ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 427 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تور دىگەن بىر مەۋھۇم دۇنيا، ئۇنى ئەمىلىيەت بىلەن باغلىۋېلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ، بىر ئىككى يىلدىن كېيىن مەجبۇرى شۇنداق قىلىدىغان ئىش بولسا شۇ چاغدا بىرگەپ بولا، يا چىقارمىز تورغا، ياكى چىقماي خەۋەر كۆرۈپ ئولتۇرارمىز. كىملىكىمىزنى كىرگۈزۈشتىكى مەخسەتمۇ قانۇن تۈزۈمگە خىلاپ سۆزلەرنىڭ ئىگىسىنى تېپىش، بولمىسا بۇنچىۋالا مەبلەغ ۋە كۈچ چىقىرىپ بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىسىمۇ ئۇندىن باشقا ئىشلار تولا. ئۇندىن باشقا پۇتبول تورىغا كىرگۈزگەن ئىسىم كىملىك نومۇرىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئايرىش ھازىرچە ئىشقا ئاشمايدۇ، ئورۇنسىز جىدەل ماجرالارنى ئازايتىشقا ھېچقانداق بىر پايدىسى يوق، مومىخانىغا كىرگۈسى يوقلار پەرەڭلەر بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز بولمىغاندىكىن ۋە ياكى لوڭقىلارنى بىز ئالمىغاندىكىن ۋە ئېلىشقا كۈچ چىقارمىغاندىكىن پەرەڭلەرنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ باشقىلارنى كەمسىتمىسىلا ھېچ ئىش يوق. پەرەڭلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئەمەس ئەمما شۇلارنىڭ چاپىنىدا ئۆز مىللەتداشلىرىغا تىل سالغان ۋە ھاقارەت قىلغانلارنى باشقۇرغۇچىلار بىرتەرەپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، توردا بىز پەقەت پۇتبول بىلىملىرىنىلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىمىز،خاتا سۆزلەپ سالساق باشقىلار تۈزىتىدۇ تەنبىھ بېرىدۇ،ساۋاق ئالىمىز، ساۋاق ئالمىساق قېرىلار چانايدۇ. |
|