ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 45 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-6-4 03:43
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! پۇتبول مۇنبىردىكى بارلىق پۇتبول سۈيەر قېرىنداشلار! كەمىنە نۇرمەممەت تۇراخۇندىن ھەممىڭلارغا يۈركۈمدىن سالام يوللايمەن. بۈگۈن سىلەرگە بىر بالىنى تۇنۇشتۇرماقچىمەن، ئۇ بولسىمۇ داخىيەنزى بازىرنىڭ پۇتبول تەرەققىياتىنى تۇنجى بۇلۇپ يۇقىرى كۆتەرگەن ھەم گۈللەندۈرگەن. تۇنجى بۇلۇپ داخىيەنزى كوماندىسىنى قۇرۇپ چىققان سەھەر كوماندىسنىڭ قۇرغۇچىسى:تاھىر يارمەممەتنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چۈشەندۇرمەكچىمەن.
تاھىر ئۆزى ئەمدىلا 22گە كىرگەن ياش بالا.لىكىن ئۇنىڭ قىلغانلىرنى ھازىرغىچە بىرە چوڭ ياكى باي قىلىپ باققىنى يوق!بۇنىڭدىن 4يىل ئىلگىرى،يەنى2011يىلى 5-ئاي مەزگىللىرى. 18ياشلىق بۇ بالا ئەمدىلا يۇرتىمىزغا قايتىپ كىلىپ داخىيەنزى ئىككىنجى ئوتتۇر مەكتەپكە ئاشپەزلىككە چاقىرتىلىپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەكتەپ باللىرنىڭ پۇتبولنى زادىلا ئوينىماسلىق، ھەم يۇرتىمىزدا پۇتبول ئىشتىياقىنىڭ يوقلىقى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ئۆزى باش بۇلۇپ بىر كوماندا قۇرۇش نىيتىگە كەلدى.ئۇندىن بۇرۇن بۇ يەردە يىلدا مۇسابىقە بولسىلا باللار ئۇيەر بۇيەردىن يىغىلىپلار بىرىپ ئويناپ كىلەتتى.نەتىجىسىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى.مانا مۇشۇنداق ھالەتكە قاراپ تۇرغۇسى كەلمىگەن بۇ ياش قەتتى نىيەتكە كەلگەن ئىدى. شۇنىڭ باشتا ئاغىنلىرىگە خىزمەت ئىشلىدى دوسلىرنىڭمۇ ئۇنىغانلىرى ئۇناپ ئۇنىمغانلىرى ئىشىنى قىلىۋەردى. ئاندىن مەكتەپ باللىرغا نەزەر تاشلاپ نەچچە ئاي كۈزتۈش ئارقىلىق 8دىن كۆپ بالىنى يىغدى. دوسلىرى بۇلاپ13ئەزا يىغىلدى.شۇنداق قىلىپ 2011-7-7كۈنى بۇ كوماندا قۇرۇلۇپ مەشىقنى باشلىدى. 2012-7-7كۈنى مىنىڭ ھەمكارلىشىم بىلەن سەھەر دىگەن نام قۇيۇلدى. مەيدان زادىلا يوق شارائىتتا بۇ باللا يېڭى سىلىنغان بىنا نىڭ ئالدىدا بىريىلدىن كۆپ مەشىق قىلدى(بەش كىشلىك مەيدان چوڭلىقىدىكى يەر) شۇنىڭ بىلەن چوڭراق يەردە مەشىق ئىلىپ بىرىش ئۈچۈن 15مو قۇرۇق يەرنى تىپىپ شادىللىرنى قولدا يۇلۇپ تاشلىرنى تېرىپ نەچچە كۈندە باللار بۇ يەرنى راۋۇرۇس ئۆلچەملىك قىلىپ چىقتى. قاتتىق ياققان يامغۇر بولسۇن بۇشاپ قالماي مەشىقنى توختاتمىدى…
شۇ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن يۇرتىمىزدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك قىشلىق پۇتبول مۇسابىقىسىدە چوڭلاردىن تەركىپ تاپقان ياخشى ئوينايدىغان باللار يىغىلغان先锋队كوماندىسىغا قارتا ياخشى بولغان تاھتىكا ئورۇنلاشتۇرۇپ مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيونلىقنى قولغا كەلتۈردى.بۇ تاھىرنىڭ تۇنجى ئەمگەك مىۋىسى ئىدى. ئۆزى تەنتەربىيەنى سۆيگەشكە مەخسۇس پۇتبول دەرىسلىكلىرىنى كۆپ ئۇقىدى.مۇسابىقىنى تاھتىكا بىلەن ئويناشنى باللارغا سۆزلەپ ھارمايتى.شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن يۇرتىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان كۆز قارشى ئويغاندى ھەممە خەلىق پۇتبولغا ئىشتىياق باغلاپ مۇسابىقىلەرنى كىلىپ كۆرۈپ كىتەتتى. كىچىك كىچىك باللارمۇ مەھەللىلەردە توپ تىپىپ ئوينايدۇ. شۇنداق يۇرتىمىزدا پۇتبول ئەۋجى ئالدى.بۇنى ھەرگىزمۇ تاھىرنىڭ تۆھپىسىدىن ئەجرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. پۇتبولنى چۈشەنمەيدىغان بىر بازار دىكى خەلىق ياشلار نى پۇتبولغا قىزىقتۇردى. ھازىر بۇ يەرنىڭ نەرىگە قارىساق كۇچا كۇچىلاردا باللا توپ تىپپىۋاتقاننى كۆرمىز ھەتتا 50دىن ئاشقان چوڭلىرمىزمۇ پۇتبول تىپىۋاتىدۇ. باللانى ئىقدىسات بىلەن قوللىدى.ھەممە باللامۇ تەڭ ھەمكارلاشتى. سەھەر كوماندىسىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولدى. ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.تاھىرنىڭ ئىزچىل بەل قۇيۋەتمەي تېرشىشى ئارقىلىق بۇ كوماندا بۈگۈنكى قەدەر ياخشى ھالىتىدە تۇرماقتا!
مىنىڭ بۇلارنى يىزشىمدىكى مەقسىتىم، يىقىندا تاھىر بۇ كوماندىدىن ئۆزىنىڭ قان تۇمۇرغا ئايلانغان ئانا كوماندىسىدىن ئايرىلدى.سەۋەبى بولسا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپ چارچاش،كىچىسى كۆپرەك ئىشلىگەچكە ھەم سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ قارارنى چىقاردى. ئارام ئىلىش قارارىنى چىقاردى.
كۆزلىرگە لىق ياش ئىلىپ كوماندىدىن چىكىنىپ چىقتى. ئاخىردا تاھىرغا سالامەتلەك ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن. سەن بولغاچ سەھەر قۇرۇلدى يۇرتىمىزدا پۇتبول چىچەك ئاشتى.رەھمەت قىلغان ئەجىرلىرىڭگە! قىلغانلىرىڭنى شەخسەن مەن ھەرگىز ئۇنۇتمايمەن. يۇرتىمىزنىڭ پۇتبول تەرەققىياتىنىڭ سەۋەپچىسى سەن! تۆھپىكارى سەن! باللارنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ بۇگۈنىگە ئەكەلگەن سەن! ئۇلارنىڭ ئۇستازى سەن!
2015-6-3كەچ سائەت بىر…(نۇرمەممەت تۇراخۇن) داخىيەنزى بازارلىق سەھەر پۇتبول كوماندىسى… |
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|