elan ornielan orni
كۆرۈش: 1055|ئىنكاس: 59

مۇنبەر ئەپ دېتالنى ياساپ چىقساق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-30 17:01  

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەرداشلار ... مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن.


    مەن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگىلى 4 ئاي  سىرتتىن زىيارەت قىلىپ تۇرۋاتقىلى 3يىل بولدى ،  ئىنكاسلاردىن قارىسام مۇنبەر قۇرۇلغىلى 7~8 يىللار بولۇپ قاپتۇ . مۇشۇ تۆت ئاي جەريانىدا  نۇرغۇن مۇنبەرداشلار بىلەن مۇنازىرلەشتىم ،تەكلىپ  ـ پىكرنى ئاڭلىدىم ، گەپنىڭ قىسقىسنى دېگەندە ھەر قايسى مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئاز تولا چۈشىنىش ھاسىل قىلدىم ، مۇنبەردەك مەۋھۇم دۇنيادا ھەممىز مۇنبەر تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقرۋاتىمىز .
گەپنىڭ نەق يېرگە كەلسەك ، مەن ئادەتتە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ، تور بەتلەرگە كىرىپ ماقالە ، ئەسەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمەن ، كۆرۈش جەريانىدا بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم ، يانفۇن ھازىر كۆچمە تور ئالاقىمزدە كەم بولسا بولـمايدىغان ۋاستىگە ئايلاندى ، مۇقىم تورنىڭ ئورننىغا خىرىس ئېلىپ كەلـمەكتە . قارىسام خەنزۇچە كىچىك توربەتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يانفۇن ئەپ دېتالى بار ئىكەن ، ئادەتتە كىچىك توردا سېتىش ئورنىنىڭمۇ ئەپ دېتالى بار . بىزنىڭ ياتاقتىكى يولداشلار ياتاق بىناسىدا سودا قىلدۇ ، ئۇلارنىڭمۇ يان تېلفۇن ئەپ دېتالى بار ئىكەن ،مەسلەن ئۇ دېتالنى ئىككىلىك كودنى سىفىرلاش ئارقىلىق تېپىپ چۈشۈرۈپ مال ماللارنىڭ تۈرى ، باھاسى يېزىقلىق شۇ ئالـماقچى بولغان خېرىدار مال زاكاس قىلىپ بەش مىنۇت ئىچىدە كومپىيۇتېرغا ئۇچۇر كەلگەندە شۇ ياتاق نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويسا ، مالنى ئورنىغا ئەپ چىقىپ بېرىدىغان مۇلازىمەت بار .
    ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ ئېچىلىش ، تور بەت سانى جەھەتتە خەنزۇچە توربەتتىن قالسىلام ئىلكىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ، دىيارىمىز چوڭ تور بەتلەر نىڭ ھەممىسنىڭ ئەپ دېتلى بار ، مەسلەن ئەل كۈيى ، ئۇلىنىش ، نۇر تورى ، ئۇچۇر تورى ... قاتارلىقلار . ئۇندىن باشقا بەزى شەخسىي تور بەتلارنىڭمۇ ئەپ دېتالى بار .
پۇتبول مۇنبىرمىزنى ئېچىپ كىرگەن ئادەم ھەرگىز بۇ مۇنبەرنىڭ كىچىك ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ ، نىمشقا شۇنچە چوڭ مۇنبەرنىڭ ئەپ دېتالى يوق ؟
شۇڭا پەن تېخنىكنىڭ تەرەققىياتى ئۇچقانداق تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، مۇنبىرىمىزگىمۇ ئەپ ئاچقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەپ دېتالىنى ياساپ چىقساقمىكى دەپ ئويلاپ قالدىم ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ ئامىلنى ئويلاشمىساق بولـمايدۇ ، كېتىدىغان مەبلەغ ، ئەپ ياسالغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالى قانچىلىك ، پايدا زىيان ئەھۋالنى ئويلاش ئەڭ مۇھىم .
   ئەپ دېتال ياسىلىپ بولغاندىكى خىيالىىم ، يانفۇن ئەپ دېتالنى ھازىرقى ئىككى چوڭ تىلفۇن سېستىمىسغا ماسلاشتۇرۇش (ئالـما ۋە ئاندىروئىد  ) ، مەسلەن ئەل كۈيى تورنىڭ ئەپ دېتالىنى ئۈلگە قىلساق ، مەسلەن : بەش چوڭ بىرلەشمىسنىڭ خەۋىرى ئايرىم ئېچىلسا ، ئاندىن ھەرخىل ۋىدىئولار سەھىپىسى ئايرىم بولسا ، مۇنبەرداشلار يوللىغان پۇتبولغا ئائىت  رەسىملەرنى باشقۇرغۇچىلار تەستىق سالغاندىن كېيىن مۇنبەردە ئايرىم رەسىم سەھىپىسى بولسا ، ئاندىن تېما يوللاش تېخىمۇ قوللايلىقلشىدۇدەپ ئويلايمەن ، نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمىز تېما يوللاش ئىستىكى كۈچلۈك بولسىمۇ تېما يوللاش ئاۋارچىلقى ۋە كۆپ خىل ئامىل تۈپەيلىدىن تېما يوللاشتا قىينىلۋاتىدۇ .
مۇنبىرىمىز چوڭ گەپتىن چۈشكەندە دىيارىمىز پۇتبولچىلقى ، كىچىك گەپنى قىلغاندا ، دىيارىمىزدىكى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقنىڭ پۇتبول ئىشلىرى ، ۋە ھەۋەسكارى ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتىدۇ .
   مۇنبىرىمىزدە ئەپ دېتال ياساش جەھەتتە ئانچە مۇنچە بىلـمى بارلار يوق ئەمەس ئەلۋەتتە ، شۇڭا مېنىڭ شەخسىي تەكلىپىم باشقىلار قانداق ئويلايدۇ ئۇقمىدىم ، مۇشۇ تەكلىپ قوللاشقا ئېرىشەلىسە مۇنبەر مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلشىپ ئەپ ئاچقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ مۇنبىرىمىزنىڭمۇ ئەپ دېتالنى ياساپ چىقساق دېمەكچى .
ئەمدى مۇنبەرداشلار تەلىپ - پىكرنى ئايماي ، مەسلىھەت بەرسە ، ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە بولۇپ مۇنبىرىمىزنىڭ ئەپ دېتالنى ياساپ چىقساقمىكى دېگەن ئۈمۈدتىمەن ، ئىشنىمەن چوقۇم كەڭ خەلىق ئاممىسنىڭ قوللىشغا ئېرىشەلەيدۇ .
ئەلكۈي ئەپ دېتالى
image.jpg



image.jpg
ئۇلىش ئەپ دېتالى


image.jpg


نۇر تورى ئەپ دېتالى

image.jpg


شىنلاڭ (سىنا تورى) ئەپ دېتالى
image.jpg

ۋاڭيى تورى ئەپ دېتالى

image.jpg

بىر قانچە تەنتەربىيە تورى ئەپ دېتالى

image.jpg image.jpg image.jpg


image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-6-30 00:32:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:35:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مۇنبىرىمىزنىڭ ئەپ دىتالى بار ئىدى. مۇنبەرنىڭ دىسكوز نەشىرى يۇقىرى كۈتۈرلىشى سەۋەپلىك قىسمەن تېخنىكىلىق مەسىلە كۈرۈلدى. ئاندىرويىد نۇسقىسى نورمال ئىشلەۋاتىدىغۇ دەيمەن. ئالما نۇسقىسىنى ياساش ئىشى تەس بولمىغىنى بىلەن ئالما ئەپ بازىرىغا تىزىملىتىش ئىشى باش قاتۇرىدىغان ئىش. مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى شېفچىنكو بۇ ئەپنى ياساپ باققانغۇ دەيمەن. نىجاتمۇ خېلى ھەپىلىشىپ باقتى.

   مۇۋاپىق جاۋاپقا ئىرىشكەندىن كىيىن بۇ تىما ئۈچۈرۈلسە بۇلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:35:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بوپتو، مەنچە پۇتبول مۇنبىرىمىز "نۇر"تورىدىن ئۆرنەك ئىلىشى كىرەك دەپ قارايمە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-30 00:39:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-6-30 00:35
مۇنبىرىمىزنىڭ ئەپ دىتالى بار ئىدى. مۇنبەرنىڭ دىسكوز  ...

ماقۇل مەن ئاندىروئىد ئىشلىتىپ باقمىغانكىن بىلـمەيدىكەنمەن ، شۇ بايام شۇنداق ئويلاپ يېزىپ بېقىشىمتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:42:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتىكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-6-30 00:39
ماقۇل مەن ئاندىروئىد ئىشلىتىپ باقمىغانكىن بىلـمەيدى ...

   خاتا چۈشەنمەڭ. مۇنبىرىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر، ئىسىل تىلەكلەر، گۈزەل ئارزۇلار ھەممىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىشى كىرەك. سىزنى قوللايمىز. مەن پەقەت بۇ ئەپنىڭ بارلىقى توغرىسىدا بىلىشىمچە چۈشەنچە بەردىم. شېفچىنكو، نىجاتلار تېخىمۇ ئىنىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ بىرەلەيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-30 00:48:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-6-30 00:42
خاتا چۈشەنمەڭ. مۇنبىرىمىز تەرەققىياتى ئۈچۈن بېسىلغ ...

ياقەي خاتا چۈشەنگىدەك ئىش يوق ، شۇ مەن مۇنبەرنى زىيارەت قىلش جەريانىدا بۇ توغۇرلۇق گەپ سۆز ، ئىنكاسلارنى بايقىمىدىم ، مۇنبەرنىڭ ئاندىروئىد ئەپ دېتالنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى راستىنلام خەۋەرسىزكەنمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:49:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز  بولسا  راۋاجلانسۇن بۇ مۇنبەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:53:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
مۇنبەرگە ئەپ دىتالى ياساپ تارقىتىشنى ئويلاشمىدۇق ئەمەس توختىماي ئويلىشىۋاتىمىز ، نۆلدىن باشلاپ ئەپ ياسىتايلى دىسەك نەچچە تۈمەندىن چۈشۈدىكەن ، شۇڭا ۋاقتىنچە بۇنى ئويلاشماي تۇردۇق ، ئەگەر مۇنبەردىكى مۇشۇ جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار بىرەر قېرىندىشىمىز رازىلىقى بىلەن يۇقىرى باھا قويىۋالماي ئەپ ياساپ بىرەلىسە ياساتساق بولىدۇ .

يەنە بىر ئامال خەنچە بەزى بېكەتلەردە مۇشۇ خىلدىكى مۇنبەر سېستىمىسىغا ئەپ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ، ھازىر دەل مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئەپ ياساپ تارقىتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز ، خەنزۇچە ئەپ ھاسىل قىلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، ئاندرويىد يانفۇنلاردا بۇخىل ئەپ ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ ، بىراق ئايفونغا ھاسىل قىلغان ئەپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا بىر قىسىم چەكلىمە بولغاچقا ئايفونغا ھاسىل قىلىدىغان ئەپ كۆپ قىسىم جايلىرى خەنزۇچە بولۇپ قالىدىكەن . بىز ۋاقتىنچە ئاندرويد يانفۇنلار ئۈچۈن ئەپ تارقىتىپ تۇرۇشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمىز ، ئايفونغا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىچە تارقىتىپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:54:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  قوللايمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:56:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە مەن پەقەت كومپىيۇتېر ئارقىلىقلا تورغا چىقىپ كېلۋاتقان بولغاچقا، تېلفون ئەپ دېتالى توغۇرلۇق چۈشەنچەم ئىنتايىن كەمچىل بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ تېلفوندا تورغا چىقىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن تورداشلار ئۈچۈن قانچىلىك قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمەن. ئىلگىرى مۇنبىرىمىزنىڭ يانفون ئەپ دېتالى ياسالغانلىقىدىن خەۋىرىم بار، لېكىن قانداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ، تەرەققىياتى قانداق بولىۋاتىدۇ، بۇنى بىلمەيمەن. ئەگەر ھازىر مۇنبىرىمىزنىڭ ئەپ دېتالى خىزمىتى توختاپ قالغان بولسا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئەتىراپىمىزدىكى بۇنىڭ ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلالايدىغانلارغا چاقىرىق قىلىپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىمىزنى، قايتا ياساپ يولغا قويۇش زۆرۈرىيتى بولسا چوقۇم بۇ تەرەپتىنمۇ ئەمىيەت بېرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تېما ئىگىسىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن، قولۇمدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا مەن تەييار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-30 00:57:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوغدا يوللىغان ۋاقتى  2015-6-30 00:35
مۇنبىرىمىزنىڭ ئەپ دىتالى بار ئىدى. مۇنبەرنىڭ دىسكوز  ...

بۇ ئىشلاردىن ئانچە بەك خەۋىرىم يوقكەن. ئىشقىلىپ نىجاتمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ئاز كۈچ سەرىپ قىلمىدى. قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللايلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 09:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش