ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 27 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىنداشلار !!!
مەن بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، مەن يۇرتىمىزدىكى بىر پۇتبول سۈيەر ساخاۋەتچى ئاكىمىزنىڭ تەۋسىيەسى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسى بويىچە يۇرتىمىزدا بىر پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى قۇرۇشنى بىكىتكەن، ئەمما بۇ مەستانىلەر كۇلۇبىنىڭ ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ۋە يوللىرىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق . توردىن ماتىريال ئىزدەپ تاپقان بولساممۇ ،ئەمما چۈشىنەلمىدىم. بۇ ھەقتە بىلىدىغان ياكى ماتىريال بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ مەستانىلەر كۇلۇبىنى قۇرۇشتىكى مەخسەت ، يۇرتىمىزدىكى پۇتبول سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنى ئەركىن بىر سەھنە بىلەن تەمىنلەپ ، ئۇلارنىڭ پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ ئوتى كۈچلۈك يالقۇنغا راسا قاندۇرۇش ۋە يۇرتىمىزنىڭ ،شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ پۇتبول تەرەققىياتىغا ئازراق بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش.
كۇلۇپنىڭ مەخسەت نىشانى——
1.ئۆز ئالدىمىزغا چىقىملىرى ئۆزىمىزدىن بولغان بىر كوماندا قۇرۇش.
2.ناۋادا يەرلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ قالساق كۇلۇپنىڭ نامىدا بىر كۇلۇپ فوندىسى قۇرۇپ، قوبۇل قىلغان ۋە توپلىغان ئىئانە مەبلىغىنى يۇرتىمىزنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىش.
3.يۇرتىمىزدا قەرەللىك ھالدا پۈتۈن مەبلەغ ۋە چىقىمنى ئۆزىمىزدىن قىلىپ مۇسابىقە تەشكىللەپ ، يىتىشىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلىشنى ئويلاۋاتقان پۇتبول ئىزباسارلىرىغا ئۆزىنى نامايەن قىلغۇدەك سەھنە ۋە شارائىت يارىتىپ بىرىش .
قېرىنداشلىرىمنىڭ قولىدىن كەلگەن ياردىمنى ئايىماي بۇ ئىشقا ياردەم قىلىشنى شۇ ئارقىلىق دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىغا ئازراقمۇ بولسا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارتىپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن . |
|