ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 4898 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىشقىلىپ مېنىڭ مەستانە كوماندامغا بولغان قىزغىنلىقىم سۇسلاپ قالمىدى، تالاي قېتىملاپ مول-ھوسۇلسىز يىللارنى ئۆتكۈزدۈم، ھەتتا يەتتە بۆرە زامانىدىمۇ قان رەقىبى تەرىپىدىن يىقىتىلغانغىمۇ شاھىت بولدۇم. ئۆتكەن يىلى ئۇزۇن يىللىق ھاردۇق چىققاندەك، ئۇزۇن يىللىق ئارمانلار ئەمەلگە ئاشقاندەك كۆتۈرەڭگۈ ھالەتكە كىردىم. بۇ يىل ئىككى قولىمىز قۇپقۇرۇق قالدۇق، بەلكىم يەنە بىر مەھەل يوقسۇلچىلىققا دۇچار بولۇشىمىز مۇمكىن، ئەمما ھەقىقي سادىق مەستانىلەر ئۈچۈن بۇ ھېچقانچىلىك ئىش ئەمەس، بىز ئۈمىدسىزلەنمەيمىز. پۇتبولچىلىق دېگەنگە جىسمانىي جەھەتتىن چىداملىق بولۇش تەلەپ قىلىنسا، مەستانىچىلىققا روھىي جەھەتتىن چىدامچانلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ دېگەن پۇتبول، رەھىمسىز ئىس-تۈتەكسىز جەڭ. ئەڭ كۈچلۈك قوشۇننىڭ ئۇزۇن يىللىق مەستانىسىنىڭمۇ مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تولا تېتىپ ئاللىقاچان يۈرىكى لەختە-لەختە قان بىلەن تولغان، مېنىڭمۇ شۇ، ئەمما يەنىلا بىر ئېغىز گەپ، مەن يەنىلا خان جەمەتى مادىرىد بىلەن بىللە. |
|