‹‹ئۇچقۇن ››پۇتبول كوماندىسى توغرىسىدا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇ، پۇتبول مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلا ،شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققى قىلىغىشىغا ئەگىشىپ ياشلىرىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشمۇ كۆرنەرلىك ئۆسۈشكە باشلىدى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇرۇت يۇرتلادا پۇتبول كوماندىللىرى كۆپلەپ قۇرۇلۇپ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىدا كۆرنەرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزمۇ يۇرتتىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بىر كوماندا قۇرۋالدۇق. تۆۋەندە كوماندىمىز توغرىسىدا ئازراق توختالماقچى .ئۇ بولسىمۇ بورتالا شەھەرلىك ‹‹ئۇچقۇن››پۇتبول كوماندىسى.
ئۇچقۇن پۇتبول كوماندىسى ،بورتالادا ئۆتكۈزۈلگەن 2013—يىللق ئايلانما مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتتىكىلەرنىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن دەسلەپكى 13ئەزا توپى بىلەن قۇرىلغان ئىدۇق.قۇرۇلۇپ شۇ يىلقى تۇنجى مۇسابىقىدا 16كوماندا ئىچىدا 4-دەرجىگە ئېرىشىتۇق،شۇنىدىن بېرى تۇرۇشلۇق يەردىكى كوماندىلا بىلەن دوستلۇق مۇسابىقە ئويناش ئارقىلىق تېخنىكا ۋە ئەخلاق ئۆگەندۇق ،2014-يىلى بورتالا شەھەرلىك پۇتبولچىلا جەميىتى تەرپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 12كوماندىنىڭ قاتنىشىىدىن تۈزۈلگەن بۇ گۇرپا مۇسابىقىسىدەھەل قىلغۇچتا تەڭلىشىپ نوقتا توپ جېڭىدە 4-5نەتجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بورتالا شەھەر بويىچە 2-دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرشتۇق،بۇ جەرياندا يېزىلىق ھۆكىمەت ۋە يۇرتتىكى شەخىس لەنىڭ ھەر خىل ماددى ياردىمىگە ئېرىشتۇق ،2015-يىلغا كەلگەندە قىشتا ئۆتكۈزۈلگەن ئەسەبى ئىدىيىگە قارشى تۇرۇش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونى بولدۇق.شۇنڭ بىلەن بىرگە شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى نەۋرۇز كۈنى شەھەرلىك پۇتبولچىلا جەمىيىتى تەرپىدىن رەسمى ئەنگە ئىلىنىپ ،22 ئەزا بىلەن رەسمىي قانۇنلۇق بولۇپ قۇرۇلدۇق،ھازىر بولسا شەھەرلىك پۇتبولچىلا جەمىيىتى تەرپىدىن بورتالا بىرلەشمىسى ئايلانما مۇسابىقىسىنى ئويناۋاتىمىز ،بۇ مۇسابىقىغا بورتالا شەھەر ۋە يېزىلاردىن بولۇپ 12 كوماندا قاتناشتى ،ھازىر 8 ئايلانمىنى غەلبىلىك ئويناپ 12 كوماندا ئىچىدە 3-ئورۇننى ساقلاپ كىلىۋاتمىز ،كىيىنكى 4ئايلانمىىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئويناشقا تىرىشمىز،كىيىنكى پىلان بولسا مۇشۇ يىل 9-ئايدا ئۆسمۈلە ئۇچقۇن پۇتبول كوماندىسىنى قۇرۇپ كىيىنكى ئەۋلاتلدغىمۇ بىر يول ئىچىش ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقچى....
تۆۋەندە كوماندىمىزدىن بىر قانچە پارچە رەسىملەر
|