ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3589 |
تۆھپىسى: سەر |
|
دۇنيادا 100% توغرا ئۇسۇل يوق. پەقەت نىسبەتەن توغرىراق ئۇسۇل بولسا كۇپايە.
مۇنبىرىمىزنى پاخاللىقتىن، تېتىقسىزلىقتىن، يوقسۇللۇقتىن، جېدەل - ماجرادىن ساقلاشقا ماۋۇ ئۇسۇل خېلى رول ئوينىيالايدىكەن. ئايلىق باھاسى 20 يۈەن ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق. بۈگۈنكى كۈنلەردە كومپىيۇتېر ئالدىدىن كەتمەيدىغان بىزدەك ياشلار ئۈچۈن بۇ قىممەت ھېسابلانسا تورغا چىقماي، بېلىق تورى ئارتۇۋالغۇلۇق...
يەنە بىرى، بۇ پۇل يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن نىجاد قانچىلىك ئېلىۋالار، مەھمۇدىيە قانچىلىك يۇتۇۋالار دېگۈچىلەرگە دەيدىغىنىم: خەق شاپائەتچى جىگۇڭ ئەمەس، خەقنىڭمۇ ئۆيى، بالىسى، كالىسى بار. سىز نوچى بولسىڭىز بۇنىڭدىنمۇ نوچى، بەك سەۋىيەلىك، بىر تال ئېلان قىستۇرمايدىغان، تېما يازغانلارغا مائاش تارقىتىدىغان، مەۋھۇم مېدال تارقىتىش ئورنىغا دۇبەينىڭ تىللاسىنى تارقىتىدىغان مۇنبەردىن بىرنى ئېچىڭ، مۇنبەر ئەزاسىنى مەن تېپىپ بېرىمەن. يىغىلغان پۇللارنىڭ ھالال ۋە دۇرۇس ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. |
|