elan ornielan orni
كۆرۈش: 991|ئىنكاس: 42

پۇتبول مەستانىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azgun110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 17:30  

پۇتبول مەستانىسى

    توپ مەستانىسى بولسا، توپ تۈرىدىكى ھەرىكەتلەرنى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.  مەستانە دېگەنلىك مەلۇم نەرسە ياكى ئىش- ھەرىكەتكە مەپتۇن بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى، توپ مەستانىسى دېگەنلىك ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما بىۋاستە توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغان تاماشىبىنلارنى كۆرسىتىدۇ.
1400661821839.jpg
    پۇتبول مەستانىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى
    پۇتبول مەستانىلىرى ئەنگىليە ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا تەدىرىجىي شەكىللىنىپ، كۈنسېرى زورايغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەنگىليە ھازىرقى زاماندىكى پۇتبول مەستانىچىلىقىنىڭ پەيدا بولغان ماكانى ھەمدە ھازىرقى زامان پۇتبولىنىڭ تەرەققىيات بۆشۈكىدۇر.
ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن ئەنگىلىيەدە ئەڭ دەسلەپتە پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە تىلغا ئالغۇدەك ھېچقانداق قائىدە بولمىغاچقا، پۇتبولنى قول بىلەن تۇتۇپ، پۇت بىلەن تېپىپ دېگەندەك، لاي- پاتقاق، قۇم- بورانلاردىمۇ ئويناش ئومۇملىشىشقا باشلىغان ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۇتبول ئوينىشى پەقەت ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى چۆرىدەپ كۆرىدىغان تاماشىبىنلار ئەنگىليەدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي تىپتىكى پۇتبول مەستانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
    غەرب دۆلەتلىرىدە پۇتبول مەستانىلىرى ئۇقۇمى
     غەرپ دۆلەتلىرىدە تۆۋەندىكى تۆت سۆز ئارقىلىق پۇتبول مەستانىلىرىنى تۈرگە ئايرىيدۇ.
1.         Fans : بىز دائىم دەيدىغان توپقا ئامراق كىشىلەر ۋە تاماشىبىنلار.
2.         supporters : كوماندىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ، كوماندىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخىشى- يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دائىم نەقمەيدانغا بېرىپ، ئۆز كوماندىسىغا مەدەت بېرىدىغانلاردۇر.
3.         ultras : جەمئىيەتنىڭ تۆۋەنرەك قاتلىمىدىن چىققان ياشلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىيەتكە بولغان نارازىلىقىنى، تۇرمۇشقا بولغان بىزارلىقلىرىنى توپ مەيدانىدىغا سۆرەپ كىرىپ، قانغۇچە جار سېلىپ، ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان كىشىلەردۇر.
4.          hoolgans : توپ مەستانىسىنىڭ تېرىسىگە ئورۇنىۋېلىپ، دائىم مەيداندا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، زوراۋانلىق قىلىدىغان كىشىلەردۇر.
    پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ تۈرلىرى
    پۇتبول لۈكچىكى: مەلۇم كوماندىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتى بويىچە جار سالىدىغان، ئەمما پۇتبولنىڭ ئۆزى بىلەن ئانچە كۆپ مۇناسىۋىتى بولمايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    ساختا مەستانە: شامالغا ئەگىشىپ، ئۆزىنى مەلۇم بىر كۇلۇب ياكى مەلۇم توپچىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئادەتتە مۇسابىقە كۆرمەيدىغان، توپمۇ ئوينىمايدىغان، مەيدان ئىچى- سىرتىدا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقىنى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەتتا كوماندىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا ماختاپ، ئىپادىسى ناچار بولسا ئەسەبىيلەرچە تىللايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
99IR14KS4FFC0005.jpg
    تۆۋەن دەرىجىلىك مەستانە: پەقەت قايسى كوماندىنىڭ يەڭگەنلىكىنى ياكى ئېنىق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنىلا پەرق ئېتەلەيدىغان، مەيدان ئىچى- سىرتىدىكى ئىشلارغا ئەمدىلەتىن دىققەت قىلىشقا باشلىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    ئادەتتىكى مەستانە: بىر قىسىم تېخنىكىلىق قائىدە- تەرتىپلەرنى چۈشىنىدىغان، چولپانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان، ئەمما توپچىلارنىڭ تېخنىكىسىدىن ھوزۇرلىنىشىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان، مەيدان ئىچى- سىرتىدىكى ئىشلارنى بىلىشكە قىزىقىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    ھەقىقىي مەستانە: ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نەقمەيداندىن مۇسابىقە كۆرىدىغان، نەقمەيدانغا بارالمىغان تەقدىردە كېچىلەپ تېلىۋىزور ئالدىدىن كەتمەيدىغان، مەيدان ئىچى- سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن تەسىرات ئالالايدىغان، پۇتبولنى، كوماندىنى ھەقىقىي قوللايدىغان، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا دائىم پۇتبول تېپىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
fea6d2a256ade28acbefd0f6.jpg
    دەرىجىدىن تاشقىرى مەستانە: ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيىسى، توپچىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قاتارلىقلارنى پىششىق ئىگەللىگەن، كوماندىنىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى چۈشىنىدىغان، مەيدان سىرتىدا ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى پۇتبولدىن ئىزدەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    پۇتبول سارىڭى: نەقمەيدان مۇسابىقىسى كۆرگەندە، ھاياجاندىن مەيدانغا كىرىۋالىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
559590443397628542.jpg
    توپ مەستانىلىرى ھەقىقىي توپنى چۈشىنىدىغان، توپتىن ھوزۇرلىنالايدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ، ھەرگىزمۇ كىم توپ كىرگۈزسە شۇ نوچى دەپ قاراپ، بىر- ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپلا كوماندىغا ھۆكۈم چىقىرىۋالىدىغان، جەرياننى كۆرمەي نەتىجىگىلا قارىۋالىدىغان كىشىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ.

    ھەقىقىي پۇتبول مەستانىسى بىلەن ساختا مەستانىنىڭ پەرقى
1.        ھەقىقىي مەستانە مەلۇم توپچىنى ياقتۇرۇشتىن باشلاپ، بارا- بارا بىر كوماندىنى ياخشى كۆرۈشكە تەرەققىي قىلىدۇ.
ساختا مەستانە كوماندىنىڭ (ياكى توپچىنىڭ) سانلىق مەلۇماتلىرىنى (مۇسابىقە نەتىجە نۇمۇرىنى) ياخشى كۆرۈشتىن باشلاپ كوماندىنىڭ (ياكى توپچىنىڭ) نەتىجىسىنى باشقا كوماندىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا تەرەققىي قىلىدۇ.
2.        ھەقىقىي مەستانە ئۆز قەلبىدىكى قەھرىماننى قوللايدۇ، گەرچە ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرى بولسىمۇ ئوخشاشلا ياخى كۆرىدۇ.
ساختا مەستانە ھەرقانداق ئادەمنىڭ كەمچىلىكى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى قەلبىگە سىغدۇرالمايدۇ، كۈن بويى ئۆز قەلبىدىكى قەھرىمان ھەممە جەھەتتە مۇكەممەلدەك، باشقىلار ياقتۇرىدىغان توپچىلارنىڭلا كەمچىلىكى باردەك پو ئېتىپ يۈرىدۇ.
3.        ھەقىقىي مەستانە ئۆزى ياقتۇرىدىغان كوماندىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە قارشى تەرەپ كوماندىنىمۇ ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ.
ساختا مەستانە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇبنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە باشقا كوماندىلارنى ئەخلەت قاتارىغا چىقىرىۋېتىدۇ (ئەخلەت كوماندىلار بىلەن مۇسابىقە قىلغان كوماندىنىڭ نېمىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك).
4.        ھەقىقي مەستانە ئۆزىنىڭ قەھرىمانىغا ئىشىنىدۇ، ئۇنى ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمەيدۇ.
ساختا مەستانە كۈن بويى باشقىلارنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە تەسەللىي تاپىدۇ.
5.        ھەقىقىي مەستانە مۇسابىقىدە غەلبە قىلغاندىكى خوشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنى بىلىدۇ.
ساختا مەستانە باشقىلارنى تىللاشتىن خوشاللىق تاپىدۇ.
6.        ھەقىقىي مەستانە گەرچە توپ تەپمىگەن بولسىمۇ، توپتىن خوشال بولىۋېرىدۇ.
ساختا مەستانە ئۆزى توپ تېپەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى باشقا مەستانىلەردىن ئۈستۈن تۇتۇۋالىدۇ.
7.        ھەقىقىي مەستانە قوللايدىغان توپچىلار ۋە كوماندىلار ھەرخىل بولىدۇ.
ساختا مەستانە بولسا ئەڭ كۈچلۈك بىرلا كوماندا ياكى توپچىنىلار قوللايدۇ، چۈنكى ئۇ ئادەم تىللىغاندا ئادىمىيلىكىنى يوقىتىدۇ.
8.        ھەقىقي مەستانە ئۆزى قوللىغان كوماندا خاراپلاشقان چاغدىمۇ ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزمەيدۇ.
W020120629332769149042.jpg MAIN201407131618000189656602914.jpg
ساختا مەستانە بولسا ئەڭ قالتىس ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كوماندىنىلا ياخشى كۆرىدۇ، خاراپلاشقاندا بولسا ئۇنىڭدىن يىراقلىشىدۇ.
    ئاخىرىدا شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ساختا مەستانىنىڭ مەلۇم كوماندا ياكى توپچىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا باھا بېرىش سالاھيىتى يوق.
                        مەنبە: تور دۇنياسى ۋە ئويلىغانلىرىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-4-30 17:53:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما بوپتۇ قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 17:54:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكىلەر مۇشۇ تىمىدىن ئۆزىنىڭ قانداق مەستانە ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلسا بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 17:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 17:57:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەستانىلىق ئۆزنۆۋىتىدە ئەخلاق ۋە مۇئەييەن ساپا تەلەپ قىلىدۇ ،ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلغان توغرا رىقابەت مەستانىلىقنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ.قارىسىغا سۆزلەش ئاغرىق ئاداۋەتلا ئېلىپ كىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قايسىنىڭغا كىرەمە؟ ……


تىما  ئىسىل چىقىپتۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:03:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەتجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 18:05  

بۇ ئايلىق نادىرغا بىر بېلەت كەتتى.
  قانداقلا قىلسام ئۆزۈمنى ھەقىقىي توپ مەستانىسى ئويلاپ قالدىم. بولۇپمۇ ئاخىرىدىكى بىر قانچە تارماقتا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:04:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېما     ………
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:09:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز Fans تىپىدىكى توپ مەستانىلىرى قاتارىغا كىرىدىكەنمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئومدان تىما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-30 18:16:44 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تېما ئىگىسىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەھمەت …لىكىن بۇ تېمىنى نۇر تورىدا ئۇقۇغان ئىدىم خېلى بۇرۇن……لىكىن گەپلىرىمنى خاتا چۈشەنمىگەيسىز…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-23 03:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش