elan ornielan orni
كۆرۈش: 4618|ئىنكاس: 40

جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى چېمپىيۇنلىقىدىكى 5 چوڭ قىززىق نۇقتا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-13 19:55  
176665632.jpg

2015-يىللىق جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:30 دە رەسمىي باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى كۆپ ساندىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قالغان بۇرۇنقى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلىرىگە ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ چېمپىيۇنلۇق تەختىگە ئولتۇرغۇدەك سەۋىيسى بار. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ بىر جۈپ يۇلتۇزى ھېسابلىنىدىغان مېسسى بىلەن نېيمار بولسا ھەر قايسىسى ئۆز كوماندىلىرىنى باشلاپ ئۆزلىرىنى ئىسپاتلاش ئالدىدا تۇرماقتا، ساھىبىخان دۆلەت چىلى بولسا ئەلۋەتتە ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان لوڭقىنى كۆتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ يېڭى شاھزادىسى كولۇمبىيە كوماندىسىنىمۇ بوش چاغلاشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا يەنە ئالدىقى نۆۋەتلىك چېمپىيۇن كوماندا ئۇرۇگىۋايمۇ گەرچە ئاساسلىق چولپان سۇئارىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلاردىمۇ ئۈمىد يەنىلا چوڭ. ئۇنداقتا مەن بىلەن بىللە بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا چېمپىيۇنلىقىدىكى 5 چوڭ قىززىق نۇقتىلىق كوماندىلارنى چۈشىنىشنى خالامسىلەركىن؟



340676_heroa.jpg
ئارگېنتىنا


چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى: 3:1          يادىرولۇق توپچىلار: مېسسى، ئاگۈيرو            ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى نەتىنجىسى: 8 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان.

ئارگېنتىنا ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا 2-لىككە ئېرىشكەن. كوماندىدا بولسا تېخى يېقىندىلا «3 شاھ» شەرىپىگە ئېرىشكەن، 2015-يىللىق شەخسىي شان-شەرەپنىڭ ھەممىنى دېگۈدەك مونوپول قىلىشقا ئاران تۇرىۋاتقان داڭلىق چولپان مېسسى بار. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ يەنە ئاگۈيرو، تېۋىز، دىمارىيا ۋە ھىگۇايىندىن ئىبارەت قالتىس ھۇجۇمچىلار ئارگېنىتىنانى شەك-شۈبىھسىز ھالدا بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا چېمپىيۇنلىقىدىكى ئەڭ چوڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرغان. ئۇلاردا ھۇجۇم كۈچى ھەرگىزمۇ مەسىلە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قېتىم چېمپىيۇن بولغان ۋاقتى بولسا 1993-يىلى، قىتئە دەرىجىلىك بۇ تۈردىكى مۇسابىقىنىڭ چېمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈپ باقمىغىنىغا ئاللىقاچان 22 يىل بولغان ئارگىنتىناغا نىسبەتەن بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى ئۇلارنىڭ شېرىن چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىدىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت.









154566-baxi.jpg
بىرازىلىيە

چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى: 4:1       يادىرولۇق توپچىلار: نېيمار، تىياگو سىلۋا        ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى نەتىنجىسى: 8 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان.

ئۆتكەن يىلى ئۆز بوسۇغىسىدا ئېچىنىشلىق ئازابنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بىرازىلىيە كوماندىسى ئەلۋەتتە بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىدا بولسىمۇ ئار-نومۇسنى ئاقلاپ ئۆزلىرىگە ئازىراق بولسىمۇ تەسەللىي تاپمىسا بولمايدۇ. كوماندىدا بولسا نېيماردىن ئىبارەت يادىرلوق شەخىس ۋە ئارقا سەپتىكى مۇھىم توساق، كوماندا باشلىقى تىياگو سىلۋا بار. بىزگە تونۇشلۇق چولپانلاردىن روبىنخو بىلەن كاكامۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 23 كىشىلىك چوڭ تىزىملىك ۋە 7 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان زاپاس ئەزالار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى. يەنە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، شەندوڭ لۇنېڭدىكى تاردېللى بىلەن ئەل ئاخلى كوماندىسىدىكى رىبېرومۇ ئەڭ ئاخىرقى چوڭ تىزىملىككە تاللاندى، ئاسىيا كۇلۇپلىرىدا توپ تېپىۋاتقان بىرازىلىيلىك توپچىلارنىڭ دۆلەت كوماندىسى چوڭ تىزىملىكىگە تاللىنىشى ئىلگىرى ئىنتايىن كەمدىن-كەم ئۇچىرايدۇ. كوماندىدا يەنە كۇتىنىخو، فىرمىنو قاتارلىق ياش توپچىلارنىڭ تولۇقلىنىشى ئۇلارنىڭ چېمپىيۇنلۇققا قاراپ مۇستەھكەم قەدەم بىلەن يۈرۈش قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.









152525-zhili.jpg
چىلى

چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى: 5:1       يادىرولۇق توپچىلار: سانچېز، ۋىدال       ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى نەتىنجىسى: 8 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان.

چىلى بولسا بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى چوڭ بەزمىسىنىڭ ساھىبىخانى، كوماندا تەركىبىدىكى 16 ئادەم ياۋروپا كۇلۇپلىرىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە ھۇجۇم سېپىدىكى داڭلىق چولپان سانچېز بىلەن كوماندا يادىروسى ۋىدالنىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسىمۇ پەۋقۇلادە قالتىس. سانچېز بولسا تېخى يېقىندىلا ئارسىنالغا باشلامچىلىق قىلىپ ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنى ئۇدا يەنە بىر نۆۋەت قولغا كەلتۈردى. ۋىدالمۇ يۇۋېنتۇسقا ياردەملىشىپ «قوش شاھ» ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنىڭ كۈمۈش شاھلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتەك ئېسىل نەتىنجىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ باشلامچىلىقىدا چىلى دۆلەت كوماندىسى ئۆتكەن يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىمۇ ھەممىنىڭ كۆزىنى چاقناتتى. بۇ يىل بولسا ئۇلارنىڭ يەنە بىر بالداق ئۆرلەش ئىستىكى ناھايتى كۈچلۈك. بۇ قېتىم ساھىبىخان ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز بوسۇغىسىدا لوڭقا كۆتۈرۈش ئۇلارغا كەلگەن ئەڭ ياخشى پۇرسەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلى تېخى بۇ تۈردىكى چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىپ باققىنى يوق، شۇڭا ئۆز تۇپىرىقىدا بۇ لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى.












9f66ddaa9530273f27876d1fafe1e9bf.jpg
كولۇمبىيە

چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى: 13:2      يادىرولۇق توپچىلار: فالكاۋ، جامىس رودىرىگىز      ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى نەتىنجىسى: 8 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان.

كولۇمبىيە كوماندىسىنىڭ ئۆتكەن يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىشتىن مەھرۇم قالغان 1-نومۇرلۇق چولپىنى فالكاۋ بۇ پەسىل مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىدا ھەقىقەتەنمۇ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزدى، ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىدا دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسى ئىچىدە ئىناۋىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى. بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى بولسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆزىنى قايتىدىن ئىسپاتلايدىغان ياخشى سورۇن. ئەمىلىيەتتە كولۇمبىيە ھۇجۇم سېپىدە تالانتلىقلار توشاق، فالكاۋنىڭ ھەمرالىرىدىن يەنە تېخى ياۋروپا «قارا دۇكىنى» پورتۇ كوماندىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان نام قازىنىپ كېلىۋاتقان مارتىنىز بىلەن بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ مەرگىنى باككا بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ پەسىل ئىپادىسى باشتىن-ئاخىر  ئېسىل ھەم تۇراقلىق كېتىۋاتقان جامېس رودىرىگىز، كۇئاردىرادو، چۈئىنتىرو ۋە گۇئارىندىن ئىبارەت قالتىس ئوتتۇرا مەيدان سەركەردىلىرى بار. بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىدا 4 كۈچلۈككە بۆسۈپ كىرىش كولۇمبىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك نىشانى بولۇشى مۇقەررەر.  









88031434017848.jpg
ئۇرۇگىۋاي

چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى: 16:1             يادىرولۇق توپچىلار: كاۋانى، گودىن              ئالدىنقى نۆۋەتلىكتىكى نەتىنجىسى: چېمپىيۇن بولغان.

