ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 735 |
تۆھپىسى: سەر |
|
قەشقەردە پۇتبۇل كوماندىسى بولۇپ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاسان ئەمەس، رىقابەت ئاجايىپ كەسكىن.
مەيلى قايسى كوماندا بولسۇن، بوش ئەمەس. شۇڭا تەجىرىبە-ساۋاقلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يەكۈنلەپ ماڭمىساق بولمايدۇ.
خانجاي پۇتبۇل كوماندىسى، قەشقەردىكى ئىشدىن سىرتقى كوماندىلار ئىچىدىكى بىر پۇتبۇل كوماندىسى، ھەرگىزمۇ بىردىنبىرسى ئەمەس. شۇڭا خانجاي، يىڭىلمەس كوماندا ئەمەس.
بۇ يىل بىشىدىن باشلاپ، مۇنبەرگە ئوينىغان مۇسابىقىلىرىمىزنى يوللاشنى، كوماندىكىلەر ئورتاق كىڭىشىپ، مەسلىھەتلىشىپ بىكىتىشكەن. مەخسىتىمىز بولسا، قەشقەردىكى پۇتبۇل بىخلىرىنى، ھەۋەسكارلىرىنى، ئىشتىياقكارلىرىغا ئازتولا مەدەت بولۇشدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بىراق، تۈنۈگۈن يوللىغان مۇسابىقە ئۇقتۇرۇش تىمىسىدا، بىريەرنىڭ ھاۋاسىدا نەپەس ئىلىۋاتقان، ھەتتا تۇز-تاماق يىيىشكەن دوستلىرىمىزنى خاۋاتىرلەندۈرۈپ قويۇپتىمىز، شۇڭا كەچۈرۈم سورايمىز.
سىلەرنىڭ خوشلۇقڭلار بىزنىڭ خوشلىقىمىزغا ئوخشاش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنڭدىن كىيىن مۇسابىقېلەرنى يوللىماسلىقنى، بەك زۆرۈر بولسا يىڭلىپ قالغان مۇسابىقىلىرىمىزنىلا يوللاشنى توغرا تاپتۇق. |
|