ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 525 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم پوتپول مۇنبىردىكى دوس ئاكا ئىنە ھەم ساۋاق دوس قىرىنداشلىرىم ، كەمىنە سەۋيەمنى چاغىلىماي مۇشۇ خەۋەرنى بىر يازاي دەپ ئولتوردۇم ، 2015-يىلى 6-ئاينىڭ9-كۇنى قارقاش ناھىسىدە چوڭ كۆلەمدە ھەرخىل مۇسابىقىلەر ئىلىپ بىرىلدى ، چوڭ تۇرلەردىن پوتپول ، ۋاسكىپبول ، ۋالىبول، تۇرلىرى كىچىك تۇرلەردىن چىلىشىش ئۇزۇن ئارلىققا ۋە قىسقا ئارلىققا يۇگرۇش تىكتاك توپ ،بوكىس ، بۇ مۇسابىقىلەر ئەر ئايال ئىككى بۆلەككە بۆلۆنۆپ ئوينالدى، مەن ئۆزۆم قاراشلىق ياۋا يىزا پوتپول كوماندىسغا توپ ئوينىدىم ، پوتپول مۇسابىقىسى قارقاش ناھىلىك 1- ئوتتورا مەكتەپ پوتپول مەيدانىدا ئىلىپ بىرىلدى ، بۇ پوتپول مۇسابىقىسىگە قارقاش ناھىسىگە قاراشلىق 20يىزا بازار ئورگان قاتارلىق كوماندىلار قاتناشتى ، 20كوماندا تۆت بۆلەككە بۆلۆنۆپ ئايلانما شەكىلدە ئىلىپ بىرىلدى ، مەن بۇ كوماندىلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئىسمىنى بىلىپ كەتمىگەشكە سەككىز كۆشلۆككە چىققان كوماندىلارنى بىلەلىدىم ، بىز مۇ سەككىز كۆشلۆككە چىققاشقا ، 8/1كىرىشتە بىرىنجى مەيدان مۇسابىقە جاھانباغ پوتپول كوماندىسى بىلەن توخلا پوتپول كوماندىسى ئىلىپ بىرىلدى نەتىجىدە بۇ ئىككى كوماندا نوختا توپ جىڭىگە قەدەم قويدى جاھانباغ پوتپول كوماندىسى 4:5 نەتىجە بىلەن توخلا كوماندىسنى ئۇتتى ، ئىككنجى مەيدان مۇسابىقە لەنتۇڭ كوماندىسى بىلەن كۇيا كوماندىسى ئوتتورسىدا ئىلىپ بىرىلدى ، بۇ مۇسابىقىدە لەنتۇڭ كۇماندسىنىڭ غەلبسى بىلەن ئاخىرلاشتى ، ئۇچىنجى مەيدان مۇسابىقە بىز يەنى ياۋا يىزا پوتپول كوماندىسى قارساي يىزا پوتپول كوماندىسى ئوتتورسىدا ئىلىپ بىرىدى ، نەتىجىدە قارساي كوماندىسى 0:6 نەتىجە بىلەن بىزنى ئۇتتى ، تۆتىنجى مەيدان مۇسابىقە مائارىپ كوماندىسى بىلەن قويچى يىزا پوتپول كوماندىسى ئوتتورسىدا ئىلىپ بىرىلدى ، نەتىجىدە مائارىپ كوماندىسى 0:7 نەتىجە بىلەن قويچى يىزا كوماندىسنى ئۇتتى ، يىرىم ھەل قىغۇچ مۇسابىقە قارساي كوماندىسى بىلەن مائارىپ كوماندىسى ئوتتورسىىدا ئىلىپ بىرىلدى ، نەتىجىدە 1:3نەتىجە بىلەن مائارىپ كوماندىسى ئۇتتى ، يەنى بىر يىرىم ھەل قىغۇچتا لەنتۇڭ كوماندىسى بىلەن جاھانباغ كوماندىسى ئوتتورسىدا ئىلىپ بىرىدى ، نەتىجىدە لەنتۇڭ كوماندىىسنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى ، چىمپىيۇنلوقنى تالىشىش مۇسابىقىسى بەك قىززغان مۇسابىقە بولدى ، مائارىپ كوماندىسى بىلەن لەنتۇڭ كوماندىسى كىچىك گۇرۇپىدا ئۇچراشقان بولوپ مائارىپ كوماندىسنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى، بىراق چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى لەنتۇڭ كوماندىسنىڭ غەلبىس بىلەن يەنى نوختا توپ جىڭى بىلەن ئاخىرلاشتى ، بىرىنجى بولغان لەنتۇڭ كوماندىسغا ئوتتوز مىڭ يۇۋەن ئىككىنجى بولغان مائارىپ كوماندىسغا يىگىرمە مىڭ يۇۋەن ئۇچىنجى بولغان قارساي كوماندىسغا ئونمىڭ يۇۋەن تۇتىنجى بولغان جاھانباغ كوماندىسغا بەش مىڭ يۇۋەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى ، بۇ پوتپول مۇسابىقىسى قارقاش ناھىسىدە تۇنجى نۇۋەتلىك توققوز كىشلىك مۇسابىقە بولوپ بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان قارقاش ناھلىك پارتىكوم ھۆكمەت قارقاش ناھىلىك مائارىپ ئىدارىسغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۇرمىز. |
|