elan ornielan orni
كۆرۈش: 2906|ئىنكاس: 20

تەنتەربىيە ئىشلىرىدىكى تۆھپىكار - مۇزەپپەر مۈلۈكھاجى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-29 11:26  


    225548lpyjgr8pz5r8r5f9.png
  دۇنياۋى كاتتا مۇسابىقىلەرنى  ئانا تىلىدا كۆرۈش، كىشىگە تولىمۇ يېقىملىق، ھۇزۇرلۇق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ......
  شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى، ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىنى ئانا تىلىمىزدا بىۋاستە تارقىتىش ئۈچۈن، بىر ئاي كىرپىك قاقماي ئىشلەۋاتقان ئاشۇ ئارقا سەپتىكى جاپاكەش مېھنەتكەشلىرىمىزنى مۇسابىقە ئاخىرىدىكى ئىسىمدىنلا كۆرىمىز. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ تەنتەربىيە مېھنەتكەشلىرىمىزدىن بىرى بولغان مۇزەپپەر مۈلۈكھاجى ئاكىمىز بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى...

QQ截图20150428124702.png
مۇزەپپەر مۈلۈكھاجى << شىنجاڭ تەنتەربىيىسى>> پىروگراممىسنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى .
1993- يىلى شىنجاڭ ئونۋېرسىتى ئاخپارات فاكۇلتىنى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى 7-ئايدا  شىنجاڭ تىلۋېزىيە ئىستانسىغا خىزمەتكە چۈشكەن.
1993-يىلىدىن 2002-يىلغىچە تورچىلىق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ  ئىچكىرى - ئۆلكە ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئاساسى قاتلاملاردا تورچىلىق خىزمىتى قىلغان .
2002- يىلى <<شىنجاڭ تەنتەربىيىسى >> پىروگىراممىسى تەسىسس قىلىنغاندىن بۇيان ،فىلىم  ئىشلەش ۋەزىپىسنى ئۈستىگە ئالغان.
شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن  پىروگىرامما ئىشلەش بىلەن بىرگە  2002-2004-  يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇلاپ تارقاتقان ۋە بىۋاستە گۇرۇپىنىڭ مەسئولى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان. تۇنجى قىتىم شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىسى  ئۇيغۇرچە  قانىلىدا << دۇنيا لۇڭقىسى >> تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىى ئۇلاپ تارقىتىش خىزمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . 2006- يىلى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ  دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ  ئۇيغۇر تىلىدا بىۋاستە تارقىتىشقا مەسئۇل بولغان .  
2008-يىلى  بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە   نەق مەيداندىن بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىدا  ئۇلاپ تارقاتقان .
2010- يىلى جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ، 2012-يىلى پولشا-ئۇكرائىنا ياۋرۇپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، 2014-يىلى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگىچە بىۋاستە ئۇيغۇر تىلىدا ئۇلاپ تارقىتىش  گۇرۇپپىسنىڭ مەسئولى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن .
1993- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا مەملىكەتلىك ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىز ، تىلىدا ئەسەر باھالاشتا 10 قېتىم 1-لىكنى، 5 قېتىم 2-لىكنى ئالغان .2004 ۋە 2006- يىلى مەملىكەتلىك  ئاز سانلىق مىللەتلەر تىمىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم باھالىشىدا ئىككى قېتىم ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ، ئون نەچچە قېتىم ئىدارە بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان.

  2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى ئۇيغۇرچە تارقىتىش خىزمىتى
http://player.cntv.cn/flashplaye ... 3&tai=weiyu   




‹‹چىمبۇلاق تورى›› سالونىدىن ئېلىندى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
بوۋاي + 50 يەنە بىر ياخشى تېما !
hasrat + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2015-4-28 16:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ، ئىككى كۈن بولدى، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتتىمۇ نېمە...
   مۇنبەرداشلار، مۇزەپپەر مۈلۈكھاجى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ بىۋاسىتە قوماندانى، مېنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكىم، مېنى قوللاپ، بەزى مۇھىم چاغلاردا ھەتتا قوغداپ، ماڭا ئىشىنىپ كەلگەن كىشى. ئۇ پۇتبولنى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش خىزمىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە كېلىشىنىڭ، شەخسەن مېنىڭمۇ مۇشۇ كۈنگە ئېرىشىشمنىڭ بىرىنچى پەرۋىشكارى.
  ئۇمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسىپىنى پۈتكۈزگەن، 1990 - يىلىلا مۇسابىقە كۆرۈشكە باشلىغان بولۇپ شىنجاڭدىكى ئەڭ پېشقەدەم پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ۋە تەنتەربىيە مۇخبىرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە تەنتەربىيە پىروگراممىلىرىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى ئاجايىپ زور. ئەسلىدە ئۇمۇ مۇسابىقىنى ياخشى چۈشەندۈرەلەيتتى، بىرسىگە پەردە ئارقىسى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى تۈپەيلى، يەنە بىرسىگە ياشلارنى بايقاپ، تەربىيەلەپ كەلگۈسىگە شارائىت يارىتىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىپ نامسىز قەھرىمانغا ئايلاندى.
    ئىشىنىمەنكى، مۇزەپپەر ئاكاملا بولىدىكەن ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش خىزمىتى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 15:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇنداق تېخنىك خادىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۆمىد قىلىمز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 15:23:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  مۇشۇنداق  مىھنەتكەچ   ئاكىلىرىمىز  بولغانچقا   ، بىزلە  مۇسابىقىلەرنى   ئۆز  تىلىمىز   ئاڭلاپ  كۈرەلەيدىكەنمىز   ،  بمۇشۇنداق  جاپاكەشلىرىمىزنىڭ  خىزمەتلىرىنىڭ  بۇندىن   كىيىن تېىخمۇ  ئۇڭۇشلۇق  بۇلىشىنى  ئۈمۈد ئۈمۈد  قىلىمىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 15:27:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئوغلانلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يىتشىپ چىقشىنى ئۇمۇت قىلمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 15:43:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىلە    ئەزىمەتلە     بىز   سىلەدىن   پەخرىلىنىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 15:48:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 2006-يىلىق گىرمانىيە دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۇنجى قىتىم ئ‍ۇيغۇر تىلىدا تىلۋىزوردا كۆرگەندا بەك ھاياجانلانغانتىم،،،، ھەم شۇندىن كىيىن داۋاملىق قالدۇرماي ئ‍ۇيغۇر تىلىدا بىرىلگەن مۇسابىقىنى كۈرىۋاتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 15:49:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەنىم بولسا تارقاتتى ئۇيغۇرچىدا ، مەن ئىشىنىمەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ۋە ھەر قايسى بىرلەشمە مۇسابىقىلەرمۇ تارقىتىلىدۇ ،. مۇشۇنداق ئۇستازلارنىڭ ئەجرى تېخىمۇ مىۋىلەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 16:00:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 16:18:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا پەردە ئارقىسىدىكى قەھىرماننىمۇ  بىلىۋالدۇق ، سزنىڭ بىزدە پۇتبول مەستانىلىرى ئۇچۇن ئانا تىلدا چۇشەندۇرۇلگەن مۇسابىقىلەرنى  كۇرۇش پۇرسىتىگە  ئىرىشتۇگەنلىكىڭىزگە  رەھمەت  ئېيتىمەن  ،،سالامەت بۇلۇڭ ،،،خىزمىتىڭىز ئۇتۇقلۇق  بولغاي ،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-28 16:24:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەتجان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 14:03
پاھ، ئىككى كۈن بولدى، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشنىڭ ئۇۋىسى چۇۋ ...

بۇ ئاكىمىزمۇ قەشقەردىنما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-4-28 16:30:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەربىدار يوللىغان ۋاقتى  2015-4-28 16:24
بۇ ئاكىمىزمۇ قەشقەردىنما؟

ياق، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. دادىسى مۈلۈكھاجى تونۇلغان مائارىپچى، يۇرتى ئاتۇش.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 17:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش