بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TORAM7 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-4 13:28
ئىتتىپاق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۆھتۈرەملەر ، كەمىنە تۆرەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !!!
تېما ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا يۈگرەپ كىرىدىغىنىڭلارغا ئىشەندىم 
لېكىن بۇ ئىتتىپاق لوڭقىسى ياۋروپادىكى ئىتتىپاق لوڭقىسى بولماستىن بەلكى خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى فېلولوگىيە ئېنىستىتۇتى ئىچىدە ئېلىپ بىرىلغان فېلولوگىيە ئېنىستىتۇتى رەھبەرلىرى قوللاپ - قۇۋەتلەپ يول ئېچىشى، ئېنىستىتۇتىمىز رەئىسى ۋە ئېنىستىتۇت تەنتەربىيە بۆلۈم باشلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ھەمدە فېلولوگىيە ئېنىستىتۇتى پۇتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى پېقىرنىڭ رىياساتچىلىكى بىلەن ئېلىپ بىرىلغان فېلولوگىيە ئېنىستىتۇتى تۇنجى قېتىملىق << مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لوڭقىسى>> نى تالىشىش سىنىپلار ئارا بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى .
مۇسابىقىگە جەمئىي 12 كوماندا قاتناشقان بولۇپ ، ئۇيغۇر سىنىپتىن 11 سىنىپ خەنزۇلار بىرلەشمە كوماندىسىدىن بىر سىنىپ قاتناشتى ھەمدە 4 گورۇپقا بۆلۈنۈپ ئوينالدى ، ئا گوروپنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە چىكى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپى 2014-يىللىق 8-سىنىپ كوماندىسى بىلەن خەنزۇلار بىرلەشمە كوماندىسىغا چىقىپ 2014-يىللىق 8-سىنىپ كوماندىسىغا گوروپ ئىچىدە نومۇر ئىلىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىلىپ بىرىلدى .
مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا 2014-يىللىق 8-سىنىپ كوماندىسىنىڭ ماھىرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ مەيداننى كونترول قىلىپ ئاخىرىدا 7-0 نەتىجە بىلەن خەنزۇلار بىرلەشمە كوماندىسىنى قىرغىن قىلدى . ئاگوروپ
ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى 2014-يىللىق 8-سىنىپ كوماندىسى
خەنزۇلار بىرلەشمە كوماندىسى
ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى 2014-يىللىق 8-سىنىپ كوماندىسى 7-0 خەنزۇلار بىرلەشمە كوماندىسى ب گوروپ
ب گوروپنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسى خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى بىلەن ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 9-سىنىپ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بىرىلىپ نەتىجىدە خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى 4-0 نەتىجە بىلەن ئۇيغۇر - تىل ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 9-سىنىپ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى جەڭدىكى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .
خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى
ئۇيغۇر - تىل ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 9-سىنىپ كوماندىسى خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 1-سىنىپ كوماندىسى 4-0 ئۇيغۇر - تىل ئەدەبىياتى 2013-يىللىق 9-سىنىپ كوماندىسى س گوروپنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسى خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 2-سىنىپ بىلەن خەنزۇتىلى 2013-يىللىق 2-سىنىپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ئېلىپ بىرىلدى ھەمدە 7-0 نەتىجە بىلەن خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 2-سىنىپ كوماندىسى 2013-يىللىق 2-سىنىپ كومادىسىنى قىرغىن قىلدى .
خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 2-سىنىپ كوماندىسى خەنزۇتىلى 2013-يىللىق 2-سىنىپ كوماندىسى خەنزۇتىلى 2014-يىللىق 2-سىنىپ كوماندىسى7-0خەنزۇتىلى 2013-يىللىق 2-سىنىپ كوماندىسى كەمىنە تۆرەم مۇسابىقىدە رېپىرلىق خىزمىتىدە ============================================== بۇ مۇسابىقىلەر تۈنۈگۈن ئوينالغان ئىدى ، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتىدا يوللىيالمىدىم بۈگۈن يەنە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزىلىدۇ ، مۇسابىقە نەتىجىسىگە قىزىقساڭلار دېققىتىڭلار مۇنبرىمىزدە بولسۇن !!!
|