ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3468 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-17 00:32
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
يىقىدىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە مۇنبەر جازاسىغا ئۇچرىغان بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئەخلەت نۇمۇرلىرىنىڭ چەكلىنىشى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان كۆڭۈل بۆلۈشلەر ،ھىسداشلىق قىلىشلار ۋە ئىچ ئاغرىتىشلار بولۇپ ئىنكاسلار بولۇندى ۋە شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تىمىلامۇ يىزىلىپ قالدى.
ئۇشبۇ ۋەجىدىن مەن شۇ ھىسداشلىق قىلغۇچىلارغا قىسقا ئەمما ئىخچام بولغان چۈشىنىشلىك جاۋاب بىرىشنى لايىق تاپتىم.
بۇ تىمىنى ئوقۇپ يەنە ‹ پالانىچى نىمە سەۋەپتىن چەكلەندى؟ پوكونىچىغا ئۇۋال بولدى؟ پۇستانىچىنى قويىۋەتسۇن؟› دەيدىغان ئىنكاس يازىدىغانلارنىڭ چىقماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەم چىقمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
ئەگەر چىقىپ قالسا ئۇنىڭغىمۇ نە چارە، ئۇيغۇرچە سۆزنى يەنە ئۇيغۇرغا تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈش بىھاجەت !
دۆلەتنى قانۇن - تۈزۈم، جەمىيەتنى ئەخلاق ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ كىچىككىنە بىر ئائىلىمىز بولغان مۇنبىرىمىزنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە-تۈزۈملىرى بار.
قانۇن-تۈزۈمگە،ئەخلاققا رىئايە قىلمىغانلار،خىلاپلىق قىلىمىش بىلەن شۇغۇللانغانلار قانۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك جازاسىغا ئۇچرايدۇ.شۇنىڭدەك مۇنبىرىمىزدىمۇ دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە بوي سۇنمىغان،ئىجتىمائى ئەخلاققا زىد گەپ-سۆزدە بولغان، مۇنبىرىمىزنىڭ ئىللىق كەيپىياتى بۇزغان ھەم بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلار مۇنبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلك جازالىرىغا ئۇچرايدۇ.
مۇنبەردە جازالىنىشنىڭ سەۋەبى:
مۇنبىرىمىزدە،
1. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلمغانلار،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان سۆزلەرنى قىلغانلار،مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى سۆزلەرنى قلغانلار بىردەك مۇنبەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ،نۇمۇرى ئۆچۈرىلىدۇ، ھەمدە IP سى قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدۇ.
2. شەخس ياكى بىرەر ئورگاننىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر ياكى زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلار،بىراۋغا يەنى مەلۇم شەخسكە قورقۇتۇش،تەھدىد سىلىش خاراكتىردىكى سۆزلەرنى قىلىغانلار،ئالدامچىلىق مەخسىتىدە ساختا-يالغان ئىلان خاراكتىرىدىكى تىمىلارنى يوللىغانلار مۇنبەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ،نۇمۇرى ئۆچۈرىلىدۇ ، ھەمدە قىلمىشى ئىغىرراقلىرىنىڭ IP سى قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلىدۇ.
3. ئىجتىمائى ئەخلاققا ۋە تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلماي توردا ئەخلاقسىز گەپ-سۆزلەر بىلەن بىر-بىرسىنى تىللىغانلار، باش سۈرەت،ئىمزا رەسىم قاتارلىقلارغا شەخسنىڭ زىدىغاتىگىدىغان رەسىم ياكى سۆزلەرنى چىقىرىۋالغانلار قىلمىشىنىڭ ئىغىر يىنىكلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن مۇنبەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىنچە جازالىنىدۇ.(ئاگاھلاندۇرۇش،قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش،تەنقىدى-تەربىيە بىرىش،كۈنلۈك زىيارىتىنى ياكى ئىنكاسىنى چەكلەش،ھەپتىلىك زىيارىتىنى ياكى ئىنكاسىنى چەكلەش، ئايلىق زىيارىتىنى ياكى ئىنكاسىنى چەكلەش،يىللىق ئىنكاسىنى ياكى زىيارىتىنى چەكلەش،نۇمۇرىنى توڭلىتىش)
سۇئال: چەكلەنگەن ئەزالار تۆۋە قلسا كەڭچىللىك قىلىپ نۇمۇرلىرى قويۇپ بىرىلەمدۇ؟
جاۋاب:1-2- تۈردىكى ئەزالارنىڭ نۇمۇرى بولۇپ قالسا ، مۇمكىن ئەمەس مۇنبەردە ئۇنداق نۇمۇر قايتا كۆرۈلمەيدۇ.
3- تۈردىكىلەرنىڭ بولسابىز 7-8 يىلدىن بىرى ئەخلاسىز ئەزالارغا كۆپ تەربىيە قىلىپ ۋاقىتلىق چەكلەيدغانلار بولسا چەكلەپ يەنە، مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن شۇ ئەزانىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن نۇمۇرىنى ئىچىپ بەرگەن.
ئەمدى بۈگۈندىن باشلاپ كەچۈرىسىز،
مەيلى ۋاقىتىق چەكلەنگەن بولسۇن،مەيلى نۇمۇرى توڭلىتىلغان ئەزالار بولسۇن قوللانغان جازا تامغا بىسىلغان كۈندىن باشلاپ ئاخىرلشىش مۆھلىتىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.قەتئى ئۆزگەرتىلمەيدۇ.
سۇئال : مۇنبەردە ئەمدى پالانىچى ئەزادىن ئايرىلىپ قالدۇق؟ پوكونىچى ئەزادىن ئايرىلىپ قالدۇق؟
جاۋاب: شۇ نەرسە ھەممىڭلارنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭ بولسۇنكى: بىز مۇنبەردە يەنى بۇ مەۋھۇم دۇنيادا ئىشلىتىۋاتقان (ئەخلاقسىز،ئەخلەتكە ئايلىنىپ كەتكەن )نۇمۇرنى چەكلەيمىز ھەرگىزمۇ ئادەمنى چەكلىمەيمىز ھەمدە ئۇنداقمۇ قلالمايمىز.
شۇڭا بىردىن بىر قايىل قىلارلىق جاۋاب نىمە؟ يەنىلا ‹‹ ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ ›› .
ئەگەردە شۇنداق ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇ ئەخلەت نۇمۇر چەكلەنگەن بولسا ھىچقىسى يوق، مۇنبەرگە يىڭىدى نۇمۇر ئىلىپ يىڭىچە قىياپەتتە كىرسىڭىز بولىدۇ.
سىز شۇ چەكلەگەن بىر قىسىم نۇمۇرلارغا ئىچىڭىزنى ئاغرىتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىز ھىچقاچان شەخسنى چەكلىمىدۇق ھەم چەكلىيەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ مۇنبەرگە مىھرى بولسا يىڭىدىن نۇمۇر ئىلىپ يىڭىچە قىياپەتتە كىرسە بولىدۇ.
مىنىڭچە نۇمرى چەكلەنگە ئەزالار مۇنبەرنى بىر كۈنمۇ تاشلىۋەتكىنى يوق. ئۇلار داۋاملىق كۈندە دىگۈدەك بۇ ئامراق مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.
سىز ئۇلاردىن خاتىرجەم بولۇڭ، بىز ھىچقايسى توردىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالمايمىز، پەقەت شۇ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كەتكەن نۇمۇرنى يوقاتتۇق.
ئۇلار ھامىنى بىر كۈنى يىڭىچە قىياپەتتە قايتىپ كىلىدۇ.
بۈگۈندىن باشلاپ مۇنبىرىمىزدە مەخسۇس ئىنتايىن مەخپىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش گورۇپىسى قۇرۇلدى.
بۇ گورۇپپا مەخسۇس باشقۇغۇچىلار(يىگىت بىشى، ئالىي ئەزا) نىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قلىدۇ.
باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن ئەزالارنى چەكلەش ، تما ئىنكاسلارنى قالايمىقان ئۆچۈرۈش ،،،،،،قاتارلىق ئۆز بىشىمچىلىق خاھىشىنى قاتتىق نازارەت قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ ھەمدە بايقالغۇچىلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
شۇڭا جاپاكەش باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ ھەرقانداق باشقۇرۇش مەشخۇلاتى ئىلىپ بارغاندا ئىنتايىن سەگەك بولۇپ،ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش خزمىتىدە تىخىدىنمۇ سوغۇققان ، تىخىدىنمۇ ئەستايىدىل بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمز !!!
ھەقايسى ئەزالارنىڭمۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ خزمىتىنى قوللاپ قۇۋەتلىشىنى، باشقۇرۇش خىزمىتىگە يىقىندىن ماسلىشىپ بىرىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۆتۈنىمىز ھەمدە ئۈمۈد قىلىمىز!!!
مۇنبەردە يىقىندىن بۇيان بەزى ئەزالارنىڭ مۇنبىرىمىز تەرەقىيات ئىشلىرى، باشقۇرش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىشى ۋە نازارەت قىلىشى شۇنداق ياخشى بولاۋاتىدۇ.
ئاخىرىدابۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇنبەردىكى ھەرقانداق بىر پۇتبول مەستانىسى ئەزانىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ بىزگە يىڭى-يىڭى تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرىشىنى ، مۇنبەر باشقۇرۇش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ ئورنلۇق پىكىر-تەكلىپلەر بولسا بىرىپ مۇنبىرىمىزنى بىرلىكتە باشقۇرىشىنى،
يۇقىرىسى دۆلتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىنى،تۆۋىنى مۇنبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قائىدە-تۈزۈملىرىگە بوي سۇنىشىنى، شۇنداقلا ئىللىق بولغان بىر مۇنبەر مۇھىتى ھازىرلاشقا بىر كىشلىك تۆھپە قوشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ھەمدە قىزغىن قارشى ئالىمىز!
ئىزاھات:
ئۇشبۇ تىما مۇنازىرىسىز تىما !
پۇتبول مۇنبىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى |
|