ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1930 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
يۇۋىنتىسنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى نىدىۋىد بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى توغرىلىق سۆز قىلغان !
ئۇنىڭ قارىشىچە يۇۋىنتىسنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسنى ئېلىشتا ئۈمىد بارلىقىنى ، ھەم بارسېلونا ۋە بەيرىننىڭ بۇ يىلقى ئۇزغۇنلۇقتىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا رېئال مادرىد نىڭ بۇ پەسىل ئالدىنقى پەسىلدىكىدەك ئۇنچە قالتىس ئەمەسلىكىنمۇ ئىيىتىپ ئۆتتى .
خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئالدىنقى پەسىل ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالغان . ئۇلار يېرىم ھەل قىلغۇچتا بەيرىن مىيۇنخېن نى (ئىككى ئۇچىرىشىتا ) 5-0 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلىپ ، ھەل قىلغۇچتا بىر شەھەردىكى رەقىبى ئاتلېتىكا مادرىد بىلەن ئاخىرقى سىكۇنىتلاردا تەڭلىشىپ ،قېتىپ بېرىلگەن ۋاقىتلاردا ئۇلارنى 4-1 نەتىجە قىرغىن قىلىپ 10 - قېتىملىق يوغان قۇلاقنى قولغا كەلتۈرگەن . ھەم بۇ پەسىل بېشىدا (ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ) 22 مەيدان ئۇدا يېڭىپ يېڭى بىر سەھىپە ياراتقان .
لېكىن 2015-يىلى كىرىشى بىلەن مادىرىدنىڭ نەتىجىسى تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنگە قاراپ چۈشكەن بولۇپ ، بىرلەشمىدە چوققىدىن چۈشۈپ كېتىش ،ۋە ئۇزغۇنلۇقنىڭ 8/1 تاللاش باسقۇچىنىڭ 2- ئۇچرىشىشىدا شالىك 04 كوماندىسىغا ئۆز مەيدانى سانتىياگو بىربابۇدا 4-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان بولسىمۇ ، لېكىن بىرىنچى ئۇچرىشىشتىكى 2-0 نەتىجىسى بىلەن شالىك 04 نى تەستە يېڭىپ 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن !
بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق توغرىسىدا سوئال سورالغاندا نىدىۋىد بارسېلونا ۋە بەيرىننىڭ ئۇزغۇن بولىدىغان قىزىق نۇقتىلىق كوماندىلار ئىلەنلىكىنى ئېيتقان . ئۇ :« يۇۋىنتىسنىڭ چەك تارتىشتا بارسېلونا ۋە بەيرىن غا ئۇچراپ قالمىغانلىقى يۇۋىنتىسنىڭ تەلىيى . چۈنكى ئۇلار ياۋروپادىكى ھەقىقەتەن كۈچلۈك كوماندىلار ،رېئال مادرىد بولسا ئاللىقاچان ئالدىنقى يىلدىكى ئىپادىسى يوقىتىپ قويدى .لېكىن ئۇلار چوقۇم تىزلا ئۆز ئەسلىنى ،ھالىتىنى تاپالايدۇ . » دېدى .
يۇۋىنتىس 8 كۈشلۈكتە فىرانسىيە موناگو كۇلۇبى بىلەن دوقۇرىشىپ قالدى . موناگو بولسا 8 كۈشلۈككە كىرىشتە ئىنگلاند كىچىك زومىگىرى ئارسىنال نى شاللاپ 8 كۈشلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى . نىدىۋىد بۇ ھەقتە :« گەرچە بىز چەك تارتىشتا نام- ئاتاق ۋە كۈچ جەھەتتە كۈچلۈك كوماندىلاردىن ساقلىنىپ قالغان بولساقمۇ،بىز ھەرگىز موناگونى سەل چاغلىماسلىقىمىز كېرەك .موناگو نىڭ مېھمان مەيداندىكى ئىپادىسى ئالاھىدە قالتىس بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارسىنالنىڭ مەيدانىدا ئوينىغان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ . بىز بۇنداق رەقىبتىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك ».
نىدىۋىد ئاخىرىدا قايتىلاپ يۇۋىنتىسنىڭ بۇ پەسىل يوغان قۇلاق نى ئىلىشىدا پۇرسەتنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بەل قويۋەتمەي تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى .
تەرجىمىدە : ھەمراھ |
|