ئۇرۇگىۋاي كوماندىسى گەرچە ئالدىنقى نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەتلىكتە ئۇلارنىڭ يەنە ئۇدا چېمپىيۇنلىقنى قولغا كەلتۈرمىكى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. نۆۋەتتە كوماندا پېشقەدەملەرنىڭ ياش نوتىلارغا ئورۇن بوشىتىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. فورلان ئاللىقاچان دۆلەت كوماندىسىدىن چېكىندى، غوللۇق مۇداپىيەچى فۇسلې، ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گارگانو، پېرىرا قاتارلىق پېشقەدەم توپچىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ رىقابەت كۈچى كۆرۈنەرلىك چېكىندى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى كوماندىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ھۇجۇمچىسى سۇئارىزنىڭ دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىدىن چەكلىنىش سەۋەبىدىن بۇ نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىدىن مەھرۇم قېلىشى ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىنى ھالاك قىلىشتەك زەربىگە دۇچار قىلدى. ئەمدى كوماندا پەقەتلا گودىن يادىرولىقىدىكى ئارقا سەپ مۇداپىيەسى بىلەن كاۋانى باشچىلىقىدىكى ھۇجۇم سېپىگە تايانماي باشقا ئامالمۇ يوق ھالەتتە تۇرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تېخى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ياۋروپا 5 چوڭ بىرلەشمىسىدە توپ تېپىپ قايتىپ كەلگەن كۆپ ساندىكى توپچىلارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىمۇ خېلى چوڭ تەسىرگە ئۇچىرىدى، يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسى ھېساپتا مۇدھىشلىق پۇراپ تۇرىدىغان پارنىكقا ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ياخشى ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرالىغاندىلا ئۇدا چېمپىيۇنلۇق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىدا ئازىراق ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. ھازىر ئۇرۇگىۋاي كوماندىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ نىشانى بولسا ئالدى بىلەن قاتتىق تىرىشىپ 4 كۈچلۈككە بولسىمۇ ئۇلىشىۋېلىش، ئاندىن پۈتكۈل جان-جەھلى بىلەن ئەڭ يۇقىرى چوققىغا قاراپ يامىشىش.  
  

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-6-13 20:06:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل ، تەگلىك چىرايلىققەن جاپا چېكىپسىز ئەجىر قىپسىز رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:19:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزۈمگە بىر خىل كۆرۈنىدا..  
بىرەر  ژۇرنالنىڭ ۋارقىنى يىرتىپ چاپلاپ قويدىڭلىمۇ نىمە ؟     پۇتبول مەيدانى باشلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىسبەت قانداق ھېسابلانغان؟ بۇ نىسبەت نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:23:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقىدا قىززىق نۇقتىلار كۆپكەن ، ئارگىنتىنانىڭ چىپمىيون بولشىغا تىلەكداشمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:25:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە كۇلۇمبىيە ئېش تېرىيدۇ ....  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىلىيە بىر كۈچىسە بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقۇرغىچىلار  مىنىڭ تۇنجى تىمامنى تەستقلىماپسىلەر  سەۋەبىنى  بىلۋالسام تەلىم بەرسەڭلار    تېما يىزىشنى ئۆگۈنۋالسام         
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-13 20:38:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسكار يوللىغان ۋاقتى  2015-6-13 20:19
كۆزۈمگە بىر خىل كۆرۈنىدا..  
بىرەر  ژۇرنالنىڭ ۋارقىن ...

ھەئە، شۇنداق بولدى كىنو مۇكاپاتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-13 20:42:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈفىي يوللىغان ۋاقتى  2015-6-13 20:21
نىسبەت قانداق ھېسابلانغان؟ بۇ نىسبەت نېمىنى چۈشەندۈرى ...

1:1 نىسبەت بولسا مۇتلەق چېمپىيۇن بولىدۇ دەپ جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئارگېنتىنانىڭ چېمپىيۇن بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، شۇڭا 3:1 نىسبەت بويىچە ئالغان. ئەگەر بۇنى پىرسەنتلەشتۈرۈپ قالساق ئارگىنتىنانىڭ چېمپىيۇن بولۇشى تەخمىنەن %33 تىن ئازىراق ئاشىدۇ. بۇ مۇشۇنداق گەپ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:47:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-13 20:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارگىنتىنانىڭ ئادەملىرى ئەڭ خىلكەن يەنىلا!بۇيىل چېمپىيۇن بۇلالمىسا كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بۇلىدۇ جىما!مۇشۇ چېمپىيۇقلىنىمۇ بولسا ئالسا ئۆتكەن يىلقى زىدە سەل ياخشىلىناتتى...غەيرەت قىل ئارگىنتىنا!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 12:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش