ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 340 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تىڭشۇن تەنتەربىيە خەۋىرى،2015-يىلى4-ئاينىڭ15-كۈنى چىمپىيونلۇق لوڭقىسى 4كۇچلۇككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئەنچىلودى گەرچە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا مادرىد رىقابەت بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.سىمونىغا نىسبەتەن گەرچە غەلىبە قىلالمىغان بولسىمۇ ،لېكىن بۇ نەتىجە ئۇنىڭغا نىسبەتەن بەك ئەپسۇسلۇق نەتىجىمۇ ئەمەس.مادرىد رىقابەت كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ ئومۇمىي باھاسى مادرىد كوماندىسىدىكى ئەزالارنىڭ باھاسىنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ بولمىسىمۇ لېكىن كۈچلۈك رەقىب ئالدىدا سىمۇنى بارغانسېرى بوش كەلمىدى.2012-يىلى تىرېنېر بولغاندىن تارتىپ 4پەسىل كوماندىنى يېتەكلەپ مادرىد بىلەن 16قېتىم تۇتۇشۇپ 7ئۇتۇپ 3قېتىم تەڭلىشىپ 6ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىنى يىرتىپ مۆتىدىل ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىكى ئىگىرلەش كۆرۈنەرلىك بولۇشقا باشلىغان بولۇپ يېقىنقى 7مەيدان مۇسابىقىدە مادرىدقا ئۇتتۇرۇپ باقمىغان.سىمۇنى ۋە ئۇنىڭ توپچىللىرىنىڭ مادرىدقا تاقابىل تۇرۇش پۇزۇتسىيىسى بارغانسېرى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتكەندەك تۇرىدۇ.ئۆتكەن يىلقى چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچتىن كىيىن سىمۇنى مادرىدقا ئۇدا7مەيدان ئۇتتۇرماي ئەينى ۋاقىتتىكى بارسلونا تېرنىرى گۇادىئولانىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشكەن.ھەرئىككىسى ئوخشاشلا 7مەيدان مۇسابىقىدە 4مەيدان يېڭىپ 3مەيدان تەڭلەشكەن.گۇادىئولا 8-مەيداندا تەسلىم بولغان،سىمۇنى رېكورتنى بۇزالامدۇ ؟ئۇزغۇنلۇقنىڭ 2-ئايلانمىسىدا مەلۇم بولىدۇ. |
|