elan ornielan orni
كۆرۈش: 1167|ئىنكاس: 19

ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى چىمپىيۇن كۇماندىلار (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-9 14:39  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!

    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى كۇمېتىتى ھەر يىلى ئۇيۇشتۇرىدىغان، ياۋروپادىكى كۇلۇبلار ئارا تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك، سەۋىيىسى  ئەڭ يۇقىرى بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ھېساپلىنىدۇ. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى، 1955\56-مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، تاكى 1992\93-مۇسبىقە پەسلىگىچە ‹‹ ياۋروپا كۇلۇبلار ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى›› دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. 1992\93-مۇسابىقە پەسلىدە ئاندىن، ھازىرقى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. قائىدە-تۈزۈملىرىمۇ ئىسلاھ قىلىنىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن.
   
0.jpg    
   
    ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىن بۇيان، رېئال مادىرىد كۇلۇبى 10 قېتىم، ئاس مىلەن كۇلۇبى 7 قېتىم، بارسېلونا، بەيرىن ۋە لېۋىرپول كۇلۇبلىرى 5 قېتىمدىن، گوللاندىيە ئاجاكىس كۇلۇبى 4 قېتىم بۇ لوڭقىنى كۆتۈرۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان.    
                                 
01.jpg

    بۇ تېمىداتىلغا ئېلىندىغىنى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ئەڭ دەسلەپ ئۆتكۈزۈلگەندىن تاكى ھازىرغىچە بولغان 60 يىل مابەينىدىكى، چىمپىيۇن بولغان كوماندىلارنىڭ  كىچىككىنە كارتىنىسى ۋە ئەسلىمىسى .     
                                 
1.jpg
  
  1956-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، فىرانسىيە پارىژدىكى  ئەمىرلەر پۇتبول مەيدانىدا،  تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، رېئال مادىرىد كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە لانىس كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.  مادىرىد رىۋايەتلىك توپچىسى دې سىتىفانو بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ئۇرۇپ، كوماندىنىڭ 4:3 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، مادىرىدنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۆھپە قوشىدۇ.
                                         
2.jpg


  1957-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېرنابو پۇتبول مەيدانىدا، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى.  تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ساھىبى بولغان رېئال مادىرىد، يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنىدى. نەتىجىدە  دېسىتىفانو بىلەن ھېنتونىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن رەقىبى - ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى فىلورۇنتېنا كۇماندىسىنى 0:2 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشتى .
                                 
3.jpg


1958-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېلگىيىنىڭ بېرۇسال خېيسېل پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، 3-قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن رېئال مادىرىد كوماندىسى، ئىتالىيىنىڭ كۈچلۈك زەردارى ئاس مىلەن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە نەتىجە 2:2 بولۇپ تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋالدا، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە ھېنتو بىر توپ ئۇرۇپ، مادىرىد 2:3 نەتىجە بىلەن ئاس مىلەن كوماندىسىنى يېڭىپ 3-قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.
                                 
4.jpg


    1959-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، گېرمانىيە سىتوگارت شەھىرىنىڭ نېكال پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، رېئال مادىرىد بىلەن لانېس كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ئۇچىراشتى. نەتىجىدە، ماتېئوس بىلەن دېستىفانونىڭ بىردىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن مادىرىد 0:2 نەتىجە بىلەن لانېس كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇددا تۆتىنچى قېتىم لوڭقا كۆتۈردى.
                                                        
5.jpg


   1960-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شوتلاندىيىنىڭ گېلاسكودىكى ھامپېتون باغچىسى پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.  رېئال مادىرىد 3:7 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كۈچلۈك كوماندىسى فىرانكىفورتنى يېڭىپ، بەش نۆۋەتلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تولۇق غەلبە قىلدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، دېسىتىفانو قالپاق ئويۇنى ئوينىدى، پوسكاش 4 توپ كىرگۈزدى. مەيدانغا 128 مىڭ تاماشىبىن كىرگەن بولۇپ، 2-نۆۋەتلىك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى 125 مىڭ ئادەمدىن ئېشىپ كەتتى .
                                                   
6.jpg


   1961-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى،  ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بېرلىن ۋانكودۇف پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. 8 كۈچلۈك مۇسابىقىدە مادىرىدنى شاللىۋەتكەن بارسېلونا، تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى.  لېكىن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 3:2 نەتىجە بىلەن رەقىبى پورتۇگالىيە بېنفىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، چىمپىيۇنلۇق چۈشى بەربات بولدى. بېنفىكا كوماندىسىدىن ئاگۇاس، سانتانا ۋە كېرونا بىردىن توپ ئۇردى.  ئاگۇاس شۇ توپى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىدىكى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان تۇنجى كاپىتان بولۇپ قالدى.
            
