ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 18 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم پۇتپۇل مۇنبىرىدىكى بارلىق ئاكا-ئىنە دوست بۇرادەرلەر ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن.
گەپنى قىسقارتىپ ئاساسىي مەقسەت پىكىرگە كەلسەم، بۇ پۇتپۇل مۇنبىرى ھازىرقى بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى خىلى كۆزگە كۆرۇنگەن ھەم ئاز بولمىغان پۇتپۇل مەستانىلىرىنىڭ پۇتپۇل ئىھتىياجىدىن چىقىپ كىلىۋاتقان ئالدىنقى قاتاردىكى پۇتپۇل مۇنبىرى دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنى ھەممىمىز بىلىپ تۇرۇپتۇق، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇتپۇل مۇنبىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ، ھارماي مۇنازىرە ئىلىپ بارىدىغان پۇتپۇل سۈيەر مەستانىلەرگە ، ئەڭ يىڭى خەۋەرلەردىن مەزمۇن ۋە بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغۇچى تەرجىمان مەستانىلەرگە ھۆرمىتىمنى يوللايمەن.
مۇشۇنداق بىر مۇھىتنىڭ ئىلھامى ۋە پۇرسىتى مۇناسىۋىتى ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنكى پۇتپۇل تەرەقىياتىنىڭ تەلىپى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق بىر پىكىرنى سۇنماقچىمەن ، بەلكىم بۇ مەسىلە بۇرۇنمۇ بولۇنغان بولىشى مۇمكىن لىكىن ئۇنۇمىنى شەخسەن مەن ھىس قىلالمىغان بولىشىم مۇمكىن، شۇڭا بۇ پىكىرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ مەسىلىگە ئوت تۇتاشتۇرۇپ بىرلىكتە ئوتنى ئۇلغايتىش مەقسىتىدە يىزىپ تۇرۇپتىمەن.
ئەمدى ھەقىقىي ئاساسىي مەقسەتكى كەلسەم، پۇتپۇلچىلىق تەرەقىياتىمىز ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرسى بولغان «پۇتپۇل ئىلمىي » توغرىسىدىكى ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى ئونۋىرسال خارەكتىرلىك ھەرخىل ئىلمىي يازما كىتاپلار، بىلىملەر ،
تىخنىكا، ھەرخىل ئۇقۇم تونۇشلار، ... يىغىپ كەلگەندە پۇتپۇلغا ئائىت يازما كىتاپ بولسۇن، تەرجىمە كىتاپلار بولسۇن، بىزدە بىر بوشلۇق، يىتەرسىزلىك بولۇپ تۇرۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە مۇنبەردىكى ئىجدىھاتچان مەستانىلىرىمىز تەرىپىدىن ياخشى مەزمۇندىكى يازمىلارۋە بىلىملەر يىزىلىپ، تەرجىمە قىلىنىپ تۇرىلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا ئاپىرىن. لىكىن بۇ يەنىلا دىيارىمىزدىكى پۇتپۇل ماتىريال ئىھتىياجىنى پەقەت تور بەتتىكى ئابونتلارنىڭلا كۆرۇشى بىلەن چەكلىنىپ قىلىپ، دائىرىسى تار بوپقىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت ، ۋە پۇتپۇل ئىلمىي ماتىرياللىرىنىڭ سىستىمىلىق تۇرلەر ياكى مەزمۇنلار بويىچە ئايرىپ رەتلەپ چىقىلغان ماتىرياللارنىڭ ئاز بولىشى... يەنە باشقا ۋاھاكازالار. مۇشۇ قەدەر ئىشلارنىڭ بىر مەسىلە قاراپ ھەل قىلىپ بىقىشقا تىرىشىپ ئىزدىنىپ بىقىش مەقسىتىدە بۇنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
يۇقىرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن، ھەمدە ھەرقايسى يازغۇچى، تەرجىمان، ئىنكاسچى،باھاچى، تەھلىلچى،تاكتىكىچى، ئورۇق-سىمىز ھەرقايسى دوستلارنىڭ پىكىر قۇشىشىنى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ياخشى بىر مەقسەتكى كىلىشمىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.
يەنى پۇتپۇل ئىلمى ۋە پۇتپۇلغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا سىستىمىراق رەتكەسىلىپ، يازغۇچى، تەرجىمان، ۋە تىخنىكىلىق بىرتەرەپ قىلغۇچىلار بىرلىشىپ بىر مۇنبەر نامىدا ياكى باشقا نامدا بولسۇن بىر گۇرپا تەشكىللەپ ، يازما ماتىرياللارنى كىتاپ نوسخىسىدا ياكى ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپ نۇسخىسىدا بولسىمۇ تۈزۈپ چىقىپ تارقاتساق دىمەكچىمەن.
قانداق قىلىپ بىرگۇرپا تەشكۈللەش ۋە ئىلىپ مىڭىش توغرىسىدا ئويلىغان كونكىرت پىلانلىرىم بولسىمۇ يەنىلا كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەندەك ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلارنىڭ پىكرىڭلارنى ئىلىپ ئاندىن دىيىشسەكمۇ كىچىكمەسمەن دەپ ئويلاپ مۇشىنچىلىك يىزىپ تۇراي...
يۇقۇرقىدەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق ئىشقا پىدائىي بولالايدىغان، ئەجىرقىلالايدىغان بىر توپ كىشىلەر كىرەك ئەلۋەتتە، بۇ ئىھتىياجنى بۇ مۇنبەردىكى پۇتپۇل سۈيەر مەستانىلەرنىڭ تولدۇرالايدىغىنىمىزغا ئىشىنىمەن.
مىنىڭمۇ خەنزۇچىدىن ۋە تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش سەۋىيەرىم بەك ياخشى بولۇپ كەتمىسىمۇ ، تەرجىمە قىلالايمەن ھەم تىرىشىۋاتىمەن،ھەم بىرقىسىم مەزمۇنلارنى رەتلەپ تۈرلەپ بىر ئىلىكتۇرۇنلۇق كىتاپ( ھەپتىلىك نادىر يازمىلار، ھەرقايسى توربەتلەردىكى پۇتپۇلغا ئائىت يازمىلارنى توربەت نامى ۋە يازغۇچى نامىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا ) تۈزۈپ چىقىشقا تۇتۇش قىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئەگەر بىر گۈرپا تەشكىللىنىپ قالساق بۇ گۈرپىغا بىرىنجى بولۇپ قىتىلىشقا تەييارمەن. پۇتپۇلغا ئائىت كىتاپ ياكى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئازراق بولسىمۇ كۈچ قۇشالىسام شۇ مىنىڭ خۇشاللىقىم.
ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نۇمۇرۇم: 15675903734
چ چ: 1459333050
بۇ چ چ توپىدا مۇنازىرلەشسەكمۇ بولىدۇ: 113852155
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|