elan ornielan orni
كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 12

گېرمانىيەدىكى كۇلۇبلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-15 13:32  

       GER0003.png
                  
     گېرمانىيە A دەرىجە بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1963-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ،  دۇنيا بويىچە  ئوتتۇرىچە بېلەت سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان   شۇنداقلا ناھايىتى قىزىيدىغان، ھۆكۈم قىلىش تەس، كومېدىيەلىك تۈسى قويۇق بولغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدۇر. جەمئىي 18 كوماندا قاتنىشىدۇ.   ئالدىنقى 3 كوماندا بىۋاستە ئۇزغۇنلۇق بېلىتىگە ئېرىشىدۇ. 4-بولغان كوماندا سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئېرىشىدۇ. ئاخىرىدىكى ئىككى كوماندا بىۋاستە B دەرىجىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. 16-بولغان كوماندا B دەرىجىدىكى 3- بولغان كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىش ئارقىلىق دەرىجە چۈشۈش چىقىش بېكىتىلىدۇ.
  گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كۇلۇب بولسا بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبى بولۇپ، تارىختا جەمئىي 25قېتىم بىرلەشمە چىمپىئونى، 17قېتىم گېرمانىيە لوڭقىسى چىمپىئونى، 5قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چىمپىئونى، 5قېتىم گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىئونى، 6قېتىم گېرمانىيە بىرلەشمە لوڭقىسى (2007-يىلىدىن كىيىن ئۆتكۈزۈلمىگەن) چىمپىئونلىقنى قولغا كەلتۈرگەن.  

   ger0004.jpg

  بىلىۋىلىڭ!
  گېرمانىيە بىرلەشمىسى 1963-يىلى باشلانغاندىن بىرى ھامبۇرۇگ كوماندىسى دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان بىردىنبىر كوماندا ھېسابلىنىدۇ.  بايرىن مىيۇنخىن (1965-يىلى دەرىجە ئۆرلىگەن)، سىتۇگارت 1975-يىلى پەقەت بىر نۆۋەت دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن. لىۋىركۇسىن 1979-يىلى دەرىجە ئۆرلىگەن. بۆرە قەلئەسى ۋولفىسبۇرۇگ 1998-يىلى دەرىجە ئۆرلىگەن.  مىنسىنگىلادباغ ئىككى قېتىم دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن.( 1999-يىلى بىر نۆۋەت چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى يىلدىن بىرلەشمىگە قايتىپ كەلگەن. 2007-يىلى ئىككىنچى قېتىم دەرىجە چۈشۈپ كېتىپ، بىر پەسىلدىن كېيىن B بىرلەشمە چىمپىئونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن.)

بىرلەشمە يۇلتۇز بېرىش قائىدىسى
گېرمانىيە بىرلەشمە قائىدىسدە چىمپئون بولغان سانى  3قېتىمغا يەتسە كۇلۇب گىربىگە 1 يۇلتۇز بېرىلىدۇ.  5قېتىمغا يەتسە 2 يۇلتۇز، 10 قېتىمغا يەتسە 3يۇلتۇز، 20قېتىمغا يەتسە 4 يۇلتۇز بېرىلىدۇ.

        2015 - 2016 پەسىللىك گېرمانىيە بىرلەشمىسى كۇلۇبلار تىزىملىكى

          ss.png

          GER0002.png
ئىزاھات: بايرىن مىيۇنخىن چىمپىئون ۋاقتى 1968-69,1971-72,1972-73,1973-74,1979-80,1980-81,1984-85,1985-86,1986-87,1988-89,1989-90,1993-94,1996-97,1998-99,1999-00,2000-01,2002-03,2004-05,2005-06,2007-08,2009-10,2012-13,2013-14,2014-15

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-6-2 15:06:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
98يىلدىكمۇ كەيزى سېلوتىڭ رىۋايىتى دەپ بىر رىۋايەت باركەنغۇ دەرىجە ئۆرلەپلا چېمپىيون بولغان بىرسىڭلار تەپسىلىي چۈشەندۇرۇپ قويۇڭلار؟؟؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 15:26:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز  بولسا ئىسپان بىرلەشمىسىنىڭكىنىمۇ يېزۋېتەرسىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 16:09:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھامبىروگ كۇلۇبىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . ئۆتكەن يىلىمۇ دەل مۇشۇنداق بولۇپ يەنە دەرىجىسىنى ساقلاپ قالغانتى ، بۇ يىلمۇ چوقۇم دەرىجە چۈشۈپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلىغانتىم ، ب دەرىجىدىكى شۇنچە كۈچلۈك كارىس كۇلۇبىنى يەنە بوي سۇندۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغان بولدى ، بۇ پەسىلدە نەتىجىسىنىڭ تىخىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۆمىد قىلىمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 16:17:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھامبۇرۇگ ئاخىرى دەرىجە ساقلاپ قالدىدە ئەمدى كىلەركى پەسىلدىن باشلاپ كۇلۇبقا قان تولۇقلىمىسا كىلەركى يىلى بەلكىم چۈشۈپ كىتىش خەۋىپى بار...........................!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 16:43:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئاچچىغىمنى تولا كەلتۈرىدۇ... بىر قېتىم ئاكام بىلەن گېرمان بىرلەشمىسى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ بايرېن 2 دە 0 ئالدىدا ئىدى. 87 مىنۇت بولغاندا باشقا قانالغا يۆتكەپ بېقىپ 2 مىنۇتتىن كېيىن ئاچساق 2 دە 2 تۇرىدۇ... بۇنداق مۇسابىقە گېرمان بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپمىكىن دەيمەن....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 16:58:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرىننىڭ بۇ نەتىجىلىرى  ئۇنىڭ بىر زەردەر كۇلۇب ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ , ھىساپتا 52يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ  يېرىمىنى دىگۈدەك بايرىن ئەپتۇ 。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 17:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-2 16:43
گېرمانىيە بىرلەشمىسى ئاچچىغىمنى تولا كەلتۈرىدۇ... بىر  ...

باش  سۈرەت  يارىشىپتۇ …………
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 17:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-6-2 17:02
باش  سۈرەت  يارىشىپتۇ …………

ھەئە... مەن ئۆزۈممۇ مىس مىسراق ، قولۇمدىن جىق ئىش كەلـمەيدۇ، سەل مۇتەئەسسىپ، داۋاملىق ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلىمەن، كاللاممۇ تازا نورمال ئەمەس، لېكىنزە بەك تەلىيىم بار. شۇڭا ماڭا ئوخشايدىغان بايقۇشنى باش رەسىم قىلىۋالدىم...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 17:44:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-2 17:24
ھەئە... مەن ئۆزۈممۇ مىس مىسراق ، قولۇمدىن جىق ئىش كەلـم ...

ساتېراغا  يامانكەنلا .…………

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 18:06:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2015-6-2 17:44
ساتېراغا  يامانكەنلا .…………

بۇ تېخى باشلىنىش، ساتېراغا يامانلىقمنى بارا بارا بىلىپ قالىسەن، ھەمراھ ئۇكا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-6-2 18:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-2 18:06
بۇ تېخى باشلىنىش، ساتېراغا يامانلىقمنى بارا بارا بىل ...

ساتىرارىڭىزنى ھەرزامان ئوقۇشقا  تايياربىز  .……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 14:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش