ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2377 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەقسەتسىزلا شەھەر ئارىلاۋېتىپ ، بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىغا كەپ قالغىنىمنى سەزمەيلا قاپتىمەن . ئالدىمغا قارىسام تۆت كوچا ئېغىزى ، تۆت كوچا ئېغىزىدا بىرەيلەن خۇددى يولدىن ئېزىپ قالغاندەك تۆت ئەتراپقا بويۇن سوزۇپ قاراۋېتىپتۇ . كۆرۈنگەن ئۇ ئادەمگە يېقىنلاپ قېلىۋاتىمەن ، شۇنچە قاراپمۇ ئۇ ئادەمنىڭ ئەر ياكى ئايال ، قېرى ياكى ياش ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمىدىم ، لېكىن بۇ كۆزلىرىمدىكى مەسىلە ئەمەس ئىدى . تۇيۇقسىز :
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، دەپ قول تەڭلەپ ئالدىمغا كەلدى ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئادەمنىڭ ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى ، ئاۋازىدىن ئوتتۇرا ياشلار ئەپچۆرىسىدىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزم قىلدىم .
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئەدەپ بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم .
— ئىتتىپاق كوچىسىغا قانداق بارىدىغىنىنى بىلەمسىز ؟ مەن ئەزەلدىن بۇنداق كوچىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن ، شۇڭا :
— كەچۈرۈڭ ، مۇنداق كوچا بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن .
— ھېچقىسى يوق .
— يا بولمىسا مەن سىزگە ئىزدىشىپ بېرەي ؟
— ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ، ئەمەليەتتە بۇ شەھەردە ئۇنداق كوچىنىڭ بارلىقىنى مەنمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ، ئۇ ئادەم مىنىڭ ھەيرانلىقىمنى كۆرۈپ :
— ئەسلى بىزنىڭ مەھەللە شۇنداق تىنچ ، كۆڭۈللۈك ، ئىناق ،كىچىكلەر چوڭلارنىڭ ھۆرمىتىنى ، چوڭلار كىچىكلەرنىىڭ ئىززىتىنى قىلىدىغان ، ئىلىملىكلەر كۆپ يىغىلغان ، مەيلى كوچا دوقمۇشى بولسۇن ۋە ياكى باشقا يەر بولسۇن ئىلمى مۇنازىرە ، جىدەل - ماجراسىز دەتالاش قىلىدىغان ئاجايىپ ياخشى يەر ئىدى ، دەپ چوڭقۇر بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن : - يېقىندىن بۇيان چوڭ بولىۋاتقان ياشلار ۋە باشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر كۆپەيگەندىن بۇيان مەھەللىمىز بۇرۇنقىغا ئوخشىمايلا قالدى ، نەگە قارىسا ئۇرۇش - جىدەل ، تالاش - تارتىش .بىزگە ئوخشاش سەل ياشتا چوڭ ھەتتا بىزدىنمۇ چوڭ مويسىپىتلىرىمىز نەسىھەت قىلىپ باقتى ، لېكىن بۇ بەڭۋاشلار زادى ئوڭشىلىدىغان ئەمەس . ئۇلار ئىككى گوروھ بولۇپ جىدەل چىقىرىپ مەھەللە ئامانلىقىنى بۇزدى ، سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك بۇ گوروھلارنىڭ ئاتامانلىرى پەرەڭلەردىن بولۇپ ، بۇ بەڭۋاشلار ئۇلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ، ھەتتا ئۇ ئىككى ‹‹ ئاتامان ›› بۇلارنىڭ بۇنداق جان - پىدالىقلىرىنى قىلچىمۇ بىلمەيدۇ ، شۇنداقلىقىغا باقىماي بۇ تەنتەكلەر چىرايلىق نەسىھەتلەرگە ئۇرۇنغان مۇيسىپىتلىرىمىزغىمۇ شىلتىڭ ئېتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزۈپمۇ ئۈلگۈردى . بەزى ۋاقىتتا :‹‹ مۇشۇ ئاغزىدىن قېرىنداش ، دىنداش ... دېگەنلەر چۈشمەيدىغان ، ئاغزىدا كۈلكە ، قوينىدىن پىچاق چۈشمەيدىغان ئىنىللىرىمغا كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار ، ئۇ پەرەڭلەر ئۈچۈن بىر - بىرىمىزگە ئازار بېرىش ئەرزىمەيدۇ ›› دېگىم كىلىدۇ ، بىراق يەنىلا ئاغزىمنى ئۇپراتقا چۈشلۇق ئىش بولماسلىقىغا كۆزۈم يېتىپ ، شۇ گەپلەرنى يۇتىۋەتتىم . بىزنىڭ شۇ مەھەللىدە نۇرغۇن يىل ياشىغان بەزى قېرىنداشلىرىمىز كۆز ئالدىدىكىگە چىداپ بولالماي ، مەھەللىنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى . مىنىڭ مەھەللىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكۈم يوق ئېدى ، بىراق ماڭىمۇ شۇ تىنىچ كۈنلىرىم مەھەللە مىھرىدىن ئۈستۈن كەلدى ، مانا مەنمۇ مەھەللىنى تاشلاپ چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرۇپتىمەن . لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن بىزنىڭ مەھەللە يەنە نەچچە يىلدا بۇرۇنقى ئىناق ھالىتىگە قايتىدۇ ، ھازىر تەنتەكلىك قىلغان شۇ ئىنىللىرىمىزمۇ ھامان ئەقلىنى تاپالايدۇ . چۈنكى بىز دېگەن ئىسىل نەسەبنىڭ ئەۋلادلىرى . شۇڭلاشقا ھازىرچە خىيالىمدىكى شۇ ‹‹ ئتتىپاق كوچىسى››نى ئىزلەپ چىقىپتىمەن ، مۇشۇ سەپرىمدە ئىلگىرى مەھەللىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس . مەھەللەمگە ھامان بىر كۈنى ماڭا ئوخشاش سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەر بىلەن بىللە قايتىپ كېلىمەن .
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خىياللارغا غەرق بولۇپ ، بۇ كىشىنىڭ يېنىمدىن كېتىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن . بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئۇ ئادەم مەندىن خېلىلا يىراقلاپ كېتىپ قاپتۇ . ئۇ ئادەمنىڭ كەينىدىن ۋارقىرىدىم :‹‹ مەھەللىڭىز چۇقۇم بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتالايدۇ ، ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈن ئەقلىنى تاپىدۇ ›› . گەپلىرىمنى ئاڭلىغان چېغى كەينىگە بۇرۇلۇپ ، ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن يەنە ئۆز يولىغا راۋان بولدى .
تۇرۇپلا يادىمغا ‹‹ قوش مەسچىد ›› يەتتى ، بىزلەر ئەمدى ئۇ نادانلىقنى قىلساق بولمايدۇ ، بىزلەرنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەر ھېلىمۇ ئاز بولمىغان ، ئەمدى بولسىمۇ كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ سەگەك بولمىساق بولمايدۇ . |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|