7.jpg    


   1962-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، گوللاندىيە ئامېستىردام ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى.  ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن—بېنفىكا كوماندىسى، بەش قېتىم چىمپىيۇن بولغان مادىرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، پوسكاش قالپاق ئويۇنى ئوينىغان بولسىمۇ، لېكىن بېنفىكا كوماندىسىدىن ئاگۇاس، كاۋېيمو، كېرونالارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى ۋە يوسبېئونىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن بېنفىكا كوماندىسى 3:5 نەتىجە بىلەن رېئال مادىرىدنى يېڭىپ يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشتى .
                              
8.jpg


  1963-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، لوندۇن ۋېمپولى پۇتبول مەيدانىدا، بېنفىكا كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ، ئاس مىلەن كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئالتافىينىنىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، ئىككىنچى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئاس مىلەن كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن ئىككى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن بېنفىكا كوماندىسى يېڭىپ، مىلەن تارىخىدىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى.  تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغىنى، ئالتافىنى شۇ ئىككى توپى بىلەن، بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى كىرگۈزگەن توپىنى 14 كە يەتكۈزۈپ، ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رېكۇرتنى يېڭىلىدى.
                     
9.jpg

   
   1964-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى، ۋېينانىڭ پىراتا توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. 433 سەپ شەكىلىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى تېرىنىر— ئېرىلىيا باشچىلىقىدىكى ئىنتىر مىلەن كوماندىسى تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ، رېئال مادىرىد كوماندىسىنى كۈتىۋالدى .  مۇسابىقىدە، مادىرىد رىۋايەتلىك توپچىسى فېگو بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ، بىراق  ئىنتىر مىلەننىڭ  تالانتلىق توپچىسى مازولانىڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈشى ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى سويارېزنىڭ  بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن 1:3 نەتىجىدە ئىنتىر مىلەن غەلبە قىلدى.  
   
10.jpg    
   

  1965-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، مىلەن مېئاززا پۇتبول مەيدانى .  ئالدىنقى پەسىل چىمپىيۇن بولغان ئىنتىر مىلەن، ساھېبخان مەيدانغا قايتىپ، بېنفىكا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 43 مىنۇت بولغاندا، ئىنتىر مىلەن توپچىسى جايېر بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ، ئىنتىر رەقىبىنى مەغلۇپ  قىلدى ھەمدە 3-بولۇپ، ئۇددا ئىككى پەسىل ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشكەن كۇماندا بولۇپ قالدى.   ئۇ كۈنى قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، بېنفىكا كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى كوستا-پېلىرا تېيىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئازاپلانغان ھالدا جايىرنىڭ توپىنىڭ قاپقىغا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ قېلىشتىن باشقا ئامال قىلالمىغانىدى.      
         
11.jpg   


   1966-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى،  بېرۇسال خېيسېل پۇتبول مەيدانى .  تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بېلگىرات پارتىزانلا كوماندىسى، رېئال مادىرىد بىلەن ئۇچىراشتى .  پارتىزانلار كوماندىسىدىن ۋاسوۋېچ، مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا بىر توپ ئۇرغان بولسىمۇ، مۇھابىقە ئاخىردىكى 20مىنۇت ئىچىدە مادىرىد توپچىسى ئامانسىئو بىلەن سېرونانىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن مادىرىد تەتۈر ئېشىپ، غەلبىلىك ھالدا 6-ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.     
                              
12.jpg    
  

   1967-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، لېسبون دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا، شوتلاندىيە كىلىتلىقلار كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە زەردارى ئىنتىر مىلەننى يېڭىپ، ئەنگىلىيە كۇلۇبلرى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ‹‹يۇغان قۇلاق›› لوڭقىسىنى ئېلىپ بەردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنۇت بولغاندا كازولا ئىنتىر ئۈچۈن بىر نوقتا توپ ئۇردى. لېكىن كېيىنكى مەيداندا، گېمور بىلەن چاموسنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن كىلىتلىقلار ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يەردە ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى، شۇ چاغدىكى كىلىتلىقلار كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى جوسىك-ستېئىن ئىدى ھەم ئەينى ۋاقىتتا سەييارە توپ تېپىۋاتقان، مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلگىرىكى تېرىنىر فورگۇسۇن بار ئىدى.     
                        
13.jpg    
      
                          
  1968-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، لوندۇن ئېمبولى توپ مەيدانىدا، تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى _ مانچېستىر بىرلەشمىسى، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچنىڭ دائىملىق مېھمىنى بېنفىكا كوماندىسىنى 1 قارشى 4 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ئەنگىلىيە كۇلۇبلىرى ئۈچۈن ئىككىنچى لوڭقىنى، مانچېستىر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى تۇنجى لوڭقىنى قولغا ئالدى.  بۇ مۇسابىقىدە، مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن بوبى-چارلېتون بىر توپ ئۇردى، بېنفىكا ئۈچۈن گېراسا بىر توپ ئۇردى. مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتقا قەدەم قويدى. بۇ ۋاقىتتا بوبى-چارلېتون، گېئۇرگې-بېسىت ۋە كېددىلار بىردىن توپ ئۇرۇپ، مانچېستىرنىڭ غەلبە ئاساسىنى ياراتتى.
                                 
14.jpg


1969-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، مادىرىد بېرنابو پۇتبول مەيدانى. بۇ قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگىنى ئاس مىلەن كوماندىسى بىلەن گوللاندىيە ئاجاكىس كوماندىسى ئىدى. بۇ قېتىم، پىراتىنىڭ قالپاق كىيىشى ۋە كاپىتان سورمالىنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن، ئاس مىلەن كوماندىسى 1:4 نەتىجە بىلەن ئاجاكىسنى مەغلۇپ قىلىپ، 1963-يىلدىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى. ئاجاكىس كوماندىسىدىن بىر توپ ئۇرغان توپچى بولسا، بېلگىرات پارتىزانلار كوماندىسى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە رېئال مادىرىدقا بىر توپ ئۇرغان، كېيىن ئاجاكىس كۇلۇبىغا يۆتكەلگەن ۋاسوۋېچ ئىدى.  بۇ پەسىلدىكى ئاس مىلەن كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى، 1963-يىلى كوماندىنى تۇنجى ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشتۈرگەن _ نېيرېئو-روكو ئىدى.
                    
15.jpg


   1970-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، ئاس مىلەننىڭ سانسېرو توپ مەيدانىدا، گوللاندىيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك كوماندىسى بولغان فىينورېد روتېردام كوماندىسى بىلەن شوتلاندىيەنىڭ كىلىتلىقلار كوماندىسى ئىتالىيە زىمىنىدا ئۇچۇراشتى.  فىينورېد كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئەينى چاغدىكى نامى چىققان ئېرنىست-خاپپىل ئىدى. ئۇنىڭ باشچىلىقىدىكى كوماندا، بىر خىل گىرەلەشمە توپ تېپىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان كوماندا ئىدى.  مۇسابىقە باشلىنىپ، 29 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، كىلىتلىقلار كوماندىسنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى گېمور ئالدى بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، لېكىن ئىككى مىنۇتتىن كېيىن، فىينورېد كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.  قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت توشۇشقا ئۈچ مىنۇت قالغاندا، سېندېۋار بوغۇزلاش خاراكتىرلىك بىر توپ ئۇرۇپ، فىينورېد كوماندىسى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى. كىلىتلىقلار كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ۋېليامىس قايىل بولمىغانلىقتىن مۇسابىقە نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، فىينورېدقا مەنسۇپ بولغان غەلبە نەتىجىسىنى ئۆزگەرتەلمىگەنىدى.
                        
16.jpg


   1971-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، لوندۇن ۋېمپولى توپ مەيدانى. بۇ يىلى ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ گوللاندىيىلىكلەرگە ۋاكالەتەن،  ئۇدا 3-قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى رەقىبى _ ئەينى ۋاقىتتىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن، گېرىتسىيە پاناتھېناكوس كوماندىسى ئىدى. مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا، گوللاندىيىلىك ۋان دېسك بىر توپ ئۇردى، ئارقىدىن ئارخان ( كېيىن جۇڭگو كوماندىسىغا تېرىنىر بولغان) بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقۇملاپ، ئاجاكىس تارىخىدىكى تۇنجى لوڭقىغا ئېرىشتى. ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ لوڭقا ئېلىش قەدىمى باشلانغانىدى. ئاجاكىس ئۈچۈن لوڭقا كۆتۈرۈپ تەبىرىكلىگەن توپچى دەل، ھەممىگە تونۇش بولغان، ئەينى چاغدىكى داڭلىق كاپىتان _ ۋاسوۋېچ ئىدى.
                              
17.jpg


   1972-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، روتېردام فىينورېد توپ مەيدانى .  ھەل قىلغۇچقا كىرگەن كوماندىنىڭ بىرسى  ئىتالىيە ئىنتىر مىلەن كوماندىسى، يەنە بىرسى  ئالدىنقى پەسىللىك چىمپىيۇن ئاجاكىس كوماندىسى ئىدى. بىر يىل ئىلگىرى ئاجاكىسنىڭ داڭلىق توپچىسى كىرويىف، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە مەيداندا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتەلمىگەنىدى، خۇددى مەيداندا سەيلە قىلغاندەك مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان، بۇقېتىم <<سەيلە قىلغان>> ئىنتىر مىلەن داڭلىق ھۇجۇمچىسى بونىنسېنگىنا بولدى. ئەكسىچە، كىرويىف ئىككى توپ ئۇرۇپ، ئىنتىر مىلەننى 0:2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈش شەرىپىگە ئېرىشتى.
                                       
18.jpg


   1973-يىلى 5-ئاينىڭ30-كۈنى، بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز پۇتبول مەيدانى. بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىپ 4 مىنۇت بولغاندا، جوھېني-رېپ بىردىنبىر توپنى كىرگۈزۈپ، ئاجاكىس كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ يېڭى مېھمىنى يۇۋېنتىسنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئۈچۈنچى قېتىملىق <<يۇغان قولاق>>نىڭ ساھېبى بولدى.  بۇ قېتىملىق چىمپىيۇنلۇقتىن كېيىن، ئاجاكىس ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. چۈنكى كوماندىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن كىرويىف بىلەن نېسكىنېس بىر-بىرلەپ بارسېلونا كۇلۇبىغا يۆتكۈلۈپ كەتتى. بىر يىل كېيىن، 1974-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچتا، ئاجاكىس كوماندىسىنى ئاساس قىلغان گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسى 1:2 نەتىجە بىلەن فېدېراتىپ گېرمانىيەگە ئۇتتۇرۋەتتى.
                                    
19.jpg


1974-يىلى 5-ئاينىڭ 15-،17- كۈنلىرى.  بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ ناھايىتى ئالاھىدە بولدى. ئالدى بىلەن ياۋروپا ئاجاكىس خاندانلىقى بىلەن خوشلۇشۇپ، بەيرىن خاندانلىقىنى كۈتىۋالغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. يەنە بىرسى، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە 210 مىنۇت داۋاملاشقان بولۇپ، ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ قالدى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئىككىلا كوماندا ھەل قىلغۇچنىڭ تۇنجى ساھېبىلىرى ئىدى. بەيرىن كوماندىسى بىلەن مادىرىد ئاتلىتكا كوماندىسى 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە توپ كىرمەي تەڭلىشىپ قالدى.  قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت توشۇشقا ئالتە مىنۇت قالغاندا، مادىرىد ئاتلىتكىدىن لويېس بىر توپ ئۇردى، پۈتۈن ئىسپانىيىلىكلەر ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ قولغا كەلگەنلىكىدىن ھاياجانغا تولدى. لېكىن، ئۇلار ئالدىراپ كەتكەنىدى، ئاخىرقى بىر مىنۇت قالغاندا، بەيرىن توپچىسى سىچۋارزېنبېك 35 مېتىر ئارلىقتىن يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر توپ ئۇرۇپ، مۇسابىقە ۋاقتىنى 17-كۈنىگە ئۇزارتىپ قويدى.
17-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، گەيىت- موللېر بىلەن ئولې-ھونېسنىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى توپ ئۇرۇشى بىلەن 0:4 نەتىجىدە مادىرىد ئاتلىتكىنى مەغلۇپ قىلىپ، بەيرىن تارىخىدىكى تۇنجى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىنى قولغا كەلتۈردى.

                           
20.jpg


     1975-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، پارىژ شەھىرىنىڭ ئەمىرلەر پۇتبول مەيدانىدا، بەيرىن مىيۇنخېن كوماندىسى گەيىت-موللېر بىلەن روتېرنىڭ كېيىنكى يېرىم مەيدانىدىكى ئىككى توپىغا تايىنىپ، 0:2 نەتىجە بىلەن ئېنگىلاند لېتىز بىرلەشمىسى كوماندىسىنى يېڭىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۆھپىكار توپ  كىرگۈزگەن توپچىلار بولماستىن بەلكى، بىر مەيدان قىززىق نوقتىغا ئايلانغان ئىككى شەخس _ئىپادىسى قالتىس بولغان بەيرىن كوماندىسىنى قاپقىچىسى زېپو-ۋار، يەنى بىرسى قوپاللىق بىلەن مۇسابىقە نەتىجىسىنى بەلگىلەپ قويغان رېپىر ئىدى.  مۇسابىقىدىن كېيىن لېتىز كوماندىنىڭ توپچىلىرى رېپىرغا ئېسىلىپ، نارازلىقىنى بىلدۈرۋاتقان پەيىتتە، ئۇلارنىڭ توپ مەستانىلىرى بۇ تىرشچان <<جەڭچىلىرى>>گە ھاياجانلىق ياشلىرىنى سوۋغا قىلىشقانىدى.
                              
21.jpg


    1076-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، شوتلاندىيە  گېلاسكودىكى ھامپېتون باغچىسى پۇتبول مەيدانى.  بەيرىن 3-قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى. رەقىبى ، فىرانسىيە سانت-ئېتىئىن كوماندىسى ئىدى. بەيرىننىڭ بىر يىل بۇرۇنقكى غەلبىسىنى ئادىللىق ئەمەس دېيىلسە، لېكىن بۇ مەيداندىكى غەلبە مۇكەممەل غەلبە ئىدى.  مۇسابىقە باشلىنىپ 2 مىنۇت بولغاندا گەيىت پوللېر بىر توپ كىرگۈزگەنىدى، لېكىن بۇ — ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى تارىخىكى ئەڭ تېز كىرگەن توپ، يان رېپىرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى ھېساپ قىلىنمىدى. قاتتىق تىركىشىشلەردىن كېيىن ئاخىرى، بېكىنپاۋېلنىڭ تاشلىغان ئىختىيارى توپىنى روتتېرنىڭ كىرگۈزۈشى بىلەن، بەيرىن مىيۇنخېن 3-قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قوىغا ئالدى.
                           
22.jpg


   1977-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، رىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى. بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ، كىشىگە ئەڭ ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە ئىدى. چۈنكى، ئەينى چاغدىكى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كوماندىسى بولغان لېۋىرپول بىلەن فېدىراتىپ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كوماندىسى مېنشىنگېلادباخ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.  رىمغا كېىشتىن بۇرۇن، تېرىنىر پېسلېي باشچىلىقىدىكى لېۋىرپول كوماندىسى يېڭىلا ئېنگىلاند ئويۇشما لوڭقىسىنىڭ غەلبىسىگە ئېرىشكەن.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ماك دېرموت، شېمىس ۋە نېل (نوقتا توپ) لارنىڭ توپ ئۇرۇشى بىلەن لېۋىرپول 1:3 نەتىجە بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خوشاللىقىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى. مىنشىنگېلادباختىن سېمونسىن بىر توپ ئۇردى.

                                                
23.jpg

   
1978-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، لوندۇن ئېمپولى توپ مەيدانىدا، ئالدىنقى پەسىللىك چىمپىيۇن لېۋىرپول كوماندىسى، بېلگىيىنىڭ بىروگگې كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ‹‹قىزىل قوشۇن›› لېۋىرپولنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شاللىۋەتكىنى دەل — ئالدىنقى پەسىل ھەل قىلغۇچتىكى رەقىبى مېنشىن گېلادباخ كوماندىسى ئىدى.  بىروگگې كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بولسا، 8 يىل بۇرۇن فېينورېد كوماندىسىنى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتۈرگەن قابىل تېرىنىر — خاپپىل ئىدى.
بۇ مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپ،  مۇسابىقىنىڭ 64-مىنۇتىدا، سونېسنىڭ پاس بېرىشى داگېلىشنىڭ تېپىپ كىرگۈزۈشى بىلەن بارلىققا كەلدى. لېۋىرپول  4 مىليۇن فۇنتسىتېرلىڭغا سېتىۋالغان، كىلىتلىقلار  كوماندىسىنىڭ كاپىتانى داگېلىش، بۇ مەيداندىكى قەھىرمانغا ئايلىنىپ، لېۋىرپولنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى كۆتۈرۈشنىڭ تۆھپىكارى بولۇپ قالدى.

                                         
24.jpg


1979-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، مىيۇنخېن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا، نوتېنھام ئورمان كوماندىسى  0:1 نەتىجە بىلەن  شىۋىتسىيىنىڭ مارمو كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولدى. توپ كىرگىزگىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئېنگىلاندتا ئەڭ يۇقىرى يۆتكۈلۈش ھەققى بىلەن يۆتكىلىپ كەلگەن توپچى — فىرانسېس ئىدى .
  بۇ يەردە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغىنى، بىران-كىلوف باشچىلىقىدىكى نوتېنھام كوماندىسى 1977-يىلى، ئەينى چاغدىكى ئېنگىلانددىكى ئەڭ ئالى بىرلەشمە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئۆرلەپ چىققان، ھەم تۇنجى پەسىلدىلا بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن (1978-يىلى)، بۇ قېتىم، يەنى ئىككىنچى يىلى ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى. دەرىجە ئۆرلەپ چىققان 2 يىل 23 كۈندە، ئىككى چوڭ لوڭقىنىڭ ساھېبى بولدى.

                             
25.jpg


  1980-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مادىرىد بېرنابو پۇتبول مەيدانىدا، ئالدىنقى پەسىللىك چىمپىيۇن — نودېنھام كوماندىسى، ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن، كېۋېن-كېگان توپ تېپىۋاتقان، گېرمانىيەنىڭ ھامبىروگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  ئەمدىلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويالىغان ‹‹شور پىشانە›› ھامبىروگ كوماندىسى،  يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئىككى ئۇچۇرشىشتا مادىرىدنى 7:1 نەتىجە بىلەن يەڭگەن، ئالدىنقى پەسىكلنىڭ چىمپىيونى، كۈچلۈك نودېنھام كوماندىسىغا ئۇچىراپ قالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ 13-مىنۇتىدا روبوسۇننىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن نودېنھام يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى.  ھەمدە تارىختىن بۇيانقى بىردىنبىر، پەقەت بىر بىرلەشمە لوڭقىسى، ئىككى ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن كوماندا بولۇپ قالدى.
                                         
26.jpg


1981-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، پارىژ ئەمىرلەر پۇتبول مەيدانىدا، 8 يىل ئىچىدە 5 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن قىزىل قوشۇن— لېۋىرپول كوماندىسى،  ‹‹ئەسەببى تۆمۈر باش›› ئالەن-كننىدىنىڭ بىر توپىغا تايىنىپ، رېئال مادىرىدنى مەغلۇپ قىلىپ، يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
                                       
27.jpg


   1982-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، روتېردام فىينورېد پۇتبول مەيدانى. كۈچلۈك بەيرىن كوماندىسى، ئانچە نامى چىقمىغان ئاستون ۋېلا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئاستون ۋېلانىڭ جەنۇبى ئافىرىقىلىق توپچىسى ۋېيسىننىڭ 67 مىنۇت بولغاندا بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن غەلبە قىلىپ، ئېنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ ئۇددا 6-قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشتەك تارىخ ياراتتى.  بەيرىن مەغلۇپ بولدى، ئۇلارنى ئۆزنىڭ زاپاس قاپقىچىسىغا ئۇتتۇرۋەتتى دېيىش ئارتۇق ئەمەس. چۈنكى، ئاساسلىق قاپقىچى مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنۇت بولغاندا يارلىنىپ چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىدىكى بىر توپ، ئالمىشىپ چىققان زاپاس قاپقىچىنىڭ سەۋەنلىكىدىن بولغانىدى.
                    
28.jpg


1983-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاتخېنىس ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانى.  ئۇدا 6 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قەدەم قويغان ئېنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ قەدىمى تۆت كۈچلۈك شاللاش مۇسابىقىدە توختاپ قالدى. بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگىنى، گېرمانىيە ھامبىروگ كوماندىسى بىلەن ئىتالىيە يۇۋېنتىس كوماندىسى ئىدى. بۇ ۋاقىتتا، كېۋىن-كېگان ئاللىقاچان كوماندىدىن ئايرىلغان، داڭلىق تېرىنىر خاپپېل ھامبىروگنى يېتەكلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى بىردىنبىر كوزۇر توپچىسى ماگات ئىدى. ئەكسىچە، يۇۋېنتىستا چولپانلار ئاز ئەمەس بولۇپ، پىلاتىنى، روسسې، تاردېلى ۋە زوئۇف قاتارلىقلار بار ئىدى.  مۇسابىقىنىڭ 9-مىنۇتىدا ماگاتنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن، ھامبىروگ، كۈچلۈك يۇۋېنتىسنى 0 قارشى 1 نەتىجە بىلەن يەڭدى.  1:0 نەتىجە ئۇدا ئالتە قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۆرۈلدى.
                              
29.jpg


1984-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى، رىم ئولىپمىك تەنتەربىيە مەيدانى. ساھېبخان رىمنىڭ تۇنجى قېتىملىق ھەل قىلغۇچقا كىرىشى، لېكىن لېۋرپۇل ھەل قىلغۇچنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالغانىدى، ئۇلار 7 يىل بۇرۇن مېنشىنگىلادباخنى يېڭىپ لوڭقا كۆتۈرگەن.
ئەينى ۋادقىتتا رىمدا بىرازىلىيىلىك چولپان فالكاۋ، يەرلىك توپچىلاردىن بېرونو-كونتى ۋە پىروزۇلار بار ئىدى. مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا، رىم قاپقىچىسى تانكېرىدىنىڭ قولىدىن قايىتقان توپنى نېل( بۇ توپچى، ئۇدا تۆت قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچقا قاتناشقان بىردىنبىر توپچى) تولۇقلاپ كىرگۈزۈپ، لېۋىرپول ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. ئالدىنقى مەيدان ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، پىروزۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.  ئاخىردا، ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ، ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى تۇنجى نوقتا توپ جېڭى بارلىققا كەلدى. بۇ جەڭدە، لېۋىرپۇل تۇنجى نوقتا توپتا غەلبە قىلغان كوماندىغا ئايلاندى. ئۇلار ئاخىرغىچە كۈلەلىگەنىدى.

                                         
30.jpg



  ۋاقىت مۇناسۋېتى بىلەن داۋامى كېيىنكى ساندا يوللىنىدۇ............

  2015-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ( سەيشەنبە)


  
  
               

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +255 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
ئۇستاز + 100 قالتىس!
پەخرىي + 50 قالتىس!
ankar + 5 قالتىس!
ئۇزغۇن. + 50 + 10 قالتىس!
كۆسەنى + 50 نادىر تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-6-9 14:53:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تېما.،،.،.،...،.،.ئاخىرنى تىزەرەك يوللاسىز جاغىستايكا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 14:54:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ-بىلمەيلا دىۋاندا ئولتۇرىۋاپتىمەنياھىھىھىھىھىھىھىھىھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 14:59:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 15:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
AMUR يوللىغان ۋاقتى  2015-6-9 14:59
مادىردتنىڭ كەينى—كەينىدىن ئۇلاپ4 قىتىم چىمپىيۇن بولغى ...

كەينى كەينىدىن 5قېتىم دىسىڭز توغرا بۇلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 15:10:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىد ئاتلىتكا 2قېتىم ھەل قىلغۇچتا مەغلۇپ بۇلۇپتىكەن. نىمدىگەن تەلەيسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 15:16:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 15:59:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دې سىتىفانو ھەقىقەتەن يامان ئىدەمتى ئۇدا بەش نۆۋەتلىك ھەل قىلغۇچتا توپ ئۇرغان .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 16:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا كۇلۇبى خىلى ۋاقىتلارغىچە ئۇزغۇنلۇق ئالالمىغان تارىخى باركىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 17:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىنداق يوقاپ كەتىكىن دېسەم ئەسلى ئۇزاق يولغا كېرۋاپسەندە ،،
نادىر تىما ،،قولۇڭغا دەت بەرمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 17:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى تېزراق چىقسا بۇلاتتى .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-9 17:15:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزغۇنلۇقتىكى تۇنجى نوقتا توپ ئۇرۇش جېڭى1984-يىلى بارلىققاكەپتۇ.....ئۇنىڭدىن بۇرۇن نوقتا توپقا قەتتى سۇزۇئۇپ باقمىغان بولغىيمىتى؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-22 02:37

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش