېمىپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . 2014-يىللىق ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 8 توپ ئۇرۇپ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالانغان .
گېئان گانا دۆلەت كوماندىسىدا بولسا كوماندا باشلىقى ، ۋە گانا پۇتبولچىلىق تارىخىدا ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىر . ئۇ گانا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 90 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 48 توپ ئۇرغان . ۋە 2 قېتىم ( 2006 ، 2010) دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان . |
|